ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىي

ۋاقىت : 2012-11-17 22:08 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى


ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش


   پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش مەسئۇلىيەتچان ئاتا – ئانىلارنىڭ ئارمىنىدۇر. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرگەندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تاپشۇرۇقتىن ئېرىشكەن نومۇرىغا، باسقۇچلۇق، مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلاردىن ئالغان نەتىجىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىزىقىشى، كۇرسقا قاتنىشىش مەيلى بار يوقلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى مەجبۇرىلاپ كۇرستا ئوقۇتىدۇ. بالىسى كۇرسقا قاتنىشىپ تۇرۇقلۇق ئىمتىھان نەتىجىسى كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىسە، سەۋەنلىكنى ئوقۇتقۇچىغا يۈكلەيدۇ. ئاتا – ئانىلار مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

   مەن بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە، ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، ئىش – ھەرىكەتلىرىدىكى غەيرىلىكلەر بىلەن ھېساپلاشماي، پەقەت ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشى، مەكتەپتە بىرەر ئىش سادىر قىلماي ئوقۇشى، ئەۋەتكەن پۇلنىڭ يېتىۋاتقان – يەتمەيۋاتقانلىقىدەك ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىمتىھاندىن تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالسا بالىسىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىسى ئالىي مەكتەپتە 60 نومۇرغا ئاران ئۇلاشسىمۇ ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭلا كۇپايە، ئۆزەڭنى ئۇرۇپ ئۆگىنىپ كەتمىسەڭمۇ، مەكتەپ پۇتكۈزسەڭلا بولىدۇ›› دىيىشلىرى ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىمتىھان بىر ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن بىلىم قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىيەلمىسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئالغان نومۇرغا قاراپ شۇ ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىغا، كېيىنىشى، سۆز – ھەرىكەتلىرىگە، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش جەھەتتىكى يېتەكلەشكە سالقىن نەزەردە قاراۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۇلاردا ‹‹بالىلارنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىدىغان مەزگىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتۇر، ئالىي مەكتەپتە ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ كەتمىسىمۇ، دېپلوم بېرىدۇ›› دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ئورناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مېنىڭ بالام نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە شان – شەرەپكە ئېرىشكۈدەك ئوقۇمايدۇ، بالام ئالىي مەكتەپتە ئوقىغانغا لايىق ئۇنېۋىرسال ساپا يېتىلدۈردىمۇ – يوق، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلالامدۇ؟ بالامنىڭ يەنە قايسى جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى چىڭ تۇتسام بولار؟ دېگەندەك خىياللاردىن خالىي ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ كۆپلۈكىنى ھېس قىلدىم.

   ئالىي مەكتەپ ھاياتى بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادىتىنى، ئىزدىنىشچانلىققا ئىگە ئۆگىنىش روھىنى يىتىلدۈرۈشكە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىزنىڭ بىر قىسىم بالىلىرىمىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاتا – ئانىلىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زورى بىلەن ئۆگەنگەچكە، ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىپ، ئويۇن – تاماشا، ئەھمىيىتى يوق ئىشلار بىلەن ھەلەك بولۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بەزى بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئېڭى ئاجىز بولغاچقا، ھەممە ئىشلاردا ئاتا – ئانىلارنىڭ گېپىنى مۇھىم بىلىدۇ. ئىلگىرى ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلىرىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەچكە، بالىلار ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ، بىر كۈن ئۆتسە شۇنىڭغا شۈكرى قىلىدىغان نان قېپىلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇقىشىمچە، چەت ئەللەردە بالىلار 18 ياشقا توشقاندىن كېيىن تۇرمۇشىنى ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، تۇرمۇش خىراجىتىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەققىگىچە ئۆزى يول تاپىدىكەن. بىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمىز بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن بىلەن، بالىلىرىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش خىراجىتىنى چىقىرىپ بېرىپ، بالىلىرىنى خاتىرجەم ئوقۇشقا ئۈندەيدۇ. بالىلىرىمىز ئىقتىسادتىن غەم يېمىگەچكە ئۆگىنىشتىنمۇ، ئۇنېۋىرسال تەربىيەلىنىشتىنمۇ غەمسىز ياشايدۇ. بالىلارنى ئىقتىسادىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەنلىك بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بىزدىكى ماددىي جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلۈشتىن مەنىۋىلىككە ئۆتەلمەسلىك بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوچىقىدا تاۋلىنىپ ياراملىق ئەۋلاد بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان بىلىمنى ئۆگىنىشىنى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، ئەخلاقتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرنى دىلىدا، تىلىدا، ھەرىكىتىدە مۇقەددەس بىلىشىنى، كېيىنىشتە مىللىي خاسلىقنى ئۇنۇتماسلىقىنى، دوستلۇققا، مېھىر – مۇھەببەتكە، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەكىتلەپ تۇرۇشى لازىم. بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمەن دەپ ئۇنىڭ ئايدىن – ئايغا ئېشىۋاتقان خىراجىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا كۆندۈرۈپ قويۇپ، كېيىنلىكتە بالام بەتخەج بولۇپ كەتتى دەپ ئاغرىنماي، بالىنى ئاددىي – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار يەنە بالىلارنى مىللىي ئەخلاقىمىزغا خاس كېيىنىشكە دەۋەت قىلىشى، بالىلاردا كۆرۈلۈۋاتقان غەيرىي مىجەز – خاراكتېرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە يېتەكلىشى كېرەك.

   ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر دېگەنلىك، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، قانداق ئىش – ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، خاراكتېرىنىڭ قانداق يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، پىسخىك ساپاسى يۇقىرى ئادەم بولۇش يولىغا باشلاشتۇر.

   ئاتا – ئانا بالا ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇستازدۇر. ئاتا – ئانا بالىلارنى ئىستىقباللىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەيمىز دەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ