ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن ك

ۋاقىت : 2011-04-18 16:10 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئادانالىق | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدلىرى

 

مەن باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 300 ئوقۇغۇچىسى ئارىسىدا « ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى» دىگەن تېمىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدىم . ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن تۆۋەندىكىدەك ئۈمۈتلەرنى كۈتىدىكەن.

   1. ئوقۇتقۇچىلار دەرس ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرسا، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستانە مۇئامىلىدە بولالايدىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كىبىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسا.

2. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلسا.

3. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئاغرىپ قىلىپ، مەكتەپكە كىلەلمىگەندە، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يۇقلاپ، مەكتەپنىڭ ۋە سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرسا.

4. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلا قىلىپ، تەكشۈرۈپ تۈزەتسە.

5. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلمىسا.

6. ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا بىر ئوقۇغۇچىنى ماختاپ، كۆككە كۆتۈرۈپ. يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى چۈكۈرمىسە.(مەسىلەن:«سەن پالىنى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغىمۇ تەڭ كەلمەيسەن!)، « سېنىڭ پالانىغا ئوخشاش ئىستىقبالىڭ يوق» دىگەندەك گەپلەرنى قىلمىسا.)

7. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا « مۇسابىقە ئېلان قىلىش »تىن ساقلانسا. مەسىلەن: (سەندىن قورقىدىغان بولسام، ئوقۇتقۇچى بولماي كىتاي!)، « قېنى كۆرۈپ باقايلى، زادى سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب بولامدۇ، مېنىڭ دىگىنىم ھېساب بولامدۇ؟» دىگەندەك.)

  8. ئوقۇتقۇچىلار شىكايەت قىلمىسا.(مەسىلەن: «ماڭە!مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا بارىمىز!»، « مەن سېنى باشقۇرالمىسام، داداڭغا ېيتىپ ئەدىپىڭنى بەرگۈزمىسەم!» دىگەندەك)

9. ئوقۇتقۇچىلار ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمىسا، (مەسىلەن:«بۇ ئىشتا چۇقۇم سېنىڭ قىلغىنىڭ خاتا!»، «مەكتەپ بويىچە سەندەك ناچار ئوقۇغۇچىدىن يەنە بىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ!»دىگەندەك .)

10. ئوقۇتقۇچىلار كوڭلىدە غۇم ساقلىمىسا.(مەسىلەن:«بەرىبىر سەندىن ئۆچ ئالىمەن!»،«مەكتەپ پۈتكۈزگىنىڭنى ، يۇقۇرى مەكتەپكە چىققىنىڭنى كۆرەي! دىگەندەك.)

11. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىن ھەيدەپ چىقىرىشتىن ساقلانسا.(مەسىلەن،«مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلىمىساڭ دەرھال چىقىپ كەت!» دىگەندەك.)

12. ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارنى چېشلەپ تارتىشتىن ساقلانسا. (مەسىلەن:«داداڭنىڭ باشلىقلىقىغا ئىشىنەمسەن!»، «داداڭ، ئاناڭ تۇرماق ئەۋلىيادىنمۇ قوقمايمان!» دىگەندەك.)

13. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشتىن ساقلانسا.(مەسىلەن، ھەي ئورا كۆز، مايماق، دوسكىغا قارا!»، «ياخشىمۇ بىر پۇتۇڭ توكۇر ئىكەن، ساق بولساڭ خېلى ئىش قىلىدىكەنسەن!) دىگەندەك.

14. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ دەپتەرلىرىدىكى نۇمۇرلارغىلا قاراپ مۇئامىلە قىلماي، جانلىق ئادەم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلسا.

15. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىمۇ كۆرسە.

16. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزى ئۆتكەن دەرسنى تىرىشىپ ئۆگىنىشنىلا تەلەپ قىلماي، باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەن دەرسلەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلسا.

17. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرۋاتقاندا بىر- بىرى بىلەن يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭلاشمىسا، ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ، تاراق- تۇرۇق ئاۋاز چىقارمىسا.

18. ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ۋاقتى توشماستىنلا «يېزىپ بولغانلىرىنىڭ چىقىشمامسەن، ۋاقىت توشاي دىدى!» دەپ ئالدىراتمىسا.

19. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەندە ئادىل، ئەستايىدىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىنى ھۆرمەتلىسە.

20. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى رەتلىك، پاكىزە، يارىشىملىق بولسا.

21. ئوقۇتقۇچىلار خۇشال يۈرسە.

22. ئوقۇتقۇچىلار ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە، ھەممىدىن خەۋەردار بولسا، تەنتەربىيە،سەنئەت ئىشلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولسا.

23. ئوقۇتقۇچىلار كەسىپكە پىششىق، ئوقۇتۇش ئۇسولى ياخشى بولسا.

24. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا.

25. ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلالايدىغان بولسا.

27. ئوقۇتقۇچىلار تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە قاتنىشالايدىغان بولسا.

28. ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا .

29. ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆگەتسە، دەم ئېلىش ۋاقتىمىزنى ئىگىلىۋالمىسا.

30. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى ئېنىق، جاراڭلىق بولسا.

31. ئوقۇتقۇچىلار ناتىق بولسا.

32. ئوقۇتقۇچىلار دوسكىغا خەتنى چىرايلىق ، توغرا، تۈز يازسا.

33. ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئورتاق، چۈشۈنىشلىك تىلدا سۆزلىسە.

34. ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارىسا.

35. ئوقۇتقۇچىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، خاتالىقىنى تۈزۈتىشىگە ياردەم بەرسە.

36.ئوقۇتقۇچىلار ھەددىدىن زىيادە گىرىم قىلمىسا، قۇلاقلىرىغا، قوللىرىغا زىننەت بويۇملىرىنى ھەددىدىن ئارتۇق تاقاپ سىنىپقا كىرمىسە.

37. ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىغا يان تېلفۇنلىرىنى ئېتىۋېتىپ كىرسە.

38. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمىسە.

39. ئوقۇتقۇچىلار بىر – بىرى بىلەن قالايمىقان چاخچاقلاشمىسا، بىر- بىرى بىلەن سەت گەپلەر بىلەن تىللاشمىسا.

40. ئوقۇتقۇچىلار بىر- بىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرسە.

41. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلسا .

42. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئېنى- سىڭىللىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا.

43. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى چىڭ تۇتىمەن دەپ زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلمىسا.

44. ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا كەيپىياتىنى تەڭشەپ، نورماللاشتۇرۇپ كىرسە.

45. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەبەسسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلسا.

46. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرىمەن دەپ، زىيادە سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋالمىسا.

47. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرمىسە.

48. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىش زۆۈر بولمىغان پۇللارنى ئالمىسا.

49. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا سالمىسا.

 

 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئادانالىق تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-04-28 09:04
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ