ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئوسۇللىرى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستە ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ:
1.ئائىلە تەربىيسى
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتى،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى،شۇنداقلا مەدەنىيەت قاتلىمى ئوخشاش بولمىغاچقا،ئوخشاش بولمىغان شارائىتتا يېتىلگەن تەربىيە ئاساسلىرى ئولارنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ئېگىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلكىنى ئىگىلەش ماھىيەتتە«كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش»جەريانىدۇر.ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولمىغاندا،ئوقۇغۇچىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن قارشىلىشىش،ئۆزىنى قاچۇرۇش،ياتلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ،دەرسكە قىزىقمايدۇ.
3.ناچار ئىدىيلەرنىڭ تەسىرى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائاليىتىنىڭ كۆپ قىسىمىمەكتەپتە بولسىمۇ،ئەمما مەكتەپكە كېلىش،مەكتەپتىن قايتىش جەريانىدا خىلمۇ-خىل خاراكتىردىكى ساۋاقداشلار بىلەن ئوچرىشىپ،ناچار ئىدىيلەرىڭ تەسىرى تۈپەيلى،كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش،چىچىلاڭغۇلۇق قىلىش،زېھنىنى دەرسكە مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
4.تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،دادىل،باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالماسلىق
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ئۇلارنى كەمسىتىش،يامان نەزەر بىلەن قاراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.بۇ،بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋرىنىش،ئومىدسىزلىك رايى يېنىش،ئوقۇشتىن بىزار بولۇش،ۋاز كېچىش ھادىسلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا،دەرستە ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
5.ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش،بىلىم يەتكۈزۈش ماھارىتىنىڭ كەمچىل بولۇشى،شۇنداقلا مەكتەپ تۈزۈمى،مەكتەپ مۇھىتى دېگەنلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش كېرەك؟
ئوقۇتقۇچىلار دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ،مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى،ئادىمىيلىك خىسلىتى بىلەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم.كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللىشى لازىم.
1.دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل،باراۋەر مۇئامىلە قىلىش،تەنقىد مۇۋاپىق بولۇش،رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
2.دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا غايە،ئەخلاق،غۇرۇر تەربىيەسىنى كۈچەيتىش.بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلەش دەۋرىدە ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى،شۇنداقلا«بىلىمسىزگە ئىش يوق،ئىشسىزغا ئاش»دېگەن قائىدىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
3. دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپىرەك سۆھبەتلىشىپ،ئۇلارنى چۈشىنىش،ئەھۋالنى ئىگىلەپ،نىمە ئۈچۈن دەرستە چېكىنۋاتقانلىقىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ،ئۇلارنى سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەش،ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،«جاراھەتنى يىلتىزىدىن ساقايتىش»قا ئەھمىيەت بېرش كېرەك.
4. دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېپىپ،ئۇلارنىڭ قابىليىتىنى ئۆزىگە تۇنۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇلاردا«ياراملىق ئادەم بولالايمەن»دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
5.ئايرىم سۆھبەت شەكلى ئارقىلىق دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىش،ئايرىم تەكرار قىلىپ بېرش،ئايرىم تاپشۇرۇق بېرش ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك.
6.مەشھور شەخىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ مۇۋاپپىقيەت يوللىرى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا روھىي ئىلھام بەخىش ئېتىش،قانداق ئادەم بولۇش ھەققىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.
(تەھرىر : بەشتاش)
«ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەل
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئولۇغ تىراگىدىيە