ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم

ۋاقىت : 2013-05-26 01:09 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم

ئەزىزىگۈل قۇربان

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى خەنزۇ تىلى مۇھىتى قويۇق بولمىغان شارائىتتا ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش مۇھىتى يارىتىش ئىنتايىن زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە كۆپ تەكىتلىنىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل كۆپ يادلاش، كۆپ سۆزلەش، كۆپ يېزىش، كۆپ ئىشلىتىشتۇر. لېكىن يېزا – قىشلاقلاردىكى بالىلار كۆپ سۆزلەش ۋە كۆپ ئىشلىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇمدۇر. بۇنداق شارائىتتا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قانۇنىيىتىگە ۋە ئەمەلىي شارائىتقا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

   1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، بالىلارنىڭ روھىي ھالىتى، كەيپىياتى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھەم شۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئوقۇتۇشتىن كېيىنكى تاپشۇرۇق مەزمۇنلىرىمۇ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، ساننى قوغلاشمايدىغان، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا لايىق بولۇشى كېرەك.

   2. ئوقۇغۇچىلارغا لۇغەتتىن جانلىق ئاكتىپ پايدىلىنىشنى ئۆگىتىش كېرەك.

   3. ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشتە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تەربىيەلەشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، تەنقىدلەشنى ئازايتىش كېرەك. چۈنكى، يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوقۇغۇچىلاردا ئاساسىي جەھەتتىن خەنزۇ تىلى مۇھىتى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشى تەبىئىي ئەھۋال، بۇنداق شارائىتتا ئوقۇغۇچىلارنى زىيادە تەنقىدلىمەي، رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆگىنىش قانۇنىيەتلىرى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

   4. ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشتە گىرامماتىكىنى ئۆلۈك چۈشەندۈرۈشتىن ساقلىنىپ، جانلىق مىساللارنى ئۈلگە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بالىلار قىزىقىدىغان تېمىلاردا، بالىلار تىلى بىلەن بېرىلىدىغان ئاددىي جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىلدا مىسال ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئېلىنغان مىساللار بالىلارنىڭ قىزىقىشى، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشى، بالىلار ئوڭايلا چۈشىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

   5. ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشتە دەرسخانىدىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دەرسخانىدىكى مەشىق جەريانىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، بەلگىلىك تېما ياكى ئاساسىي سۆزلىشىش مەزمۇنى لايىھەلەپ، بالىلار ئاسان چۈشىنىپ قوبۇل قىلالايدىغان مەزمۇن ۋە ئۇسۇللاردا دەرس ئۆتۈشى كېرەك.

   6. ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشتە بەدەن ھەرىكىتى، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ھەرخىل كارتون فىلىم، دەرس تېكىست فىلىملىرى ۋە باشقا قىسقا فىلىملارنى مۇۋاپىق ھالدا دەرسلىك مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ قىسقا فىلىم قاتارلىق ۋىدىيو ۋاسىتىلىرىنى قوللانغاندا، چوقۇم بالىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا تاللىنىشى ۋە قويۇپ بېرىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئاڭلاپ چۈشىنىشىگە ئاساس سېلىش كېرەك.

(ئاپتور: يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ