ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات بالىلارنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى ئاچىدۇ
ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات بالىلارنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى ئاچىدۇ
غالىب مۇھەممەت قارلۇق
ئىنسانلار بىلىش تارىخىغا ئىگە. بۇ تارىخ كېيىن مۇنداق ئىككى خىل پەن سىستېمىسىغا مەركەزلەشتى؛ بىرى، تەبىئىي پەن، يەنە بىرى ئىجتىمائىي پەن. تەبىئىي پەن تەجىرىبە ۋە پاكىتقا تايىنىپ شەيئىلەر قانۇنىيىتىنى تەھلىل قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىجتىمائىي ماددىي تەرەققىياتنىڭ بىۋاسىتە پىشاڭىغا ئايلاندى، ئىجتىمائىي پەن كۆپرەك ھېسسىيلىق ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىدىغان بولغاچقا، ماددىي تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولالمىغىنى بىلەن ئۇنى ئىدىيە ۋە كۆز قاراش نۇقتىسىدىن شەرھلەپ كەلدى. شۇڭا فىزىكا ئالىمى نىيۇتۇن ئېيتقاندەك: ‹‹تەبىئىي پەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبرازلىق بايانى.>> تەبىئىي پەن ئاچىدۇ، ئىجتىمائىي پەن شەرھلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىدە ئىجتىمائىي پەنگە قارىغاندا تەبىئىي پەننىڭ رولى چوڭ. شۇڭا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقاندا تەبىئىي پەن روھىنى زىنھار تەكىتلىمەي بولمايدۇ.
ئۇنداقتا نېمىشقا بىزدە تەبىئىي پەنچىلەرگە قارىغاندا ئىجتىمائىي پەنچىلەر كۆپ؟ ئېنىقكى، بۇ مائارىپ ساھەيىمىزدىكى قۇرۇلمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ نەزەرىمىزدە تەبىئىي پەن <<قىيىن>> ئىجتىمائىي پەن <<ئاسان>>.
تەبىئىي پەن تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئەلۋەتتە ماتېماتىكىلىق تەپەككۇرنى ئاچماي ۋە تەرەققىي قىلدۇرماي بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى بۈگۈنكى كۈندە نوبېل مۇكاپاتىغا نائىل بولغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى، پېداگوكلار، مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پىسخولوگ، دوختۇرلارمۇ كىتاب، سۆز – نۇتۇقلىرىدا ئالاھىدە تەكىتلەۋاتىدۇ. يىراقنى كۆرەر پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدىلا ئارىفمېتىكا، (ئارخېمېتىكا)، گېئومېتىرىيە، ئالگېبراغا دائىر ساھەلەردە جاھانشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئەھلىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغانىدى، ھەم ئېرىشىلگەن نەتىجىلىرىگە، تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى. مەسىلەن، بۈيۈك مۇتەپپەككۇر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ <<قۇتادغۇبىلىك>> داستانىدا ماتېماتىكا ئىلمى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بېيىتلارنى يېزىپ قالدۇرغان:
802: پۈتۈن ئۈچ ئاياغلىق قىڭغايماس بولۇر،
تۇرۇر ئۈچ پۇتى تۈز ھەم قايماس بولۇر.
2782:ئىگىلەپ تۆت ئەمەلنى چىڭ خەزىندار،
ھېسابىغا كۆڭۈلنى تۇتسۇن پەر قارار.
4379:تولۇق بىل كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە كەسىر،
كامالغا يېتىشتە ئىمتىھاندۇر بىر.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات بالىلارنىڭ ئەقلىي بۇلىقىنى ئاچىدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟
- نېمە ئۈچۈن بىر ياشىلىق بالىلار گەپ قىلى
- پەرزەنىت تەربىيلەشىتىكى سىرلار
- بالىنىڭ قارىشىلىق كۆرىسىتىش كەيىپىياتى
- بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ ساغلام خار
- بالىلاردا نىېمە ئۈچۈن ھەسەتىخورلۇق قىل
- گۈزەل ئەخلاق
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگ
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشى
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم س
- بالىلارغا كىتابىنى قانداق ئوقۇپ بەرگەن
- نىېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمىنىڭ كام يەر
- ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەق
- 15 ئايىلىق بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئى
- نىېمىشىقا ئانا بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشىنى
- نېمە ئۈچۈن بىر ياشىلىق بالىلار گەپ قىلىسا ، ب
- پەرزەنىت تەربىيلەشىتىكى سىرلار
- بالىنىڭ قارىشىلىق كۆرىسىتىش كەيىپىياتىغا قا
- بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ ساغلام خاراكتې ي
- بالىلاردا نىېمە ئۈچۈن ھەسەتىخورلۇق قىلىش پىس
- گۈزەل ئەخلاق
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىسى قاي
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگە دىق
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشىسىنى ق
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم سىزىپ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن
- ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەس
- بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋاب
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش
- بالىلار ئەزەلدىنلا دۆت بو
- «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»