باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتى
باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىيات
دەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا
تېگىشلىك نۇقتىلار
ئاراتۈرۈك ناھىيىلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ
گۈلشەن ياقۇپ
باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىيات
دەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا
تېگىشلىك نۇقتىلار
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەن ئۇلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئاساسىنى تۇرغۇزۇش باشلانغۇچ مەكتەپ
تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئوقۇغۇچى ـ لارنىڭ كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار-
نىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئۇلاردا دىققىتىنى مەر- كەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇڭا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ھەربىر سائەت تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆتكەندە، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا دائىر مېتود ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىملا قائىدىسى، خەت يېزىش، كىتاب ئوقۇش ۋە سۆزلەش قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە ئاساس سېلىش لازىم.
1. ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنى پىششىق ئىگىلىتىش لازىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە قائىدىسى بويىچە، ھەرپلەرنىڭ سۆز ۋە جۈملىلەردىكى يېزىلىش تەرتىپى ھەم شەكىللىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ نۇقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك يېتەكلەپ، مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان خېتى ئۆلچەملىك، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى خەت يازغۇرغاندا چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىق قائىدىسى بويىچە ئىملانىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېزلىكتىن - چوڭقۇرلۇققا، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يازغۇزۇش ھەم ھۆسنخەت يېزىش، سان - سېپىرلارنى ئۆلچەم- لىك، توغرا يېزىشقا يېتەكلەش لازىم.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ماھارىتىنى تېزلىتىش تە، ھەر خىل ژانىرلاردىكى تىكىستلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ يېتەكلەش لازىم.
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى توغرا، راۋان قىلىپ بايان قىلىشنى ئۆگەتكەندە، ئۇلارنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، شەيئىلەرگە قارىتا چوڭقۇر كۆزىتىش، چۈشىنىش، مۇھاكىمە قىلىش تەپەككۇرى يېتىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا لوگىكىلىق سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈپ، تېكىستلەرنى مەزمۇنىغا ئاساسەن بايان قىلىشقا يېتەكلەش لازىم.
5. ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىنلا تىنىش بەلگىلەرنى تونۇتۇش لازىم. تىنىش بەلگىلەرنى جايىدا ئىشلىتىش ئەدەبىيات ئوقۇتۇ- شىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تىنىش بەلگىلەر توغرا ئىشلىتىلمىسە سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ، خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا تىنىش بەلگىلەرنى توغرا ئىشلىتىشنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئىگىلىتىىش لازىم.
6. ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇش ۋە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئادەتلەندۇرۇش لازىم.
(تەھرىر : admin)
«باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
يالغۇز تۇيۇن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-10-09 17:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-31 15:07
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى