ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرىش

ۋاقىت : 2013-07-18 19:05 | مەنبەسى : ئانا تىل - ئۇيغۇر ت | ئاپتۇر : ئانا تىل | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرىش

 

چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرىش


        ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كۆڭۈل بولۇش ھەر بىر ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدىغان كىشىنىڭ بۇرچى ۋە شەرىپى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىغا بولغان تونۇش، كۆڭۈل بولۇش يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ قەدەم قويدى دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز، بۇ يەردە بۇ ھەقتىكى ئېلىپ بىرىلغان ۋە بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلىمىسەكمۇ، زور كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئايان.
         مەيلى ئۇ قانداق بىر تىل بولمىسۇن، ئۇنى ئۆگىنىش ئالدى بىلەن ساۋادىنى چىقىرىشتىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، بىلىش ۋە ئۇنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل ئانا تىل يەنى ئۇيغۇر تىلى ساۋادىنى چىقىرىشتىن باشلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئۆزۈم ياشاۋاتقان چەت سەھرادىكى رىئاللىقنى قايرىپ قويۇپ، تەرەققى تاپقان شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مىللەتنىڭ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلسام، كەلگۈسى تۇرمۇش ئىھتىياجى دەپ قاراپ ئانا تىلنى ئۆگىنىشكە سەل قاراپ، باشقا تىللاردا بىلىم ئىلىۋاتقان،ئوقۇۋاتقان، ياكى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرلۈپ بىرىنچى يىللىقتا ئىككى خىل تىلدا ساۋات چىقىرىش ئۆتكىلىگە دۇچ كىلىۋاتقان، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى كۈچەپ يېتەكلىشى ئاستىدىمۇ يەنىلا ئانا تىلدا ساۋادىنى چىقىرالمايۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بەزىلىرىمىز زاماندىن، بەزىلىرىمىز مائارىپتىن ، بەزىلىرىمىز مۇئەللىملەردىن ئاغرىندۇق. لېكىن شۇ بىر نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى ئوخشاش يىللىقتا،ئوخشاش سىنىپتا ئوقۇغان بەزى بالىلىرىمىز ساۋاتلىق بولدى، بەزىلىرى ساۋاتسىز قالدى. بۇنى مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى قايسى خىزمەتنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشقا ماھىر ئەمەسلىكىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدىن، ئائىلە تەربىيسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن قاتارلىق تەرەپلەردىن تەڭ تەھلىل قىلغاندا بەلكىم رازى قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىشى مۇمكىن.
        يەنە شۇنداق رىئاللىقمۇ مەۋجۇتكى تىل ئۆگىنىشتە مىنىڭ نەزىرىمدە تىل ئۆگىنىش شارائىتى ئەڭ مۇھىم. لېكىن بەزى بالىلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش شارائىتى شۇنچە قويۇق تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنەلمىدى، ھەتتا ساۋاتى چىقمىدى، باشقا تىلدىكى بىلىمى باشقا ساۋاقداشلىرىدىن خىلىلا يۇقىرى ئۇنداقتا بۇ نېمە سەۋەپتىن؟
        ئۇيغۇر يېزىقى يېزىقلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ سىزىق،قۇرۇلما،ئورۇنلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ھەتتا مىنىڭ نەزىرىمدە سۇلتان دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمىز ئارىسىدىن ساۋاتلىق بولغانلار ئىچىدىن قۇربانجان روزى شەيدايىدەك داڭلىق خەتتات بولمىسىمۇ خېتى ئادەمنى سۆيۇندەرگىدەكلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقامدۇ ياكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىكى ئەپەندىمگە ئوخشاش خىتىنى ئۆزىدىن باشقا ئككىنچى بىر كىشى ئوقۇيالمايدىغانلار يېتىشىپ چىقامدۇ؟ يىزىقنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى، يېزىلىش تەرتىپىنى توغرا ئىگىلىيەلمىگەن بالىلىرىمىزنىڭ (يىشى كىچىك) ساۋاتى چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ساۋاتسىز بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ يوق؟ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتى بىر مەھەل پۈتۈن ئۇيغۇر تور دۇنياسىنى ھەتتا جەمئىيتىنى تەۋرەتكەن ئىدى، شۇ ئارقىسىدا تىل -ئەدەبىيات دەرسىگە بىر سائەتلىك ھۆسنخەت ( ئىملا ) دەرسى قوشۇلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۇنۇمى قانچىلىك بولدى؟
         يۇقۇردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردىكى باش جاۋاپكار يەنىلا مەن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلاردا. ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بىر مۇھىم خىزمەتنىڭ ( جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ھەر تۈرلۇك ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ ) خاراكتىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەي، شۇ كەسىپتە ئوقۇغانمۇ؟ شۇ كەسپنى چۈشىنەمدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاشماي، يالغۇز سان بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش نەتىجىسىدە يېڭىدىن قوشۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپكە ماسلىشالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تەربىيلەشنى ياخشى ئېلىپ بارالمىغان بولسا، مائارىپ كەسپىدە نەچچە يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدە شارائىتتىكى ئوقۇتۇشقا ماسلىشالماسلىق، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى ئىلگىرىكى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ياخشى بولغان ئوقۇتۇش مېتودى ماس كەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ساۋات چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ.
            ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەر چوڭ جەھەتتىن ھەممىسىنىڭ يېزىلىشى، شەكلى بەك پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ لېكىن قۇرۇلما جەھەتتىن مەلۇم ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بۇجەھەتتىكى ئىزدىنىشى يېتەرسىز، تونۇشى مۇكەممەل بولمىغاچقا ھەرپلەرنى ئۆتكەندە شەكىل قانۇنىيىتىنى، يېزىلىش تەرتىپىنى ئىگىلىتىشكە سەل قاراش ياكى ئىگەللىتەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىملاسى سەت بولۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش بىلەن بىرگە ساۋاتسىزلارنى ئاۋۇتۇپ بىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن : «ن» ھەرپى بىلەن «ت» ھەرپىنى بەزىلەر شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش دەپ قارايدۇ. «ت»ھەرپى بىلەن «پ» ھەرپىنىڭ شەكلىنى ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ دەپ بىلىدۇ، ۋە باشقىلار.
         ھەرپلەرنى ئوقۇتقان ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ھەرپنى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ، بەزىدە ئوبرازلىق، بەزىدە ئاددىغىنا ئۇسۇلدا، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار بەزى ۋاقىتلاردا سەككىز ھەتتا ھەممە ھەرپنى ئوخشاش بىر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئىگەللىتىش تامامەن مۇمكىن، يەنە بەزىدە ئوخشاش بىر ھەرپنىڭ ئوخشاشمىغان شەكىللىرىنىمۇ ئوخشىمغان ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئاددى ئىگەللىتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
..................
        يەنە نۇرغۇن باشقا تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، ئوقۇغان ، مۇھاجىرەتتە تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ساۋاد چىقىرىش جەھەتتە يول كۆرسىتىشكە موھتاج. نۇرغۇن ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىشنى خالايدىغان دوستلىرىمىز بەلكىم ۋاقىت،ئورۇن ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ساۋاد چىقىرىش ئورۇنلىرىغا بارالمىغان بولىشى، ئۆز-ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىگەن بولىشى ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ جەھەتتە تەجرىبە-ئۇسۇل قاتارلىقلاردىن گاڭگىراپ قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ۋە گاڭگىراپ قىلىۋاتىدۇ.
    نۆۋەتتكى ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ،بالىلىرىمىزنىڭ،ئۆزىمىزنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ، ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ،بالىلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغاپ، ئۆزى خالىغان، ياقتۇرغان ئاساستا ئۆگىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مول تەجرىبە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.شۇڭا بۇ يەردە كەڭ مەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساۋاد چىقىرىشنى ئەمىلى قىلىپ باققانلار ياكى قىلىۋاتقانلار بولمىسۇن ۋە ياكى ئۆز ساۋادىنى ئۆزى چىقارغان، ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە چىقارغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەلۇم ھەرپنى ئۆگىتىش ، ئۆگىنىش، مەلۇم ھەرپ شەكلى ئالاھىدىلىكى ئۇستىدىكى تونۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تونۇش تەجرىبىلىرىنى ئايانماي ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەيلى مەكتەپتە ساۋات چىقىرىدىغانلار بولمىسۇن، مەيلى ئائىلىدە بالىلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدىغانلار بولمىسۇن ۋە ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ساۋادىنى چىقىرىدىغانلار ئۈچۈن بولمىسۇن ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سورايمەن.
        بۇ ھەقتە مەيلى ئوقۇتۇش-ئۆگىتىش تەجرىبىسى بولسۇن، مەيلى ئۆگىنىش، ھېس قىلىش، بايقاش تەجرىبىسى بولسۇن، ھەر بىرىمىز بىر ئېغىزدىن ، بىر ھەرپتىن ، بىر ئۇسۇلدىن، ھەر بىر ياش باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن سۆزلىسەك ئىشىنىمەنكى بۇ جەھەتتىكى قىينىلىۋاتقان دوستلىرىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئانا تىل ئۈچۈن ھەقىقى ئىشتىن بىرنى قىلغان بولىمىز دەپ ئويلايمەن.(مەنمۇ بىر قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش ئېلىپ باردىم، ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ئۆز تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن.)

        تەجرىبىلىرىڭىزنى  ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ تەجرىبە قانىلىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

            ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بىتىگە تېما يوللىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ. (تىزىملىتىش ھاجەتسىز)

          http://www.anatil.org/index.php?c=content&a=post

       ئانا تىلنى سۆيۇش شۇئار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلى جاۋاب بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(10)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ