ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىكى ئۇل تاش
ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىكى ئۇل تاش
ئوقۇتۇش نىشانى :
مۇھىم نوقتا : ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق بەخىت ، بۆلگۈنچىلىك قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىگىنى چۈشەندۇرۇش .
قىيىن نوقتا:
«ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىديىۋى قارشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش .
ئوقۇتۇش قۇراللىرى :
دەرسلىك كىتاپ ، كۆپ ۋاستلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى، كومپيۇتېردا تەييارلانغان دەرسلىك.
تەييارلىق سىناق سۇئاللىرى :
1.«ئۈچ خىل » كۈچ بولسا ( ) ،( ) ،( ) دىن ئىبارەت.
2.شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىغا تەسىر كۆرستىۋاتقان ئاساسلىق خەۋىپ - ( ) ، ( ) دىن كېلىدۇ.
3.«5-ئېيۇل» ۋەقەسى ( ) –يىل ( ) –ئاينىڭ ( )-كۈنى، ( ) دە يۈز بەردى.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
1. تەييارلىق سىناق سۇئالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، قوزغۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى دەرس مەزمۇنىغا باشلاپ كىرىلىدۇ.
2.يېڭى دەرس تېمىسى ، مۇھىم ، قىيىن نوقتىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل پىكىر قىلىشىقا رىغبەتلەندۇرۇلىدۇ.
3. دەرس مەزمۇنلىرى ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئەتراپلىق ، سىستېمىلىق چۈشەندۇرۇلۇپ ، ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، سىياسى ئىديىۋى تەربىيىسى ئىشلىنىدۇ.
4. ئۇگۈنۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش ئۇسۇلى بىلەن مۇستەقىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى بىرلەشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدۇ.
5.مۇستەھكەملەش مەشىقى ، تاپشۇرۇق بېرىش ئارقىلىق دەرس ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى :
ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى سۇئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ،ئتتىپاقلىق ، مۇقۇملۇقنىڭ بەخىت ئىكەنلىگى ، بۆلگۈنچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىگىنى چۈشەندۇرۇش ئارقىلىق مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىلار ھەل قىلىنىدۇ.
1.نىمە ئۈچۈن ئۇرۇمچى« 5-ئېيۇل» ۋەقەسى شىنجاڭنىڭ تېنچ ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ –دەيمىز؟
2.نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ،مۇقۇقلۇق بەخىت بۆلگۇنچىلىك، قالايمىقانچىلىقنى ئاپەت دەيمىز؟
3. بېز نىمە ئۈچۈن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىديىۋى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك؟
1.نىمە ئۈچۈن ئۇرۇمچى« 5-ئېيۇل» ۋەقەسى شىنجاڭنىڭ تېنچ ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ –دەيمىز؟
ئۇرۇمچى «5-ئېيۇل» ۋەقەسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كېشىلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق تەسىرات ۋە ھېسىيات بار:
ئىتتىپاقلىق ، مۇقۇملۇق ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ ئورتاق بەخىتى ، قالايمىقانچلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرمىللەت خەلىقىگە كەلگەن ئورتاق ئاپەت . «ئۈچ خىل كۈچ» شىنىجاڭنىڭ ئىجتىمائى مۇقۇملۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ دۈشمەن.
ئۇرۇمچى «5-ئېيۇل» شىنجاڭنىڭ تېنچ ئىتتىپاق ، گۈللەپ راۋاجلىنىش چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىشى ، مۇقۇملۇقىنى ئېلگىرى سۇرۇشى چۇڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە. شىنجاڭ ئەزەلىدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى . 2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى جۇڭگۇدىن ئىبارەت بىرىلىككە كەلگەن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ، بەخىت سائادەتتىمۇ ، جەۋىر –جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، بېلىق بىلەن سۇدەك ، يېقىن ئۆتۈپ ، چەتئەلىنىڭ تاجاۋۇزۇغا بىرىلىكتە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ كەلدى. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ، شنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۇرۇش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغداشتا تىللاردا داستان بولغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىگىدە ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلىقى ئۆز ئىشىغا ئۆزى خۇجا بولۇپ ، باراۋەر ئۆز-ئارا ياردەم بىردىغان ئىناق سوتسيالىستىك يېڭىچە مىللى مۇناسىۋەتنى ئورناتتى. سىياسى-ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، مائارىپ ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغداش ، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش ، بەختىلىك تۇرمۇشقا ئېنتىلىش ، گۈزەل يۇرىت-ماكان قۇرۇپ چىقىش ئورتاق ئىدىيىسى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر يېلتىزتارتتى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىېمىندا ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ ، ئۆز-ئارا ياردەم ئىناق ئۆتۈپ كەلدى.
2.نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ،مۇقۇقلۇق بەخىت بۆلگۇنچىلىك، قالايمىقانچىلىقنى ئاپەت دەيمىز؟
ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق بەخىت ، قالايمىقانچىلىق ، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت .
مۇقۇملۇق بەخىت ، قالايمىقانچىلىق ئاپەت ئىكەنلىگىنى تارىخ كۆپ قېتىم ئىسپاتلىدى. ئىشنىڭ ياخشىسى تېنچ ئامانلىق ، يامىنى قالايمىقانچلىق ، مۇقۇم ئىجتىمائى مۇھىت بولغاندىلا خەلق بەختىلىك خاتېرجەم تۇرمۇش كۆچۇرىدۇ. جەمىيەت تەرەققى قىلىدۇ.
شىنجاڭ تارىخىغا نەزەر سالدىغان بولساق ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ياخشى بولغان مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ ئقىتسادى ، ئىجتىمائى تەرەققىياتى تېز بولۇپ، خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرشكەن . ئەكىسچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىغان مەزگىللەردە ، جەمىيەتتە پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ ، ئىقتىسادى تەرەققىيات توختاپ قالغان ھەرمىللەت خەلىقىمۇ بالا-قازاغا ئۈچرىغان.
ئىجتىمائى مۇقۇملۇق بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۆز-ئارا باغلىنىپ تۇرىدۇ ھەم ھەربىر كېشىنىڭ مەنپەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
1) شىنجاڭنىڭ ئىجتمائى ئومۇمىيىتنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداشتا ، ئىتتىپاقلىق ،مۇقۇملۇق بەخىت ، قالايمىقانچىلىق ، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت دېگەن ئورتاق تۇنۇشنى شەكىللەندۇرۇش كېرەك.
2) شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغداش تۇغىنى ئېگىز كۆتۇرشىمىز كېرەك.
3) شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداشتا ، ھەرمىللەت ئاممىسنىڭ مەنپەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردىغانلىغىدا چىڭ تۇرشىمىز كېرەك. ھەرمىللەت ياش-ئۆسمۇرلىرى جەمىيەتتە ئىناقلىق ۋە مۇقۇملۇق بولمايدىكەن ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ، ھەرمىللەت خەلىقنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى بولمايدىغانلىغىنى چۇقۇم تۇنۇپ يېتىشى كېرەك.
3. بېز نىمە ئۈچۈن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىديىۋى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك؟
«ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىديىۋىى قارشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش .
«ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىدىيسىنى پۈتۈنلەي ئېنكار قىلدى. ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەرمىللەت ئارسىدىمۇ ، بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلار بار. ھالبۇكى ، مەيلى ئېنكار قىلسۇن ياكى ئېنكار قىلمىسۈن ھېچكىم «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر-بىردىن ئايرىلالمايدۇ.» دېگەن ئۆبېكتىپ ئەمىلىيەتنى يوققا چىقرالمايدۇ.
1) « ئۈچ ئايرىلالماسلىق» نى ئېلىمىزنىڭ تارىخى شارائىتى بەلگۈلگەن.
2) « ئۈچ ئايرىلالماسلىق» نى ئېلىمىزنىڭ سىياسى شارائىتى بەلگۈلگەن.
3) «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» نى ئېلىمىزنىڭ ئىقتسادى تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى بەلگۈلىگەن.
4) «ئۇچ ئايىرىلالماسلىق » نى ئىلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن .
5) «ئۇچ ئايىرىلالماسلىق » نى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدىنيەت تەرەققىيات قانۇنىيتى بەلگىلىگەن.
قىسقىسى «ئۇچ ئايىرىلالماسلىق » ئېلىمىزنىڭ مىللى مۇناسىۋىتىنىڭ رېئال كارتىنىسى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مىللى مۇناسىۋەت تەرەققىيات تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ.
تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى ، ھەرقايسى مىللەتلەر پەقەت قولنى قولغا تۇتۇشۇپ قەلىبداش بولۇپ، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ ئىناق ئېلگىرلىگەندىلا ئاندىن ئورتاق گۈللۇنۇپ ، تەرەققى قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلايدۇ.
مۇستەھكەملەش مەشىق سۇئالى
1.«ئۈچنى قوغداش» دېگىنىمىز-( ) ، ( ) ،( ) .
2.«ئىككىگە قارشى تۇرۇش » بولسا ( ) ، ( ) .
3.مىللى بۆلگۈنچلىك دېگەن نىمە؟
4. مىللى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەكسيەتچىل ماھىيىتى نىمە؟
تاپشۇرۇق
ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكىرارلاپ كىلىش
(تەھرىر : ئىزدەن)
« ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىكى ئۇل تاش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-27 00:08
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى