ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت

ۋاقىت : 2011-01-09 11:46 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتۇشىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
$ D" u7 q% `# E1 k: w7 F0 i
   ماتېماتىكا چىنلىقنى، ئەمەلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجادچانلىق، ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېنىڭچە، ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم بولۇشى كېرەك. يېڭى دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۇنىۋېرسال بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى دەرسلىكنى مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ فىزىكا، خىمىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە يولۇقۇپ قالسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئۇنىۋېرسال بىلىم بولۇشى كېرەك.
2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىكىگە قىزىقماسلىق، ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشىنى تەھلىل قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە تولۇق قاتناشتۇرۇشى، ئوقۇتۇش لايىھىسى، پىلانلىرىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق تۈزۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي مەشىقنى ئىشلەشكە تەشكىللىشى، تەجرىبىلىك دەرس ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسنى چۈشىنىشلىك ئۆتۈشى، سائەتلىك دەرسنى خۇلاسىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.8 p  U& V, H" D! f
   3. مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىشى كېرەك. ئۈمىد بىر خىل ماھىللىقنى تونۇش، تەتقىق قىلىش، مەلۇم خىل شەيئىنىڭ پسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان تونۇشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: مەلۇم بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەندە، ئاۋۋال يېڭى دەرسنى ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا شۇ سائەتلىك دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان كىچىك ھېكايە سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭى دەرسكە تەبىئىي ھالدا باشلاپ كىرىپ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرغاندىلا، ئۇلارغا دەرسنى تولۇق ئىگەللەتكىلى بولىدۇ.
. ماتېماتىكىنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ماتېماتىكىغا نىسبەتەن يېقىنلىق تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدا ئۆتۈلسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىنلىق تۇيغۇسى ۋە بىلىم ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئىجادىي ھالدا بىلىم ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ ماتېماتىكىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ماتېماتىكىنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ، ماتېماتىكىنى تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش كېرەك.: Y- V$ U  Q  d
% ^6 K; v9 L+ o4 }0 ^
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى 

 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى: يوق
كېيىنكىسى: ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ