ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ

ۋاقىت : 2013-07-31 15:24 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : يالغۇز تۇيۇن | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئەدەبىيات دەرسىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكە سەل
قارىماسلىق كېرەك
  ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغاندا،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دەرسلىككە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ جەلبكار بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ دەرخانا ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تىل –ئەدەبىيات دەرسىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك . ھەر بىر سائەتلىك دەرستە ياخشى ، ئۈنۈملۈك  بولغان چارىلەردىن پايدىلىپ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىككە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
  مېنىڭچە تىل –ئەدەبىيات دەرسىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ بارايمەن.
  1. تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك بولغان رەسىملەرنى كۈزەتكۈزۈزۈش ۋە تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزەتكۈزۈش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.  مەسىلەن، بىرىنچى يىللىقلاردىكى « باھاردىكى ئۆزگىرىش » دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە ، ئوقۇغۇچىلارغا باھار تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى كۈزەتكۈزۈش ۋە تەبىئەتنى كۈزەتكۈزۈش ئارقىلىق « بۇ قايسى پەسىل ؟ »،« باھاركېلىشى بىلەن ئەتراپىمىزدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ » ، « باھار پەسلىدە سىلەر قانداق ئويۇنلارنى ئوينايسىلەر؟ » دېگەن سوئاللار سورىلىپ ، ئاندىن يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
   2. ئەمەلىي مەشغۇلات ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
  مەسىلەن ،« مايمۇنچاقنىڭ خەت يېزىشى » دېگەن تېكىستنى ئۆتۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنى مەشق دەپتەرگە ئوقۇتقۇچى ئېيتىپ بەرگەن بىر جۈملە خەتنى يازدۇرۇش ، يازغان خەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ باھالاپ قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ خەتنى ئەڭ چىرايلىق ، ئەڭ توغرا يازغانلىقىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خەتنى نېمە ئۈچۈن توغرا، چىرايلىق يازالىشىدىكى تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
  3.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ، دىققىتىنى تارتىدىغان سوئاللارنى سوراپ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
  بۇ خىل ئۇسۇل ئوقۇتۇشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەڭ قولايلىق بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى.
  مەسىلەن ، « ياز » دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلاردىن « ساۋاقداشلار سىلەر ياز پەسلىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ » ، « نېمە ئۈچۈن بۇ پەسلىنى ياخشى كۆرىسىلەر؟ »، «  بىز بۈگۈن سىلەر ياخشى كۆرىدىغان بۇ پەسىل توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرنى ئۆگىنىمىز ، ئۆگىنىشنى خالامسىلەر ؟ »  دېگەن سوئاللار ئارقىلىق باشلاپ كىرسە، بىۋاستە يېڭى دەرسنى باشلىغانغا قارىغانغا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
   4. ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسكە مۇناسىۋەتلىك « تېپىشماق» تاپقۇزۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
  بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاساسەن قۇشلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار، ئۆسۈملۈكلەر ، پەسىللەر توغرىسىدىكى دەرسلەرنى ئۆتكەندە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار تاپقاندىن كېيىن « ئۇنداق بولسا ساۋاقداشلار بۇ سائەتتە سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت،ىسلەربۇ ...توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشنى خالامسىلەر ؟» دېيىش ئارقىلىق باشلاپ كىرسەك بولىدۇ.
   5.چۆچەك ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.
    بەزى دەرسلىكلەرنى ئۆتكەندە شۇ دەرسلىك مەزمونىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشكىمۇ بولىدۇ.
   مەسىلەن، ئىككىنچى يىللىق بىرىنچى مەۋسۈملۈك دەرسلىكىدىكى « ئاچچىق ۋە تاتلىق» دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك بولغان «تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى » دېگەن چۆچەكنى سۆزلەپ بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن  چۆچەككە مۇناسىۋەتلىك  سوئاللارنى
سوراش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا تايچاق زادى كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىش  توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىۋېلىپ، ئاندىن « ئاچچىق ۋە تاتلىق »  دېگەن دەرس ئۆتۈلگەندە ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ تېكىسىتتە ئۈزۈمنىڭ ئاچچىق ۋە تاتلىقلىقىنى قانداق بىلگەندۇ؟ دېيىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرگەندە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
يالغۇز تۇيۇن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-10-09 17:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-31 15:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ