شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى
شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى
شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان 13مىللەت ئىچىدە خەنزۇ بىلەن خۇيزۇلار خەنزۇ تىلىنى ئورتاق ئىشلەتكەندىن سىرت،باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلى بار،كۆپ ساندىكى مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بار.شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان تىل ئالتاي تىلى سىستېمىسى،خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسى ۋە ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا تەۋە.تۆۋەندە ئايرىم بايان قىلىمىز:
ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئاساسىي مىللەت بولۇپ،ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ.ئۇيغۇر تىل-يېزىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىقتىن ئىبارەت.ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركى تىللار تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ،يېپىشقاق تىل تىپىغا كىرىدۇ.قەدىمىي تۈرك تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنبەسى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرەققى قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئورتاق قوللىنىدىغان ئۆلچەملىك تىل-ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلى بارلىققا كەلدى.
خەنزۇلار جۇڭگۇدىكى ئاساسلىق مىللەت،خەنزۇ تىل-يېزىقى دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقتىن ئىبارەت.بىراق شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە دېئالىكت يەنى شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىئالىكتى شەكىللەندى.خەنزۇلار قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
قازاقلار قازاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىدۇ.قازاق تىل-يېزىقى ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ۋە مورى،باركۆل قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقتىن ئىبارەت.قازاق تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركى تىللار تۈركۈمى قىپچاق تىل تارمىقىغا تەۋە.20-ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى قازاق تىلى تەدرىجىي شەكىللەندى.
شىنجاڭ خۇيزۇلىرىنىڭ تىلى خەنزۇ تىلى شىمالىي دېئالىكتىنىڭ غەربىي شىمال شىۋىسىگە تەۋە.شىنجاڭ خۇيزۇلىرىنىڭ تىلى بىلەن غەربىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ تىلى دېئالىكتى مۇئەييەن مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە،شىنجاڭ خەنزۇلىرىنىڭ تىلى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت.شىنجاڭ خۇيزۇلىرىنىڭ تىلى شىمالىي يول خۇيزۇ تىلى ۋە جەنۇبىي يول خۇيزۇ تىلى دەپ ئايرىلىدۇ.خۇيزۇلار قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
قىرغىزلار قىرغىز تىل- يېزىقىنى قوللىنىدۇ.قىرغىز تىل- يېزىقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقتىن ئىبارەت.قىرغىز تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمى قىپچاق تىل تارمىقىغا تەۋە.
موڭغۇل تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى موڭغۇل تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ ،يېپىشقاق تىل ھىساپلىنىدۇ.شىنجاڭدىكى موڭغۇللار قوللىنىدىغان ئۇيرات دېئالىكتى تۇرغات شىۋىسى ۋە چاخار شىۋىسىگە ئايرىلىدۇ.مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى موڭغۇللار ئاساسەن خۇدۇم موڭغۇل يېزىقىنى قوللانغاچقا،جۇڭگۇ موڭغۇللىرىنىڭ يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن،شىنجاڭدىكى موڭغۇللار خۇدۇم موڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدىغان قىلىندى.ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن،1982-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى موڭغۇللار ئارىسىدا خۇدۇم موڭغۇل يېزىقى ئومۇملاشتۇرۇلدى.موڭغۇل تىل-يېزىقى بايىنغۇلۇن،بورتالا موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىرى ،قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتۇنۇم ناھىيسىدە ئورتاق قوللىنىلىدۇ.
شىبەلەر شىبە تىل –يېزىقىنى قوللىنىدۇ .شىبە تىل –يېزىقى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئورتاق قوللىنىدۇ.
تاجىكلار تاجىك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ (پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى زىيالىيلار تاجىك يېزىقىنى قوللىنىدۇ ). تاجىك تىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئورتاق قوللىنىدۇ ،ئۇ ھىندى –ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئىران تىل تۇركۈمىدىكى شەرقىي ئىران تىل تارمىقىغا تەۋە ،پامىر تىل تارمىقى دەپمۇ ئاتلىدۇ.تاجىك تىلى سەرقول تاجىك تىلى ۋە ۋاخان تاجىك تىلىغا ئايرىلىدۇ .
شىنجاڭدىكى مانجۇلار مانجۇ تىل –يېزىقىنى قوللانمايدۇ (ناھايىتى ئاز ساندىكى ياشقا چوڭلار ئانچە –مۇنچە مانجۇ تىلىدا سۆزلەيدۇ )،ئۇلار ئاساسەن خەنزۇ تىل –يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ ،بەزىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل –يېزىقىنى قوللىنىدۇ .ئەمما مانجۇ تىل –يېزىقى شىنجاڭدىكى شىبەلەر ئارىسىدا خېلى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان .
ئۆزبېك تىلى ئالتاي تىلى سېستىمىسى تۇركى تىل تۇركۇمى قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولغان ئورتاقلىقى %70 تىن ئاشىدۇ .شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەر كۆپىنچە ئۇيغۇر ،قازاق بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاچقا ،كۆپ ساندىكىلىرى ئۇيغۇر تىل –يېزىقىنى ،ئاز ساندىكىلىرى قازاق تىل –يېزىقىنى قوللىنىدۇ .
شىنجاڭدىكى روسلار قوللىنىدىغان تىل ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى ئىچىدە ۋە ياشانغانلار ئائىلىدە قوللىنىش بىلەن چەكلىنىدۇ .ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۆپىنچە خەنزۇ تىل –يېزىقىنى قوللىنىدۇ ،بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاق تىلىنى قوللىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېزلەتكەنلىكى توغرىسىدا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ ۋېيخەن، ساۋ جىخېڭ
بۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان زېمىن. ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ، چەكسىز قۇملۇق، ناخشا – ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن خەلق، ھايات قاينىغان بوستانلىقلار...
بۇ ئىتتىپاقلىققا، يۈكسىلىشكە تولغان زېمىن. مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىقتىساد گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئىناق، خەلقى باياشات. 20 نەچچە مىليون ھەر مىللەت خەلقى بۇ زېمىندا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللەپ ياشنىماقتا...
بۇ زېمىندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، مول نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. قەدىمىي يېپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ شىنجاڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۈمىدكە تولغان زېمىنغا ئايلاندى. ئىشچان، باتۇر ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى قالاقلىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ۋە باياشادلىققا قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەۋاتىدۇ...
تىنچ ئازاد بولغان 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى، ھەر مىللەت خەلقى ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا مەردانە ئىلگىرىلەپ، ‹‹خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق››تىن ئىبارەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسىدىسىنى ياڭراتتى.
پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى
— بۇ مەسچىتىمىز 600 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. دۆلەت 1999 – يىلى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ رېمونت قىلدۇرۇپ بەردى. ھازىر كۈنىگە 2000 دىن ئارتۇق جامائەت ناماز ئوقۇيدۇ، ھېيت كۈنلىرى مەسچىتنىڭ ئىچى – سىرتىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى بولغاچقا، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېتقادىمىز تولۇق قوغدالدى، – دېدى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى جۈمە تاھىر. 69 ياشلىق جۈمە تاھىر مەسچىت تارىخىنىڭ، شۇنداقلا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغانلىقى ۋە مۇكەممەللەشكەنلىكىنىڭ شاھىدى.
ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىنىڭ پۇقرالارنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى دىنغا ئېتقاد قىلىدۇ. ‹‹ھازىر مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. مۇسۇلمانلارمۇ دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، دۆلەت قانۇنىغا ۋە سىياسەتكە خىلاپ بولمىسىلا، ھەرقانداق نورمال دىنىي پائالىيەتكە يول قويۇلىدۇ››، دېدى جۈمە تاھىر.
مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىتى، پارتىيىنىڭ مىللىي باراۋەرلىك سىياسىتىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى جانلىق ئىپادىسى. جۈمە تاھىرنىڭ كەچمىشلىرىمۇ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ھەقىقىي خوجايىنغا ئايلاندۇردى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھۆكۈمەتتە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ھەم كادىرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن تېخى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتىم.
لوپ ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتنىياز ئوسماننىڭ سۆزى جۈمە تاھىرنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، لوپ ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 163 ۋەكىلى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 141 ئۇيغۇر، بىر قازاق بولۇپ، %87.1 نى ئىگىلەيدىكەن. ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپتۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 2007 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە بولغان نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 363 بولۇپ، %66 نى ئىگىلىگەن؛ ئوبلاست (شەھەر)لىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 2234 ۋەكىلى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 1275 بولۇپ، %57.07 نى ئىگىلىگەن؛ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 16 مىڭ 69 ۋەكىلى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 9963 بولۇپ، %62 نى ئىگىلىگەن؛ يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى 30 مىڭ 744 بولۇپ، %74.67 نى ئىگىلىگەن. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئىشىنى ئۆزى باشقۇرۇشتا يەنە ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارغا موھتاج. 1950 – يىلى شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتتىن ئاران 3000 كادىر بولۇپ، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا ئاندىن 46 مىڭغا يەتكەن. ھازىر شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كادىر 360 مىڭ بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %51 ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىكىدىن 100 نەچچە ھەسسە كۆپەيدى. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كادىرلار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تايانچلىرىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كەسىپ تېخنىكا خادىملىرى 250 مىڭ كىشى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %56 ىنى ئىگىلىگەن، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئايال كادىرلار ئايال كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %66 ىتىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. سىياسىيدا قەتئىي، خىزمەتتە ئىقتىدارلىق، ئىستىلدا دۇرۇس، خەلق ئىشىنىدىغان بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان.
ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتا، دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتقادىغا ھۆرمەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹12 موقام››نىڭ يۇرتى بولغان يەكەن ناھىيىسىدە، ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيەت باغچىسى مەيدانىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قەلبىدىكى شادلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئانىسى، دەپ تەرپلىنىدىغان ‹‹12 موقام›› يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ھازىر شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ياخشى قوغدالماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹12 موقام››نى نۇقتىلىق قۇتقۇزۇلىدىغان سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، كۈچ تەشكىللەپ رەتلىدى ۋە قوغدىدى، ھازىر ئۇ ئەل ئىچىدە كەڭ تارقالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون تۆت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تورى قۇرغان، ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامىنى تۈزگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاپپاراتىدىن 27سى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىدىن 229ى بار ئىكەن.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىياتقا تايىنىشتا، ‹‹ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش›› مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش تېز راۋاجلاندى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
— باش شۇجى خۇجىنتاۋ دېھقان – چارۋىچىلارنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئۇ بىزدىن سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ، باي، مەدەنىي بولغان ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلدى، – دېدى لوپنۇر ناھىيىسى شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەت ساۋۇر. ئۇ باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى زادىلا ئېسىدىن چىقارمىغانىدى.
داشى كەنتىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ بولۇپ 1000 نەچچە كىشى ئولتۇراقلاشقان. ئىلگىرى داشى كەنتى ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ، نامى چىققان نامرات كەنت ئىدى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، داشى كەنتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار پارتىيىنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى، كەنتنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلىدى.
كەنتتىكى ياش مەمەت ساۋۇر باش شۇجى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، داشى كەنتىدىكى يېڭى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغانىدى. 2005 – يىلى 4 – مايدا، ئۇ باش شۇجى يازغان جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. كەنتتىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ ئاممىسى بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملىنىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. 2007 – يىلى كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 9014 يۈەنگە، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 30 مىليون يۈەنگە، كوللېكتىپنىڭ ساپ كىرىمى 1 مىليون 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
داشى كەنتىنىڭ قىياپىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ شورلۇق سۇ ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بەردى؛ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى كەنتتىكىلەرنى ئازادە، يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈردى؛ ھەممە ئائىلە پاتقاق گازى ئىشلىتىدىغان بولدى؛ پار، تېلېفون، سىملىق تېلېۋىزور ئورنىتىلدى، كەنتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك يان تېلېفون ئىشلىتىدىغان بولدى، يەنە 100 نەچچە ئائىلىلىك پىكاپ سېتىۋالدى؛ 41 ياش تېخنىكومدىن يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشتى، يېرىمدىن كۆپرەك دېھقان دېھقان تېخنىك ئۇنۋانى كىنىشكىسى ئالدى...
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز راۋاجلاندى، خەلق ئىگىلىكى يىلىغا ئوتتۇرىچە % 10.3لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى:
— سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، قېزىلما بايلىق ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئاساس قىلىنغان مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى شەكىللەندى؛ 2008 – يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 179 مىليارد 70 مىليون يۇەنگە يېتىپ، 1952 – يىلىدىكىدىن 264 ھەسسە، 1978 – يىلىدىكىدىن 16.6 ھەسسە ئاشتى؛ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 27 مىليون 220 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئېلىمىزدىكى 2 – چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندى؛
‹‹ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا››دىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ 2008 – يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ، 1949 – يىلىدىكىدىن 11 ھەسسە، 1978 – يىلىدىكىدىن 1.8 ھەسسە ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئاشلىق مىقدارى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى؛ شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى؛
— 3 – كەسىپ تېز راۋاجلاندى، ئۇچۇر، مەھەللە مۇلازىمىتى، سودا ئوبوروتى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر تۈركۈم كەسىپلەر تېز راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى يۈكسىلىش نۇقتىسىغا ئايلاندى؛ ساياھەتچىلىك تېز راۋاجلاندى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ موللاشتى، ‹‹يىپەك يولى››نى ئاساسىي لىنىيە، قاناس كۆلى ئېكولوگىيە ساياھەت رايونى، بۇغدا كۆلى، سايرام كۆلى ۋە باغراش كۆلى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى، تۇرپان، كۇچا قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساياھەت رايونى، قەشقەر مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەت رايونى، ئىلى چېگرا بوستانلىق ساياھەت رايونى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ‹‹بەش رايون، ئۈچ لىنىيە›› تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى.
ئىقتىساد تېز راۋاجلانغان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون خاس سانائىتى پۇرسەت تېپىپ راۋاجلاندى. بايىنغولىن ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى نېفىت سانائىتى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، خاس باغۋەنچىلىك، پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئىلى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش بازىسى قۇردى؛ ئالتاي، قۇمۇل ۋىلايەتلىرى ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى يۇقىرى پەللىدىن ئاچتى.
ئىقتىسادنىڭ تېز راۋاجلىنىشى جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا پۇختا ئاساس سالدى. شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ھەرىكىتى جانلىق بولۇش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بەردى. ئاپتونوم رايون يولغا قويغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى پۇقرالار ماختايدىغان ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى››غا ئايلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2004 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا 41 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 1 مىليون 895 مىڭ يۈرۈش يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىندى ياكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، 8 مىليون 360 مىڭ كىشى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردا 1 مىليون 516 مىڭ ئائىلە، شەھەرلەردە 379 مىڭ ئائىلە بار.
شەھەر – يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ سۇنى ياخشىلاش، توك يەتكۈزۈش، يول ياساشقىچە، يېزىلاردىكى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن تارتىپ ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى 2 مىليون 390 مىڭ ھەر مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىغىچە، نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدىن تارتىپ ‹‹چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش›› پىلانىغىچە... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشنى ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىدىن باشلاپ، خەلقنى غەمدىن ھەقىقىي خالاس قىلدى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان بىر قاتار خەلقنى كۆزلەش قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئورتاق ئىنتىلىپ، ئورتاق ئەمگەك قىلىپ مەدەنىيلىك ياراتماقتا، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، بىرلىكتە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە.
بۇ جايدا 13 مىللەت، 47 مىللەت تەركىبى ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ... كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك ئالاھىدىلىك شىنجاڭنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئاساسىدا بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.
2008 – يىلى خەنزۇ قىزى ۋاڭ يەننانىڭ ئىسمى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭرىدى. 23 ياشلىق ۋاڭ يەننا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان 18 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەۋلانجانغا بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى.
ۋاڭ يەننانىڭ مەۋلانجانغا بۆرەك تەقدىم قىلىش ئوپېراتسىيىسى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مەۋلانجاننىڭ ئاتىسى ئۆمەر ھاياجانلىنىپ: ۋاڭ يەننا بىر ساق بۆرىكىنى ئوغلۇمغا تەقدىم قىلىپ، ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قالدى. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ۋاڭ يەننامۇ مېنىڭ قىزىم، ئۆيىمىزدە يەنە بىر قىز كۆپەيدى، دېدى.
مىللەتلەرنىڭ قان بىلەن گۆشتەك ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلەر شىنجاڭدا ناھايىتى كۆپ؛ ئېگىزلىك ئوغلى ۋۇ دېڭيۈن ئۆز قولى بىلەن تېرىسىنى كېسىپ، مىللىي قېرىندىشىغا كۆچۈردى؛ بەكرى قايىر سۇغا چۈشۈپ كەتكەن خەنزۇ بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شىددەتلىك ئېقىۋاتقان سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى؛ ئابلىز نورەك تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋالدى؛ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە داۋۇت ھاشىم ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن كارى بولماي، يۇرتداشلىرىنى قۇتقۇزدى...
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى ۋە راۋاجلاندى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ھەر خىل دولقۇننىڭ كەسكىن سىنىقىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1982 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى 862 ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە 1513 ئۈلگىلىك شەخس ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن، 140 ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە 206 ئۈلگىلىك شەخس گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەقدىرلەندى.
شىنجاڭدا ھەربىيلەر بىلەن خەلق، ساقچىلار بىلەن خەلق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش نۇقتىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بازا بولۇپ قالدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشى سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ھازىر شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى چىڭ تۇتۇلماقتا. 1999 – يىلى ئاران 27 ئوتتۇرا مەكتەپتە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەجرىبە سىنىپى ئېچىلغانىدى، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا ‹‹قوش تىل›› سىنىپى 4505 كە، ئوقۇۋاتقانلار 145 مىڭغا يەتتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاقتىن بۇيان قوللىنىۋاتقان مۇھىم تەدبىر. بۇ، كەلگۈسىگە، زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈپ تەدبىر بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدىكى قۇدرەتلىك تۈرتكە ۋە تۈپ كاپالەت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ بېنلى مۇنداق دېدى: مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ‹‹ئىناقلىق›› دېگەن سۆز قوشۇلدى. تىنچلىقنى سۆيۈش، مۇلايىملىقنى ئۈمىد قىلىش، ئاق كۆڭۈللۈكنى قەدىرلەش، ئىناقلىقنى قوغلىشىش ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئالىيجاناپ پەزىلىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەندىلا، مىللەتلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى توپلاپ، مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يىمىرىلمەس مىللەتلەر سېپىلىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ
شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون . نۇرغۇن قەدىمكى مىللەتلەر بۇ يەردە كۆپىيىپ ، تىرىكچىلىك قىلىپ ، بۇ يەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇزاق ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا مىللەتلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ ، تەدرىجى ھالدا ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تاماملىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ يەردە ئۇيغۇر، خەنزۇ ، قازاق، خۇيزۇ ، قىرغىز ، موڭغۇل،شىبە ، تاجىك ، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس، داغۇر ، تاتاردىن ئىبارەت13مىللەت بار ئىدى. بۇلار ھېلىمۇ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت . 2005-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە 55مىللەت بار بولدى . 2005–يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 12مىليون 370مىڭ غا يېتىپ ، ئاپتونوم رايون نوپۇسىنىڭ%38 .60 نى ئىگىلىدى.
شىنجاڭدىكى 13مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى 9 مىليون 414 مىڭ بولۇپ ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %45.94نى ، خەنزۇ مىللىتى 8 مىليون 122 مىڭ بولۇپ ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ%39.58ىنى ، قازاق مىللىتى 1 مىليون 413مىڭ900 بولۇپ ، %7.03نى، خۇيزۇ مىللىتى 893 مىڭ 500 بولۇپ ، %4.44نى ، قىرغىز مىللىتى171مىڭ700بولۇپ ، %0.85 نى ، موڭغۇل مىللىتى171مىڭ 700بولۇپ ، %0.85نى ، شىبە مىللىتى41 مىڭ 500 بولۇپ ، %0.21نى ، روس مىللىتى 11 مىڭ 200 بولۇپ ، %0.06 نى ، تاجىك مىللىتى 44 مىڭ بولۇپ ، % 0.22 نى ، ئۆزبېك مىللىتى 15مىڭ100بولۇپ ، %0.08نى ، تاتار مىللىتى 4700بولۇپ ، %0.02 نى، مانجۇ مىللىتى 24 مىڭ 600 بولۇپ ، % 0.12 نى، داغۇر مىللىتى 6400 بولۇپ ، % 0.03 نى ئىگىلەيدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئولۇغ تىراگىدىيە
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-27 00:08
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لايھىسى
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدەرسىنى
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلاپ
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس تەييار
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- باشلانغۇچ تىل - ئەدەبىيات دەرس مۇن
- 《مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى