ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(17)
78 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رېمونت قىلىدىغان ئورۇنلاردىن ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى يازما خەۋەرلەندۈرمەيلا ئىش باشلىغانلىرى ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ 30 كۈنگىچە ئالاقىدار تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
79 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، چوڭ رېمونت قىلىش شۇنىڭدەك پارقازاننى تازىلاش جەريانىدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمىگەنلەر بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
80 – ماددا لېفىت ياسىغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىنى قايرىپ قويۇپ، لېفىتنى تەكشۈرگەن، سىنىغانلار؛
(2) لېفىتنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىزلاپ تەكشۈرگەن ۋە ئىگىلىگەندە، ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى سەزگەن تۇرۇقلۇق لېفىت ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان ھەمدە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلمىغانلار.
81 – ماددا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ:
(1) ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالغان، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن تۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئىشلەپچىقارغانلار؛
ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىشلىتىشكە تاپشۇرغانلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىشلىتىشكە تاپشۇرغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى(17)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغدا
- شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم
- قارا نىيەتلەر يۈز نىقابىدىن پايدىلىنىپ
- ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىسى مەكتەپ ئۈستىدىن
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېر
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇ
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى ئىشل
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى
- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزا
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى