ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن

ۋاقىت : 2013-04-03 13:08 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن

غالىب خۇجىئابدۇللا

   سىز بالىڭىزنىڭ يۇلتۇز سانىغىنىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بالىڭىز كېچىلىرى چەكسىز كەتكەن ئاسمانغا، كائىناتقا قاراپ ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدە سىزدىن سوئال سوراپ باقتىمۇ؟ بالىڭىز بىلەن مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر بالىڭىز دائىم كائىناتقا قىزىقسا، بۇ ھەقتە سىزدىن كۆپ سوئال سورىسا، بالىڭىزنىڭ سوئالىغا ئېرىنمەي جاۋاب بېرىڭ. بالىڭىز بىلەن ئاسمان جىسىملىرى كائىنات ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىڭ. چۈنكى ئاسمان جىسىملىرىغا كائىناتقا قىزىققان بالىنىڭ تەسەۋۋۇرى بۇنىڭغا قىزىقمايدىغان بالىلارغا قارىغاندا چوڭقۇر بولىدۇ. تەسەۋۋۇرى چوڭقۇر بالىنىڭ ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا ئەقلىي ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

   كىچىك ۋاقتىمدا ياز كېچىلىرى دادام بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ يۇلتۇزلارنى قولىمىزدا چىنەپ تۇرۇپ ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ كېتەتتۇق. كاللامغا سانسىز يۇلتۇزلار، چەكسىز كەتكەن ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە خىلمۇخىل سوئاللار كېلەتتى. دادام سوئاللىرىمغا ئېرىنمەي جاۋاب بېرەتتى.

   بىر كۈنى دادام يۇلتۇزلارنى قولىدا چىنەپ تۇرۇپ: بالام ئاۋۇ قاتار تۇرغان يۇلتۇزلارنى كۆردۈڭمۇ؟ بۇ يۇلتۇزلارنى ‹‹يەتتە تىكەن دەيمىز. بۇ يۇلتۇزلارنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى چۆمۈچ يۇلتۇزدۇر. قەدىمكى زاماندا چوڭلارنىڭ تولىسى بۇ يۇلتۇزنى چۆمۈچ يۇلتۇز دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئەگەر سەن تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن چۆللەردە قېلىپ، قولۇڭدا كومپاس بولمىسا شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب يۆنىلىشلىرىنى بىلەلمەي قالساڭ، چۆمۈچ يۇلتۈزىغا قاراپ بىلىۋالساڭ بولىدۇ. قارا بالام، شۇ تاپتا چۆمۈچ يۇلتۇزنىڭ باش تەرىپى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر چۆمۈچ يۇلتۇزنىڭ باش تەرىپىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغان ۋاقتىڭدا ئوڭ قول تەرىپىڭ شەرقنى، سول قول تەرىپىڭ غەربنى كۆرسىتىدۇ. چۆمۈچ يۇلتۇزنىڭ باش تەرىپىنىڭ ئۇدۇل تەرىپى جەنۇبنى كۆرسىتىدۇ، دېدى – دە بۇنى ئېسىمدە چىڭ ساقلىشىمنى تاپىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا دادام يەنە چولپان يۇلتۇز، تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسى، سامان يولى يۇلتۇزلار سىستېمىسى، ئاي، كۈنلەرنىڭ تۇتىلىشى قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىغا ئائىت خىلمۇخىل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. مەن بۇ ھېكايىلەرگە ھەيران قېلىپ ھاياجان بىلەن ئاڭلاپ كېتەتتىم. مەن بۇ ھېكايىلەردىن ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىش ھادىسىسى، كۈن، ئايلارنىڭ تۇتىلىشى، يۇلتۇزنىڭ كۆچۈشى، يەر شارى بىلەن ئاي، كۈنلەرنىڭ پەرقى، ئاي، يۇلتۇز ۋە كۈنلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ھەققىدىكى بىلىملەرنى بىلىۋالغانىدىم. بۇ بىلىملىرىم ئالەم ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ئۇقۇملىرىمنىڭ شەكىللىنىشگە تۈرتكە بولغانىدى. ھەر قېتىم مۇشۇ كەچۈرمىشىمنى ئەسلىگىنىمدە، بالىلارغا كىچىكىدىن ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدە ئازدۇر – كۆپتۇر مەلۇمات بېرىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن. ئەمما بەزى مەلۇماتلارغا قارىساق بالىلارنىڭ ئاسمان جىسىملىرىغا قىزىقىشىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

   ھازىرقى بالىلاردىن ئاقار يۇلتۇز ھادىسىسى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى، كۈن ۋە ئايلارنىڭ قانداق تۇتۇلىدىغانلىقى، سۈنئىي ھەمرا ھادىسىسى ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھادىسىسىنىڭ قانداقلىقىنى سورايدىغان بولساق، كۆپىنچە بالىلار بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ھەتتا نۇرغۇن بالىلار چولپان يۇلتۇز ۋە چۆمۈچ يۇلتۇزلارنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ‹‹بېيجىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى چۆمۈچ يۇلتۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن. بالىلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا، بەزى بالىلار: ‹‹مەكتەپ بۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالمايدىغان تۇرسا، بۇنى ئۆگىنىپ نېمە ئىش قىلىمىز؟›› دەپ جاۋاب بەرسە، يەنە بەزىلەر:‹‹ھازىر مۇھىت بۇلغىنىش بەك ئېغىر، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى›› دەپ جاۋاب بەرگەن. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال بېيجىڭدىكى بارلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئۇلارنى رەسەتخانىغا بېرىپ ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشكە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاسترونومىيە ئىلىمى دەرسىدىن تولۇقلىما دەرسى بەرگەن.

   تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، بىز دائىم بايقايدىغان كۈن ۋە ئايلارنىڭ تۇتۇلۇش ھادىسىسى، ئاقار يۇلتۇز ھادىسىسى، سۈنئىي ھەمرا ھادىسىسى، ئېلىمىز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىقارغان ‹‹خاسىيەتلىك كېمە سەككىز››، ‹‹خاسىيەتلىك كېمە توققۇز››لارنىڭ كارامىتى قاتارلىقلار ھازىرقى بالىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ساۋات خاراكتېرلىك بىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بالىلار ئاسترونومىيەگە ئائىت ئادەتتىكى بىلىملەردىنمۇ خەۋەر تاپالمىسا ئۇلار يەر شارى ۋە ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىمۇ ئەقەللىي ساۋاتقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئاسترونومىيەگە ئائىت بۇ ئەقەللىي ساۋاتقا ئېرىشەلمىگەن بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئالەم قارىشىنىڭ ساغلام بولۇشىمۇ ناتايىن.

   قەدىمكى گىرېتسىيەنىڭ دۇنيادا ‹‹يەتتە دانىشمەن››نىڭ بىرى دەپ نام ئالغان ئالىمى تەيلىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: ‹‹مەلۇم بىر مىللەتتە ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە ئالەمگە قىزىقىدىغان ئادىمى بولسا بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۈمىد بار. ئەگەر مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ھەممە ئەزاسى ئالەم بوشلۇقىغا قىزىقماي پۇتىنىڭ ئۇچۇغىلا قىزىقسا بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۈمىد يوق›› دېگەنىدى.

   يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئېنىقكى بالىلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز. ئۇلاردا ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە ئەقەللىي ساۋات يېتىلمىسە، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئالەم قارىشىنىڭ تولۇق شەكىللىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى، دۇنيا قارىشى ۋە ئالەم قارىشى ساغلام بولمىسا بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلارنى بوش ۋاقىتلاردا رەسەتخانىلارغا ئاپىرىپ، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشكە پۇرسەت يارىتىشىمىز، ئۇلار بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ۋە چەكسىز كەتكەن كائىنات ھەققىدە مۇڭدىشىشىمىز زۆرۈر. ئەگەر بىز تورخانىلارغا، يان تېلېفونغا، مودا كىيىملەرگە، كېندېجىغا قىزىقىۋاتقان بالىلىرىمىزنى ئاسمانغا، ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە چەكسىز كەتكەن ئالەم بوشلۇقىغا قىزىقتۇرالىساق بالىلىرىمىزدىن ئۈمىد كۈتەلەيمىز. كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، تېخىمۇ گۈزەللىككە ئېرىشەلەيدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ