‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تەربىيەسى
ئابدۇغېنى تۇر
بالىلار ئەدەبىياتى بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان، بالىلارنى بەلگىلىك روھىي ئوزۇققا، ئىدىيەۋى تەربىيەگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەدەبىياتتۇر. يېقىنقى ئون نەچچە يىلنى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋر دېيىشكە بولىدۇ.بۇ يىللاردا بالىلار ئەدەبىياتىمىز مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ، ژانىر جەھەتتىن تېخىمۇ تولۇقلىنىپ، بالىلارنىڭ روھىي تەشنالىقىنى قاندۇردى. مەخسۇس بالىلار ئەسەرلىرىنى يازىدىغان يازغۇچى – شائىرلىرىمىزمۇ كۆپەيدى.
ياش شائىر ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ ‹‹لاي قونچاق›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولۇپ، توپلامدىكى شېئىرلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، تەربىيەۋى رولىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان بالىلار ئەسەرلىرى توپلىمى دېيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى.
ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ بالىلار شېئىرلىرى تىلى راۋان، ئاھاڭدار، ئوقۇشقا ۋە ئەستە ساقلاشقا قولايلىق. مەزمۇنى بالىلار تۇرمۇشىغا يېقىن بولۇش بىلەن بىرگە، كۈچلۈك ھېسسىيات، مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە. شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات چىن، ھەقىقىي گۈزەللىك بىلەن تويۇنغان بولۇپ، ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى بالىلىق ھېسلىرى بىلەن غىدىقلايدۇ.
توپلامدىكى بالىلار قوشاقلىرى خەلق قوشاقلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن سىرت، يەنە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. قوشاقلاردا قايتىلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ ئەستە ساقلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەن:
ئاق كەپتەرمۇ دان يەيدۇ،
كۆك كەپتەرمۇ دان يەيدۇ.
مېنىڭ ئۇكام گۈزەلئاي،
يۈزىنى يۇماي نان يەيدۇ.
بالىلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، كۆڭلىنى ئېچىش، شادىيانىلىق بېغىشلاپ، كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بالىلار ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. توپلامدىكى شېئىرلار مەزمۇن جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىگە ئىگە .
دۈم – دۈم
لەببەي – لەببەي
ئاناڭ نەدە؟
مەن بىلەن بىللە.
‹‹دۈم – دۈم››دىن
لەپىلدىتىپ ئاق ساقىلىنى،
ئاق جۇۋىلىق كېلىپ قار بوۋاي.
ئۇتۇۋېلىپ شاش كۆڭۈللەرنى،
قارلىق سېلىپ قويدى تۇيدۇرماي.
شائىر يۇقارقى شېئىرى مىسرالاردا بالىلار ئويۇنلىرىنى تېما قىلىش ئارقىلىق بالىلارغا ئويۇننى ئەسلىتىپ، روھىي ئازادىلىككە ئىگە قىلسا،
غودرۇق – غودرۇق
ئاينىڭ يۈزى داغ، قورۇق.
پۇلى يوقكەن ئۆردەكنىڭ
كىيىۋاپتۇ چىغ چورۇق.
غودرۇق – غودرۇق
مۈشۈك قويۇپتۇ بۇرۇت.
تۇغالماستىن مېكىيان
بولۇپ قاپتىغۇ رۇك – رۇك.
دېگەن مىسرالار ئارقىلىق بالىلارغا ئەڭ يېقىن بولغان ھايۋاناتلارنى قىزىقارلىق ھالدا تەسۋىرلەپ، بالىلارغا گۈزەللىكنى تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلۈكنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە باشلامچىلىق رول ئوينىغان.
بېلنىسكىي خىيال ۋ فانتازىيەنىڭ بالىلار ئەدەبىيات – سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ‹‹خىيال ۋە فانتازىيەگە باي بولۇش ئىجادىي قابىلىيەت ۋە تەپەككۇر ھەرىكىتى جەريانىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر قابىلىيەت، فانتازىيىگە تويۇنغان ئەسەرلەر بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، تەپەككۇرىنى كېڭەيتىدۇ.›› شائىر ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ شېئىرلىرى بالىلارنىڭ ئەقلىنى غىدىقلاپ، خىيال، تەسەۋۋۇرىنى قوزغاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
قانىتىم بولسا،
چىقسام ئاسمانغا.
قونۇپ يۇلتۇزدا،
تۈنىسەم ئايدا.
دادا،
قارا ئاسمانغا
ئاي بوپتۇ ئورغاق.
ئېلىپلا ئۇنى
ئورما ئورۇساق.
ئىككىنچى، شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن بالىلار تەربىيىسى.
بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش بالىلار شېئىرلىرىنىڭ مۇھىم رولى. بالىلار شېئىرلىرى ئۆزىدە ئىپادىلىگەن مول بىلىم ئارقىلىق بالىلارنىڭ پىكرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى چېنىقتۇرۇپ، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بالىلار تەربىيەسىدە كۆرسەتكەن ئاكتىپ رولىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1.بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى سىڭدۈرۈشتىكى ياخشى ئەسەر.
توپلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما مول مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شائىر بالىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى ئاساس قىلىپ، رىتىملىق شېئىرى مىسرالار بىلەن ۋەتەندىن ئىبارەت شۇ ئەزىز ماكانغا، يۇرتىغا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، بالىلارغا ئانا ۋەتىنىنى، ئانا يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيەسى بەرگەن.
تۆكىلىدۇ نېمەتلىرى
قوينىدىن ساڭا.
ئېغىنايسەن، يايرايسەن
باغرى ساپ ھاۋا.
كۆكسى – قارنى بىپايان
يۇلتۇزلۇق ساما.
جەننەت ماكان ئۇ دېگەن
چاچىدۇ جۇلا.
شائىر شېئىرلىرىدا تارىخىي قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن باتۇرلۇقىنى تەسۋىرلەپ، بالىلار قەلبىدە ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىشتەك خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
قاپلىغاندا يۇرتنى تۇمان،
يېنىپسەن يانغىن بولۇپ.
جاھالەتكە تىغ بولۇپسەن،
سەن بىر ئاجىزە تۇرۇپ.
2.بالىلارغا ئىلىم – پەننى سۆيۈش تەربىيەسى بېرىشتىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق.
بالىلارغا ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بالىلار تەربىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، شائىر شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىلىم – پەن ئۆگىنىش، بىلىم بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش، ۋەتەننى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك بىر قاتار ئىدىيەلەرنى شېئىرى مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
كىچىكىڭدە بىلىم ئال،
‹‹ بىلىم ئەقىل چىرىغى››.
بىلىم بىلەن كۆكلەيدۇ،
ھاياتلىقنىڭ بېغى..
3 . بالىلارغا ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى يېتىلدۈرۈش، پەزىلەت تەربىيەسى بېرىشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
شائىرنىڭ توپلامدىكى ئەنئەنىۋى ئەخلاق پۇرىقى كۈچلۈك بىر قىسىم شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي، ئەنئەنىۋى ئەدەپ – ئەخلاق دېتاللىرى ئارقىلىق بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن تەئەللۇق بولغان ئەخلاق ئادەتلىرىنى ئۆزىگە تونۇتۇپ، ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.
ئىشچان بالا بول،
ئەمگەكتە پىشقان.
ئاتا – ئاناڭغا
بولغىن مېھرىبان.
جان ئانامنىڭ جامالىدۇر ئاي،
چاچلىرىدۇر ئاق سامانيولى.
ئېلىپ بەرسەم ئاينى ئانامغا،
تاقاشمامدۇ ئاسمانغا بېشى...!
شائىر بالىلاردىكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان ناتوغرا قىلمىشلارنى ئۇدۇلدىن ئۇدۇلغا بىۋاسىتە تەنقىد قىلماستىن، مەسەللىك سېلىشتۇرمىنى لىرىكىلىق ۋاسىتە ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئەقلىي يەكۈننى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چىقىرىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئويلىنىشى، تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرغان. سەكرىدى پاقا،
چۈشتى كۆلچەككە.
سەكرىدى يەنا،
چىقتى كۆتەككە.
سەكرىدىم سۇغا،
پۇت تەگدى تاشقا.
تولدى كۆزلىرىم،
لىپمۇ لىپ ياشقا.
4. بالىلارغا تەبىئەتنى سۆيۈش، ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەربىيەسى بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ياش – ئۆسمۈرلەرگە تەبىئەتنى سۆيۈش ئېڭىنى سىڭدۈرۈش، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ تەبىئىي مۇھىتنى قوغداپ كەڭ تەبىئەتنى ئۆز ئائىلىسىدەك ئاسرىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئاساس. شائىر شېئىرلىرىدا بالىلارغا دەسلەپكى تەبىئەت چۈشەنچىسى بەرگەندىن باشقا، يەنە بالىلارغا تەبىئەت بىلەن دوستانە ئۆتۈش تەربىيەسى بېرىش مەقسىتىنى كۈچلۈك ئىپادىلىگەن.
ئۇچۇپ كېلىپ قارلىغاچ،
ماكانلاشتى تورۇسقا.
ۋىچىرلىشىپ سەھەر – كەچ،
ئېيتىپ بېرىدۇ ناخشا.
قارلىغىچىم بولغاچقا،
ئۆيۈم مېنىڭ شاماللىق.
ئېچىلىدۇ دېرىزەم،
ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق.
(تەھرىر : سەپەر)
«‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تەربىيەسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئىكىكى ياشىلىق بالىلار قايسى خىل ھەرىكەتكە ئەڭ ئامراق
- نېمە ئۈچۈن بىر ياشىلىق بالىلار گەپ قىلى
- پەرزەنىت تەربىيلەشىتىكى سىرلار
- بالىنىڭ قارىشىلىق كۆرىسىتىش كەيىپىياتى
- بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ ساغلام خار
- بالىلاردا نىېمە ئۈچۈن ھەسەتىخورلۇق قىل
- گۈزەل ئەخلاق
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگ
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشى
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم س
- بالىلارغا كىتابىنى قانداق ئوقۇپ بەرگەن
- نىېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمىنىڭ كام يەر
- ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەق
- 15 ئايىلىق بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئى
- نىېمىشىقا ئانا بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشىنى
- نېمە ئۈچۈن بىر ياشىلىق بالىلار گەپ قىلىسا ، ب
- پەرزەنىت تەربىيلەشىتىكى سىرلار
- بالىنىڭ قارىشىلىق كۆرىسىتىش كەيىپىياتىغا قا
- بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ ساغلام خاراكتې ي
- بالىلاردا نىېمە ئۈچۈن ھەسەتىخورلۇق قىلىش پىس
- گۈزەل ئەخلاق
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىسى قاي
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگە دىق
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشىسىنى ق
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم سىزىپ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن
- ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەس
- بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋاب
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش
- بالىلار ئەزەلدىنلا دۆت بو
- «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»