تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قورالى››مۇ؟
تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قورالى››مۇ؟
رىزۋانگۈل ئابلىز
تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوقۇتۇشتا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇ پەن ئوقۇتۇشىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى مائارىپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولغان تەلىم - تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ۋاسىتە. بىراق ھازىر بەزىلەردە »تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئاسان، جان بېقىشنىڭ قورالى، خەت تونۇيالايدىغان ئادەم بولسىلا ئۆتەلەيدۇ« دەيدىغان خاھىش پەيدا بولۇپ قالدى. مۇشۇ خاھىش بويىچە دېگەندە، تىل - ئەدەبىيات دەرسى راستىنلا »جان بېقىشنىڭ قورالى«مۇ؟
ھەممىگە مەلۇم، ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۇنىۋېرساللىقنى، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى، بىلىم زاپىسى مول بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇل پەن. تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ياردىمىدە ئىلىم - پەن دۇنياسىغا بولغان تونۇشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئادېمىيەلىك تەربىيەسىنى تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق تېخىمۇ سىستېمىلىق قوبۇل قىلىدۇ. بىراق، مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى بەزى سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ نوپۇزى ۋە رولى سەل ئاجىزلاپ، ئاساسى مائارىپنىڭ ئىزچىل يۈكسىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە تىل ئۆگىنىشىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، تىل - ئەدەبىياتقا سەل قاراۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ماسلىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ قويىدىغان، تىل - ئەدەبىيات دەرس سائىتىنى ئازايتىپ باشقا دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولۇۋاتىدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئەھۋاللار مائارىپىمىزنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. چۈنكى تىل - ئەدەبىيات ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، تەسەۋۋۇرى ۋە ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ماتېماتىك سۇبوچىڭ « ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا» ناملىق ماقالىسىدە ئەدەبىيات بىلەن ماتېماتىكىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر دەلىللەر بىلەن قايىل قىلارلىق بايان قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق يېتىلدۈرىدىغان تەپەككۇر ۋە ئىدىيەۋى سىستېما تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا سەل قارايدىغان خاھىشلارنى تۈگەتمەي بولمايدۇ.
مائارىپ قوشۇنىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بۇ خاھىشلارنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولىنى نېگىزىدىن تونۇپ يېتىشى، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىم زاپىسىنى موللاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرەلەيدىغان بولۇشى، يۇمۇرىستىك، جانلىق، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئەمەلىيىتىگە تولۇق قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، كەڭ جامائەتچىلىك ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر.
(تەھرىر : بەشتاش)
«تىل-ئەدەبىيات دەرسى‹‹جان بېقىشنىڭ قورالى››مۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەل
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئولۇغ تىراگىدىيە