ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(3)

ۋاقىت : 2014-02-10 00:48 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

    11 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە دائىر تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىشى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    12 – ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخس ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    2 – باب ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش

    1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    13 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولىدۇ.

    ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرىنى سەپلىشى ھەمدە ئۇلارغا زۆرۈر بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى ۋە ئۇلارنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىشى كېرەك.

    14 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرغۇچىلار، ئۆلچىگۈچىلەر ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    15 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئۆلچىشى ۋە ئاسرىشى، دۆلەت تەكشۈرۈشنى بەلگىلىگەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

    16 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلگەن يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ھۈنەر بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپ بىلەن بىردەك بولماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسىدە تەلەپ قويۇلماي، بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا زور تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىش، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىخەتەرلىك تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتىغا ياكى ئالاقىدار كەسپىي ئاپپاراتقا ۋاقتىدا باھالىتىشى كېرەك، باھالاش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش كېرەك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ