ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(14)

ۋاقىت : 2014-02-10 00:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

    ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ئىككىدىن ئارتۇق كىشىنى ئەۋەتىشى ھەمدە ئۇلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە دائىر كۈچكە ئىگە بولغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    66 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ۋە تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ئاپپاراتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، ھەر قېتىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى ھەمدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئارخىپقا سېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئىمزا قويۇشقا ئۇنىمىغان بولسا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

    67 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تونۇشتۇرسا ياكى ياساتسا، ساتقۇزسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

    68 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

    5 – باب ھادىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش

    69 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىدە كۆرۈلگەن چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈشكە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈلگەن ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈشكە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، مۇناسىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى ياكى ئۇنى شۇ سىستېمىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ