ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(6)

ۋاقىت : 2014-02-10 00:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

    ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ساتقۇچى ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ۋە سېتىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

    ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بولمىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، تەكشۈرۈلمىگەن ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    28 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارە بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بولمىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ياكى دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە ئاسرالمىغان ۋە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    29 – ماددا ئىجارە بېرىلگەن مەزگىلدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارە بەرگەن ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    30 – ماددا ئىمپورت قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا دۆلىتىمىزنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئىجازەت ئېلىش كېرەك.

    ئىمپورت قىلغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېخنىكا ماتېرىيالى ۋە ھۆججىتى مۇشۇ قانۇننىڭ 21 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قۇراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، ئاسراش چۈشەندۈرمىسى، مەھسۇلات ماركىسى، بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرمىسىدە جۇڭگو يېزىقىنى قوللىنىش كېرەك.

    ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى پىرىيوم قىلىشتا ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش كېرەك.

    31 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشتا، ئىمپورت قىلىنىدىغان جايدىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئاۋۋال ئۇقتۇرۇش كېرەك.

    4 – پاراگراف ئىشلىتىش

    32 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئالغان ھەمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك.

    دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە بىراك قىلىنغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    33 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ياكى ئىشكەتكەندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىشلىتىشنى تىزىملىتىپ، ئىشلىتىش تىزىم گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك. تىزىم بەلگىسىنى شۇ ئالاھىدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئورنىتىشى كېرەك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ