ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە

ۋاقىت : 2011-03-16 03:40 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1

ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك ؟

 

        1.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇش كېرەك . 

        يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ،خاراكتېرى ،مېجەزى ، ئائىلە ئەھۋالى ،ئالاھىدىلىكى ، يېتەرسىزلىكى قاتارلىق ئەھۋالارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلەش كېرەك .بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئوقۇغۇچىدا «ئوقۇتقۇچى ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىكەن »دېگەن تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولىدۇ .بۇ دەل سۆھبەتلىشىش كەيپىياتىىنىڭ ياخشى بولۇشىغا بەلگىلىك ئاساس سالىدۇ .

     2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ، مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .

     ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ .دەرسخانىدا ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋەتتە ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئانا بالا مۇناسىۋەتتە ، مىجەزى بولمىغاندا دوختۇر بىمار مۇناسىۋەتتە ، ھەر خىل پائالىيەتتە دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك .ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك .

    ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى سۆھبەتلەشكەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى چوقۇم دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ . ھەرقانداق سۆھبەتتە ئادەملەر باراۋەر ئورۇندا تۇرغاندا سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . سۆھبەتتە «مەن سۆزلەيمەن سەن ئاڭلايسەن » دېگەن ئۇسۇلنى ئىشلىتىشتىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى ھەرقانداق ۋاقىتتا سۆھبەت ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .

      3.ئوقۇتقۇچى تىلىنىڭ گۈزەل ،ئېنىق ، چۈشىنىشلىك ، لوگىكىلىق بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆھبەتنىڭ مۇقەدىمىسىنى قانداق باشلاش ، سۆھبەت جەريانىنى قانداق قانات يايدۇرۇش ، خاتىمە سۆزىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .يەنى سۆھبەت مەقسىدى ئېنىق بولۇش كېرەك . جەريان سۆزلىگەندە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى ، خاتىمە سۆزى ئىخچام مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرالايدىغان بولۇشى، ئوقۇغۇچىنى قايىل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك .

      4.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئايەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ماھىر بولۇش كېرەك .

      ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى مۇئايەنلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ، ئازراق ئىلگىرلىگەن بولسا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختاش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكىنى ئۆزىنىڭ تۇنۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ، ھەرگىز ئۇلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىق ، تەن جازاسى بېرىشتىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك .


 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ