ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟

ۋاقىت : 2012-04-18 11:35 | مەنبەسى : خەلق تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟

 

 ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك چېغىمدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ھازىرقى دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ تۆۋەن ئىدى. «كانايغا يوق سونايغا نەدە»دېگەندەك، ياخشىراق كىيىم كىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قورساق تويغۇزۇشمۇ بىر مەسىلە ئىدى. قايسى بىر بالا يېڭى كىيىم كىيسە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتۇق. پەرزەنتى جىقراق ئائىلىلەر ئاكائاچىلىرىنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرىنى ئۇكاسىڭىللىرىغا كىيگۈزۈپ، ئەپلەپسەپلەپ جابدۇيتتى. شۇنداقتىمۇ كىچىك قىزلارنى ئانىلىرى باش-كۆزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈپ، كونىراق بولسىمۇ كىيىملىرىنى پاكىز كىيدۈرۈپ قويسا، كىشىگە شۇنچە ئوماق، سۆيۈملۈك كۆرۈنەتتى. ئەجدادلىرىمىزدىن كېلىۋاتقان ئاددا-ساددا، تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئادەتلىرىنى پەرزەنتلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، ئائىلە ئېشىندى ئىقتىسادنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. بۇ ئاياللارنىڭ كىيىنىش، گىرىم قىلىش ئادەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىش بىلەن بىرگە، كىچىك قىزلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ.
 
  ھېيتبايرام، دەم ئېلىش، قۇتلۇق خاتىرە كۈنلەردە بەزى ئاتائانىلارنىڭ كىچىككىنە قىزلىرىنىڭ چاچلىرىنى بۈدۈر قىلىپ، تىرناقلىرىغا لاك سۈرۈپ، ھالقامارجانلارنى تاقاپ، ياش قىزلاردەك ياساندۇرۇپ، قىزلىرىغا ھەۋەس قىلغىنىچە يېتىلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. ئۇ قىزلارغا قارىسىڭىز كوچىدىكى پۇزۇر ياسىنىپ، قېنىق گىرىم قىلىۋالغان مودا قىزلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىنى كۆرەلەيسىز. بۇ گىرىم ۋە ياساندۇرۇش ئۇلار قارىمققا ياراشقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن دىققەت بىلەن قارىسىڭىز، ئۇ بالىلار چوڭلارنىڭ گۈزەللىك تەلىپى بويىچە ياساندۇرۇلغاچقا، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدىن بەكمۇ يىراقتا قالغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.
 
  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارغا بۇ خىل گىرىملەرنى قىلىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە زېھنىي قابلىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بالىلارنىڭ چېچىنى بۇدرە قىلدۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۇمران چېچىغا ئىسسىقلىق ئۆتكەندە، باشتىكى مۈڭگۈزسىمان ماددا زەخملىنىپ، ماي ئىشلىگۈچى ماددىلار، تەر بەزلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، چاچ پارقىراقلىقىنى يوقىتىپ، سارغىيىپ چۈرۈك بولۇپ قالىدىكەن. بۇ ئەھۋال باكتېرىيەلەرنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. تىرناق لاكى ھەرخىل نېيتىراللاشتۇرۇلغان خىمىيەلىك ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىدىكەن. بۇ ماددىلار زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، مايدا ئاسان ئېرىيدىكەن. ئەگەر كىچىك قىزلار لاك سۈرۈلگەن قولى بىلەن مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بۇ خىمىيەلىك ماددىلار ماي بىلەن ئاسانلا رېياكسىيەلىشىپ، تاماقتىن كېيىنكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ تىرنىقى يۇمران بولغاچقا ھەم بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدە تۇرغاچقا، تىرناق ئەتراپى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ، تىرناق نورمالسىز ئۆسۈپ قالىدىكەن. لەۋ سۇرۇخ ئېرىگۈچى ماددىلار ۋە بوياق ماددىسىدىن تەركىب تاپقان، شۇنداقلا چوڭ ئاياللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەنگەن بولغاچقا، بالىلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن. چۈنكى بالىلارنىڭ كالپۇك تېرىسى نېپىز بولۇپ، ئاسانلا لەۋ سۇرۇختىكى خىمىيەلىك ماددىلار گۆشكە ئۆتۈپ، نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، يەنە شۆلگەي ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىغا كىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى ۋە كاناي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كىچىك قىزلارغا بەك بالدۇر ھالقا سالغاندا قۇلىقى ئاسانلا يىرىڭلاپ قالىدىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، قۇلاق كۆمۈرچەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
 
  شۇڭا، ئاتا ئانىلار قىزلىرىنىڭ قۇلىقىغا بەك بالدۇر ھالقا ئاسماسلىقى، سېلىشقا توغرا كەلسە ھالقىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بالىلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بالىلارنىڭ بوينىغا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئاسقاندا، كىچىك قىزلارنىڭ تېرىسى يۇمران ھەم نېپىز بولغانلىقتىن، شۇ ئورۇندىكى تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا تېرە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارغا كىچىكىدىنلا ياخشى كىيىندۈرۈش، ياخشى يېگۈزۈش، بولۇشىچە گىرىم قىلىپ ياساندۇرۇشقا ھەدەپ ‹‹مەبلەغ سېلىش›› ئۇلاردا كىچىكىدىنلا ھەشەمەتچىلىك، مەنمەنچىلىك، ئىسراپخورلۇق، بەدخەجلىكتەك ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ يېتىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
 
  پەرزەنتلەر ئاتائانىغىلا تەۋە ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. شۇڭا ئاتائانىلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلارنى ئەقلىي، جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، جەمئىيەتكە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولغانلىقى. بالىلار ئۆزىگە خاس بالىلىق گۈزەللىكى بىلەن تەبىئىي چوڭ بولسۇن. ئۇلارنىڭ سىرتىنى ‹‹بېزەپ›› چىرايلىق قىلىۋالمىساقمۇ، ئۇلارنىڭ ئوماق چىرايى، سەبىي قىلىقلىرى، چېچەن، ئەقىللىقلىقى بىلەن بىزگە يەنىلا مەڭگۈ سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(7)
87.5%
ناچاركەن
(1)
12.5%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ