《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى》نامىلىق دەرسىنىڭ بىر سائە
دەرس تىمىسى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى
دەرس تىپى : مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى تەربىيسى ئوقۇشلۇقى
دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىت : 2009-يىل 11-ئاينىڭ - كۈنى
ئوقۇتۇش قۇراللىرى : دەرسلىك ماتىرىيال،كومپىيوتىر
تەييارلىق سىناق سۇئاللىرى:
1-مەملىكىتىمىزدە قانچە مىللەت بار؟ يېڭىشەھەر ناھيىسىدە قانچە مىللەت ياشايدۇ؟
2-«ئۈچنى قوغداش»نىڭ مەزمۇنى نىمە؟
3-«ئۈچ ئايرىلالماسلىق »نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئوقۇتۇش نىشانى:
موھىم نوقتا :ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا: ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر بىر پۇقرانىڭ موھىم مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
(1)چۆچەكنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
(2)مەزمۇن سۆزلەش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،قوزغۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش
(3) دەرس تىمىسى،ئوقۇتۇش نىشانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىديۋى تەربىيسى بىرىش
(4)ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىدا -ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى بىلەن مۇستەقىل پىكىر قىىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈگۈنۈشنى قولغا كەلتۈرۈش
(5)مۇستەھكەملەش مەشقى ئىشلەش بىلەن تاپشۇرۇق بىرىش ئارقىلىق دەرس ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى : دۆلىتىمىز ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك خەلق دىموكىراتىيە دىكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالستىك دۆلەت .بىز ئانا ۋەتىنىمىزنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى يەنى 56مىللەتنىڭ ئورتاق بەرپا قىلغانلىقىنى چۇڭقۇر چۈشىنىشمىز لازىم .
خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ ھەرمىللەت خەلقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زىمىنىنى بىرلىكتە ئىچىپ جۇڭخۇا مەدەنيىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە كۆرەش قىلدى .
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاساسى تارىخ لىنيىسى ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىش تارىخى ،كۆرەش تارىخى ، ئۆزئارا ئۈگىنىش تارىخى، ئورتاق تەرەققى قىلىش تارىخى ،قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
- ئىتتىپاقلىق كۈچ،ئىتتىپاقلىق غەلبە ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتپاقلىقى مىللىي بۆلگۇنچىلىككە قارىشى تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ كۈچ مەنبەسى ،بۆلگۇنچىلىككە قارىشى تۇرۇش كۆرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈ شنىڭ تۈپ كاپالىتى .
مىللىي بۆلگۇنچىلەر بۇزغۇنچىلىق ھەركىتى ئىلىپ بارغاندا ئاتالمىش مىللەت -دىن بايرىقىنى كۆتۈرۋىلىپ، مىللەت دىن مەسلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ، ئۇزاق مۇدەتلىكى ،ئاممىۋىيلىقى ، خەلقئارالىقلىقى ، سەزگۈرلىكىدىن پايدىلىنىپ ئوچوق ئاشكارا
ھالدا دنىي ئەركىنلىكنى يولغا قويدى . لىكىن جوڭگۇدا مىللەتلەر باشتىن – ئاخىر ئىناق ئىتتىپاق ھالەتنى ساقلاپ كەلدى. - مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دىگەندە –ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا بىرلىشىپ ئورتاق دۈشمەنگە قارىشى تۇرۇش ئورتاق نىشاننى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ . مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئەگەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشمىسا خاتىرجەمىلىك بولمايدۇ .كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلىشى بىلەن شۇغۇللانلغىلى بولمايدۇ . ھەر قايسى مىللەتلەرمۇ تايىنىدىغان كۈچىدىن مەھرۇم قىلىپ تەرەققى قىلالمايدۇ
- شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش –جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپئەتى
- شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى پۈتۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئىقتىزاد ، مەدەنيەت قاتارلىق تەرەپلەردە تۆھپە قوشۇپلا قالماي يەنە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ تارىخ بىتىدە پارلاق سەھىپىلەرنى يىزىپ قالدۇرغان.
- 1865-يىلدىن كىيىن قوقان خاندانلىقىنىڭ ياقۇپ بەگ باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى شىنجاڭنى بىسىۋالغان . شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى قارىشىلىق كۆرسىتىپ تاجاۋۇزچىلار بىلەن ھايات ماماتلىق كۆرەش قىلغان .قۇمۇلدا 70ياشلىق ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان بەشئر ۋاڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جنىنى تىكىپ كۆرەش قىلغان . قەشقەرلىك ئابدۇرەھىم بەگ قاتارلىق كىشىلەر جاپاغا قارىماي بىيجىڭغا بىرىپ يارىدەم تەلەپ قىلغان. چىڭ قوشۇننىڭ ياقۇپ بەگنى يوقىتىشقا يارىدەملەشكەن . مانا بۇ سەلتەنەتلىك تارىخ بەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېپقىزىل قىنى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىنى قوغدىغانلىقنىڭ شانلىق تارىخنى نامايەن قىلدى .
- بۇيىل ئۈرۈمچىدە «5-ئىيول ۋەقەسى»يۈز بىرىپ ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتتى.گەرچە بۇ ۋەقە مىللى مەسىلىمۇ ئەمەس ،دىنى مەسىلىمۇ ئەمەس بەلكى چىگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر قۇماندانلىق قىلغان ،چىگرا ئىچىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن جەمئىيەت ئامانلىق دىلوسىنى باھانە قىلىپ مەقسەتلىك، پىلانلىق ،تەشكىللك ھالدا ئۇرۇش،چېقىش،بۇلاش،كۆيدۈرۈش بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بىلەن بولغان كۆرشىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ باردىغان بىر مەيدان سىياسى كۆرەش.
- «5-ئىيول ۋەقەسى» يۈزبەرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىتپاقلىقىدىكى ئۈلگىلەر مەيدانغان كەلدى.
2- 18 ئادەمنى قۇتقۇزۋالغان 81ياشلىق خەمىت بوۋاي.
3- ھەربىيدىن چىكىنگەن 21ياشلىق لى خۈەن.
4-ئىسلام ئۈنۋىرستىتىنىڭ مۇدىرى:ئابدۇرېقىپ تۆمۈر ھاجى قاتارلىقلار.
تەكرارلاش سۇئالى:
1-مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دىگەن نىمە؟
2-نىمە ئۈچۈن ياش ئۆسمۈرلەر ئارسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلق تەربىيسى ئېلىپ بارىمىز؟
تاپشۇرۇق: كىچىك سېرىق تاشلىق كىتابتىن ئىتتپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دىگەن تىمىنى دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇپ كىلىڭ؟
(تەھرىر : ئىزدەن)
«《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى》نامىلىق دەرسىنىڭ بىر سائە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-27 00:08
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى