ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(12)

ۋاقىت : 2014-02-10 00:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

    57 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ۋە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

    ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەكتەپ، يەسلى شۇنىڭدەك دوختۇرخانا، بېكەت، ۋوگزال، پىرىستان، سودا سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، كۆرگەزمىخانا، باغچە قاتارلىق جامائەت توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

    58 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەت بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەشتە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ.

    59 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنى بېرىشتە، قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، ئىجازەت بېرىش تەرتىپىنى جەزمەن ئاشكارىلىشى ھەمدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجازەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى؛ ئىجازەت بېرىلمىگەن بولسا، سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

    60 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە تىزىملاتقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مۇكەممەل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارخىپى ۋە ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك؛ بىراك قىلىش شەرتىگە چۈشكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە بىراك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    61 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

    (1) نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش؛

    (2) پاش قىلىش ماتېرىيالى ياكى قولغا چۈشۈرگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەلىل – ئىسپاتقا ئاساسەن، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار توختامى، تالونى، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

    (3) بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ياكى ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بار ئالاھىدە ئۈسكۈنىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ