ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(4)

ۋاقىت : 2014-02-10 00:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەرگە قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەلىپىنى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    17 – ماددا دۆلەت ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

    2 – پاراگراف ئىشلەپچىقىرىش

    18 – ماددا دۆلەت تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك:

    (1) ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛

    (2) ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى ۋە ئىش سورۇنى بولۇش؛

    (3) مۇكەممەل سۈپەت كاپالەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملىرى بولۇش.

    19 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئۆلچەمدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىشلەپچىقارغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك، بىخەتەرلىك ئىقتىدارى تەلىپىگە ۋە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شۇنىڭدەك دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

    20 – ماددا پار قازان، گاز تۇڭى، ئوكسېگىن ئۆيى، ئاسما سۆرىگۈچ، چوڭ تىپتىكى ئويۇن – تاماشا ئەسلىھەسىنىڭ لايىھە ھۆججىتىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى باھالىغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ئۈسكۈنە ياساش كېرەك.

    ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەھسۇلاتى، زاپچاسلىرى ياكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىناق قىلىپ ياسالغان يېڭى مەھسۇلاتى، يېڭى زاپچاسلىرى شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلگەن يېڭى ماتېرىياللاردىن بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تىپ تەجرىبىسى ئارقىلىق، بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلىدىغانلىرىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان ئاپپارات تىپ تەجرىبىسى قىلىشى كېرەك.

    21 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى زاۋۇتتىن چىقارغاندا، بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە تەلەپ قىلىنغان لايىھە ھۆججىتى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش شۇنىڭدەك ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ قويۇش ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە مەھسۇلات ماركىسى، بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىنى چاپلاپ قويۇش كېرەك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ