ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(15)
ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنە ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
70 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ھادىسە كۆرۈلگەندىن كېيىن، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تالاپەتنى ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىنى ئازايتىشى، ھادىسە نەق مەيدانىنى ۋە ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى قوغدىشى ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى دەرھال ئېنىقلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسە ئەھۋالىنى دەرىجە ئاتلاپ مەلۇم قىلسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە، چوڭ ھادىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەنگە دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
ھادىسىگە ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خادىملار ھادىسە ئەھۋالىنى كېچىكىپ مەلۇم قىلسا، يالغان مەلۇم قىلسا ياكى يوشۇرسا بولمايدۇ، ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى يوشۇرسا، يوق قىلىۋەتسە ياكى ھادىسە نەق مەيدانىنى قەستەن بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.
71 – ماددا ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
72 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار تارماق ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.
چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.
چوڭراق ھادىسە يۈز بەرگەندە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(15)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدا
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېر
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇ
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى ئىشل
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى