«ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»
«ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»

ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بالىلار ئاتا–ئانىسىنىڭ سۆز–ھەرىكىتى، يۈرۈش–تۇرۇشلىرىدىن ئادەم بولۇشنىڭ دەسلەپكى بىلىملىرىنى ئىگىلەيدۇ. بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ كۆپ قىسمى ئاتا–ئانىلىرىنىڭ سۆز–ھەرىكىتى، خىزمەتكە بولغان ئىنتىلىشى، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئۇرۇق–تۇغقان، دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى، قولۇم–قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئائىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش، دوراش داۋامىدا شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، ئاتا–ئانىلار بالىلارنى خۇش پېئىل، چىقىشقاق، ئەدەپلىك، كەڭ قورساق، تىرىشچان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەشتە ئۆزىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، ئائىلىنىڭ بالىلارنىڭ مىجەر–خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
1. مەدەنىيلىك تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. مەدەنىيلىككە تولغان ئائىلە كۆڭۈللۈك، تۇرمۇش گۈزەل بولىدۇ. ئاتا–ئانىلار ئەخلاق–پەزىلەت، يۈرۈش–تۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئۆز ئوبرازىغا ئېتىبار بىلەن قارىشى، ئۈلگىلىك رولىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك. ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان، مەدەنىي سۆز–ئىبارىلەرنى قوللىنىدىغان، ئەر ئايالىغا، ئايال ئەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئىختىلاپ كۆرۈلسە چىرايلىق ھەل قىلىدىغان، ئۇرۇق–تۇغقانلار، قولۇم–قوشنىلار، دوست–يارەنلەر بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ئائىلىلەردىكى بالىلارمۇ مەدەنىي سۆز–ئىبارىلەرنى قوللىنىدىغان، ئەدەپلىك، چىقىشقاق چوڭ بولىدۇ.
2. ھۆرمەت بالىلار قەلبىنى ئىللىتىدۇ. بالىلار ھۆرمەتلەشكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج. بالىلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ–يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زۆرۈر ئامىل. ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشى، غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى، بالىلاردىكى ئىلگىرىلەشلەرنى ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. ھەدېسىلا بالىلىرىنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرىدىغان، كەمسىتىدىغان قىلمىشلار بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ئۆزىدىن بىزار بولۇش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىنى ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدىكەنمەن دەپ قارايدىغان پىسخىكا پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بالىلار قايسى تەرەپلەردە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋالماي ئىلھام، مەدەت بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش، بالىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ كۆڭۈل ئازادىلىكى پەيدا قىلىش پەرزەنت تەربىيەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تەرەپتۇر.
3. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش. ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مەسىلىلەرگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى بويىچە قاراپ، سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، شۇ سەۋەنلىكنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
بالىلار بىلەن دائىم سىردىشىپ تۇرۇش كېرەك. بالىلارمۇ چوڭلاردەكلا سىردىشىشقا موھتاج. ئاتا–ئانىلار بالىلىرىغا دوستانە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆپ سىردىشىپ تۇرسا بالىلىرىنىڭ ئوي–خىياللىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. سىردىشىش جەريانىدا بالىلىرىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپتە يولۇققان مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاتا–ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكى بالىلاردا توغرا قىممەت قارىشى، توغرا دۇنيا قاراش، توغرا كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىشى شەكىللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئاتا–ئانىلار بالىلىرى بىلەن دائىم سىردىشىپ تۇرسا ئاتا–ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، بالىلار بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا تۇنجى بولۇپ ئاتا–ئانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتالايدۇ، بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى، ئاتا–ئانىسىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدۇر.
قىسقىسى، ئاتا–ئانىلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە، ياخشى مىجەز–خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە دىققەت قىلىشى، ئائىلىۋى گۈزەل ئەخلاق ئارقىلىق بالىلىرىنى يېتەكلىشى، بالىلىرىنى غۇرۇرلۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشى كېرەك. ئىشىنىمىزكى، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەنگەن، ئىناق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مىجەز–خاراكتېرىدە نۇقسانلار ئاز، ئارتۇقچىلىقلار كۆپ بولىدۇ.
(تەھرىر : بەشتاش)
««ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگ
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشى
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم س
- بالىلارغا كىتابىنى قانداق ئوقۇپ بەرگەن
- نىېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمىنىڭ كام يەر
- ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەق
- 15 ئايىلىق بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئى
- نىېمىشىقا ئانا بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشىنى
- پەرزەنت تەربىيەسىدە ئادىمىيلىك تەربىيە
- ياخشى تەربىيە ۋە ناچار تەربىيە.
- ئىككى ياشىلىق بالىلاردا ھەق ناھەق تۇيغۇ
- ئىككى يېرىم ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قا
- بالىلارغا ئۆزى تاماق يېىيشىنى قايسى ۋاق
- بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تاللا
- 21 ئايلىق بالىلارنىڭ تەن قۇرۇلما جەھەتتى
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگە دىق
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشىسىنى ق
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم سىزىپ
- بالىلارغا كىتابىنى قانداق ئوقۇپ بەرگەندە ئاك
- نىېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمىنىڭ كام يەرلىرىن
- ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى قاندا
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- 15 ئايىلىق بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئىشىلىت
- نىېمىشىقا ئانا بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشىنى تەشەب
- پەرزەنت تەربىيەسىدە ئادىمىيلىك تەربىيەسى مۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن
- ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەس
- بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋاب
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
- پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش
- بالىلار ئەزەلدىنلا دۆت بو
- «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال