ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى توغرا يېتەكلەيلى

ۋاقىت : 2013-06-21 10:02 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى توغرا يېتەكلەيلى

بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى توغرا يېتەكلەيلى

مەلۇم بىر  بالىلار باغچىسىدىكى بىر بالىنىڭ دادىسى بىر كۈنى« سانتانا» ماركىلىق     پىكاپتا    بالىسىنى   ئالغىلى   كەپتۇ، بالىسى:«باشقىلارنىڭ دادىسى بېنىس«،«  ئوۋدى» قاتارلىق ئېسىل پىكاپتا بالىلىرىنى ئالغىلى كېلىدىكەن، مەنمۇ شۇنداق ماشىنىدا ئولتۇرىمەن" دەپ ماشىنىغا چىققىلى ئۇنىماي تۇرۇۋاپتۇ.
 ئاپىسى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بالا نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئۆيىدىكى پىيانىنونى كۆرۈپ چېلىپ بېقىپ،  مۇڭلۇق ئاۋازىنى ئاڭلاپ:« ئاپا، مەنمۇ ئالىمەن» دەپتۇ؛ مومىسى نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىلگىرىكى قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بالا  قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى قىزچاقنىڭ « ئېلېكترونلۇق ئۈگىنىش ئەسۋابى» نى  ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «موما، مەنمۇ ئالىمەن» دەپتۇ.
ئادەتتە، ئىككى ياشقا توشمىغان بالىلار سېلىشتۇرۇشنىلا بىلىدۇ، بەسلىشىشنى  بىلمەيدۇ. ئۇلار تۈرلۈك شەيئىلەرنى سېلىشتۇرۇش  ئارقىلىق   ئۇلار  ئارىسىدىكى  پەرقنى  ئايرىيالايدۇ ھەم ئۇلاردىكى خاسلىقنى تاپالايدۇ. ئوخشاش شەيئىلەرنى سېلىشتۇرۇپ،  ئۇنىڭ  چوڭ-كىچىكلىكى، ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ياخشى-يامانلىقىنى ئايرىيالايدۇ. ئىككى ياشتىن  ئاشقاندىن  كېيىن، بالىلار  خېلى  كۆپ  ئۇقۇمغا  ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بەزى ئاددىي  ھۆكۈملەرنى چىقىرالايدۇ. ئاستا-ئاستا ئادەتتىكى سېلىشتۇرۇشنى ئۈگىنىۋالىدۇ. بۇ چاغدا  بالىلار ئاتا- ئانىسىغا "مەنمۇ ئالىمەن" دەيدىغان تەلەپلەرنى قويىدۇ. بالىلىرىنىڭ"مەنمۇ  ئالىمەن" لىرىگە قارىتا ياش ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشنى بىلمەي، بېشى قاتىدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنىڭ   بايۋەتچىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە بولۇشىدىن  ئەنسىرەيدۇ، ئۇلا بالىلىرىنىڭ نامۇۋاپىق بەسلىشىپ، تەلىپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن، مىجەزىنىڭ بارغانچە ئۇساللىشىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ.
  ▲ ئەمەلىيەتتە، بالىلار   سېلىشتۇرغان ياكى بەشلەسكەن چاغدا، ئۆزىنىڭ شارائىتىنى سېلىشتۇرۇش ئوبېكتىنىڭ شارائىتى بىلەن ئوخشاش چاغلايدۇ، شۇڭا بالا« باشقىلاردا بار نەرسە  مەندىمۇ بولۇشى كېرەك» دەپ ئويلايدۇ.  ئۇ جەمئىيەنىڭ مۇرەككەپ، رىقابەتنىڭ  كەسكىنلىكىنى نەدىن بىلسۇن.    ئاتا- ئانىسى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغاندا، ئۇلار بەك ئۇۋال قىلىنغاندەك ھېس قىلىدۇ ھەتتا « ئاتا- ئانام قەستەن مۇشۇنداق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى خاتا ئەيىبلەپ، قوپاللىق بىلەن تەنبىھ بەرگەندە ياكى مازاق قىلغاندا، بالىلار  ئامالسىزلىقتىن  يولسىزلىق قىلىپ  قارشىلىق  كۆرسىتىدۇ.
 ناۋادا، بالىڭىز  سىزدىن بىرەر نەرسە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ھەرگىز ئاددىيلا رەت قىلماڭ، تەنبىھ بەرمەڭ، ئەڭ مۇھىمى ھەرگىز  مازاق  قىلماڭ، ئىزا-ئاھەنەتكە  قويماڭ؛ بالىڭىزنىڭ  بەسلىشىش ئوبيېكتى بىلەن  بولغان ئەڭ ئاساسىي پەرقىنى تېپىپ چىقىپ، بالىغا شارائىت ئوخشاش بولمىسا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىسىز، بالىڭىز بۇنى چۈشىنىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، قايسى بالا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئەمەلگە  ئاشمايدىغانلىقىنى  بىلسە  ياكى  شۇ ئىشنى « ئاساسىي  يوق»دەپ قارىسا، ھەرگىز ئۇنداق تەلەپ قويمايدۇ. سىز ئىككى -ئۈچ  ياشلاردىكى بالىلارنىڭ دادىسى تاماكا چېكىۋالسا، بالىنىڭ «دادا، مەنمۇ چېكىمەن» دېگىنىنى كۆرگەنمۇ؟ ئاپىسىنىڭ گىرىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىنىڭ « ئاپا، مەنمۇ قىلىمەن» دىگىنىنى كۆرگەنمۇ؟  تاماكا چېكىش، گىرىم قىلىش قاتارلىق  بۇنداق ھەرىكەتلەرنى بالىلار سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئوخشاشمىغان شارائىتىنى ئاسانلا تاپالايدۇ، شۇڭا ئۇلار "مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن دەيدىغان خۇلاسىنى چىقىرالمايدۇ.
▲ بالىلارنىڭ نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخكىسىنى يوغرا يېتەكلەشتە، ئۈلگە بولۇپ  يېتەكلەشنىڭ رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى ھېكايىلىرىدىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بالدۇر پاراسەتكە تولغان  بالىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن، بالىلارنىڭ ھازىرقى شارائىى بىلەن ئۈلگە بولغۇچىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ  ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئوخشاشلىقلار قانچە كۆپ بولغانسېرى بالىلار ئۆزىنىڭ شۇلاردىن ئۈگىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، بەسلىشىش  پىسخىكىسىنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ