ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنت تەربىيەسىدە ئادىمىيلىك تەربىيەسى مۇھىم

ۋاقىت : 2013-07-25 18:41 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : دۇلان | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1
پەرزەنت تەربىيەسىدە ئادىمىيلىك تەربىيەسى مۇھىم

ئادەم دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك››تە:

  ‹‹تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز – ئوغۇل، ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول›› دەپ يازغان. شۇڭا پەرزەنتلەرنى پەزىلەت، ئەدەب – ئەخلاق، بىلىم، ئەقىل – پاراسەت، مېھىر – ۋاپا، ساداقەت، ھالاللىق، دۇرۇسلۇق، پىداكارلىق، سەمىمىيلىك، قەيسەرلىك، ھەققانىيلىك قاتارلىق ئادىمىيلىك سۈپەتلىرى بىلەن تەربىيەلەش مۇھىم.

   كونىلاردا: ‹‹ھايۋان تۇيىقىدىن، ئادەم قۇلىقىدىن سەمرىيدۇ›› دېگەن ھېكمەت بار. بۇ يەردىكى قۇلاق ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەزاسىنى ئەمەس، قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان تەلىم – تەربىيەنى كۆرسىتىدۇ. پەرزەنتلەر ئائىلىنىڭ ۋارىسى، ئوبرازى، قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ، يالغۇز شۇ ئائىلىگىلا تەۋە بولماستىن بەلكى مىللەتكە، ۋەتەن – خەلققە تەۋە. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەرنى كەلگۈسىدە ئائىلىگە، ۋەتەن – خەلققە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش، ئۇلاردا ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرۈش، ئاتا – ئانىلارنىڭ مىللەت، جەمئىيەت، ۋەتەن، خەلق ئالدىدىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.

   ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز. ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئۇلارغا ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى زۆرۈر. چۈنكى قىزلار ئانا بولۇشنى ئانىسىدىن، ئوغۇللار ئاتا بولۇشنى ئاتىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى، مىجەز – خۇلقى، يۈرۈش – تۇرۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى پوزىتسىيەسى ۋە ئىپادىسى بالىلارغا ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسەتكەچكە، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋالىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ‹‹كىچىك بالا نېمىنى بىلەتتى؟›› دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئادىمىيلىككە، كىشىلىك ئەخلاققا يات سۆز – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى، بالىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئاۋۋال ئۆزلىرى قىلىشى، يالغان سۆزلىمەسلىكى زۆرۈردۇر. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىلە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام مۇھىتتا پەرزەنتلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بىر – بىرى بىلەن ئىناق – ئېجىل، قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشى، بىر – بىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززەت – ئابرۇيىنى قوغدىشى، پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ تالاشماسلىقى، بىر – بىرىنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم.

   بىزدە يەنە ‹‹بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق، قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق›› دېگەن تەمسىل بار. بۇ بالاڭنى كىچىكىدىن تارتىپ ئەستايىدىل كۆزەت، ئۇلارنىڭ تەلىم – تەربىيەسىگە سەل قارىما دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى، كىم توغرا قىلسا شۇنى قوللىشى، كىم خاتا قىلسا شۇنى تەنقىدلىشى، بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى دەۋالىرىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى، بىرسىنى ئەتىۋارلاپ بىرسىنى كەمسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بالىلار ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدا ئىلھامغا موھتاج. ئاتا – ئانىلار بالىلار بىر ئىشنى توغرا قىلسا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۇنتۇماسلىقى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان قوپال سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىنى قاندۇرىمەن دەپ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىشتىن، بالىلارنىڭ بەتخەج، بېشەم، ئەركە، ھۇرۇن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

   دېمەك، ئادىمىيلىك ئىنساننىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان قىممەت كۆرسەتكۈچىدۇر. ئادىمىيلىك بار يەردە گۈزەللىك بار. ئادىمىيلىك بار يەردە، بەرىكەت ۋە ئىناقلىق بار. شۇڭا، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە ئۇلارغا ئەدەپ – ئەخلاق، ئادىمىيلىك تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى لازىم.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-27 09:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ