يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار قانداق ساپا ۋە ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرە
ئامانگۈل ياقۇپ
پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر يەر شارىلىشىۋاتقان، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپىيىشى، ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلغان تەلەپ بارغانسېرى ئېشىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا تاللىنىش ۋە شاللىنىشتىن ئىبارەت خىرىس يېقىنلاشماقتا. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزىدە يۇقىرى ساپا ۋە ئىقتىدار ھازىرلىمىغاندا، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتە پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە مۇناسىپ ھالدا ئۆزىدە تۆۋەندىكىدەك ساپا ۋە ئىقتىدار ھازىرلىشى كېرەك:
ئۆز كەسپى بويىچە مۇكەممەل كەسپىي ساپا ۋە كەسپىي ئىقتىدار ھازىرلىشى كېرەك. ھازىر ئۆتۈلۈۋاتقان ھەرقايسى دەرسلەرنىڭ مەزمۇنى مۇرەككەپ، قىيىنلىقى بىرقەدەر يۇقىرى، باشقا دەرسلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى ئىنتايىن زىچ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەتراپلىق، مۇكەممەل بولغان كەسپىي ساپا ۋە كەسپىي ئىقتىدار ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى زامان مائارىپ قارىشىنى تىكلەپ، ئۆزىدە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزى بېرىۋاتقان دەرسنىڭ مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىشى كېرەك.
خەنزۇ تىلى جەھەتتە بەلگىلىك ساپا ۋە ئىقتىدار ھازىرلىشى كېرەك. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان بۈگۈنكى دەۋردە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە بولغان تەلەپ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. دۆلەت ھەر يىلى نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز كەسپى بويىچە خەنزۇ تىلىدا دەرس لايىھەسى تۈزەلەيدىغان، دەرسنى خەنزۇ تىلىدا راۋان سۆزلەپ چۈشەندۈرەلەيدىغان، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش كىتابلىرىنى بىمالال كۆرۈپ پايدىلىنالايدىغان ساپا ۋە ئىقتىدار ھازىرلىشى كېرەك.
يۇقىرى سىياسىي نەزەرىيە ساپاسى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھازىر ئۆتۈلۈۋاتقان ھەرقايسى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىدا، ھەر بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى تەربىيەسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلاردىن سىياسىي نەزەرىيە جەھەتتە بەلگىلىك ساپا ۋە ئىقتىدار ھازىرلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ تەشكىللىگەن تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىشكە تولۇق قاتنىشىش بىلەن بىللە، ۋەزىيەت ۋە مەملىكەت خەۋەرلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك مەزمۇندا سىياسىي – ئىدىيەۋى تەربىيە بېرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلاردا يۈكسەك غايە ۋە توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزالايدىغان، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولالايدىغان بولۇشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلاردىن ساغلام بەدەن، ساغلام پىسخىكا ۋە ساغلام بولغان جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بەدەن ساغلاملىقى جەھەتتىكى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
(ئاپتور: يەكەن ناھىيەلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)
(تەھرىر : admin)
«يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار قانداق ساپا ۋە ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش توغرىسىدا
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى