ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

ۋاقىت : 2011-08-09 12:06 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

 

قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟

 

1. ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلار: ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمىپ چوڭ بولغان بالىلاردىن يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ خىل ماددىلار بولغاندىن سىرت ئۇنىڭدا يەنە تائۇرېن دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى تائۇرېننىڭ مىقدارى ئون ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىكەن.

. 2 ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلار: بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، سەككىز سائەتتىن ئاز ئۇخلىغان %61 بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغان، مەجبۇرىي ئۇخلاپ، نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نۇمۇر سىزىقىغا يەتكەن %39 بالىدىن بىرسىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمىگەن؛ ئەمما، ئون سائەت ئۇخلىغان %76 بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىھال، %11 بالىنىڭ ئەلا، پەقەت %13 بالىنىڭ ناچار بولغان.

. 3داۋاملىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 مىنۇت يۈگۈرىدىغان ھەم گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق تەنھەرىكەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

. 4 ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى بالىلار: ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، شاۋقۇن مۇھىتتا ياشىغان يەتتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراش ئىقتىدارى نورمال مۇھىتتا ياشىغان بالىلاردىن تۆۋەن بولغان، ئىككى ياشقا كىرگەندە تىلى چىقىشىمۇ ئارقىدا قالغان. فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋقۇن 55 دېتسىبېل بولغاندا، بالىنىڭ خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %4.3 بولغان؛ شاۋقۇن 60 دېتسىبېل بولغاندا، خاتانى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئۆرلەپ %15كە چىققان. ياپونىيەلىك ئالىملار خۇش پۇراقنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، يەنى خۇش پۇراق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمى، ئىنكاسى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىناق ئائىلە مۇھىتىمۇ بالىلارنىڭ ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەن.

. 5 ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغان بالىلار: تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ناشتا قىلمىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

 

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(9)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ