ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

سالام بېرىش ۋە قىزغىن سالام قايتۇرۇشتىن ئىبارەت گۇزەل ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قالمايلى

ۋاقىت : 2013-06-24 17:35 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
سالام بېرىش ۋە قىزغىن سالام قايتۇرۇشتىن ئىبارەت گۇزەل ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قالمايلى

سالاملىشىش بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن، گۈزەل ئەخلاق كاتىگورىيىسىدىكى بىرخىل ئۆرۈپ ئادىتىمىز بولۇپ، ھازىرمۇ كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تىنىچ ئامانلىق سورىشىدۇ. بىر بىرىگە بەخىت تىلىشىپ، ياخشى كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلىشىدۇ.
باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۈنلۈك ئاۋازدا«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دەپ، سالام بەرسەك، بۇنىڭ خاسىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، باشقىلار بىزنىڭ سالىمىمىزدىن بىرخىل سۆيۈنۈش تۇيغۇسىدا بولۇپ، بىزدىن رازى بولىدۇ ۋە ئۇ ئادەم بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇلارغا مەيلى ئېھتىياجىمىز چۈشسۇن ياكى چۈشمىسۇن، ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىمىز. ئوتتۇرىمىزدا بىر خىل يېقىنچىلىق كەيپىياتى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىل كەيپىياتتىن سىزمۇ رازى بولىسىز، شۇنداقلا مەنمۇ رازى بولىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى سالاملىشىش بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىگىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئاساسلىق، شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپكى ئۆلچەم بولۇپ، كىشىلەر بىزنىڭ سالام قىلىش ئادىتىمىزگە قاراپلا، بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىگە، بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىمىزگە ھۆكۈم قىلالايدۇ
  قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ پۇقراچە كىيىنىپ، نەۋرىسىنى ئەگەشتۇرۇپ بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئارىلاپ كېتىۋاتقاندا، ئېتىزلىقىغا سۇ تۇتۇۋاتقان بىر دېھقان ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ دەرھال دېھقاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېرىلىپ كەتكەن قولىنى چىڭ تۇتۇپ سالام قايتۇرۇپ، قىزغىن ئەھۋال سوراپتۇ. دېھقان پادىشاھنىڭ سالام قايتۇرغانلىقىدىن خوش بولۇپ كېتىپتۇ.
قايتاشىدا نەۋرىسى پادىشاھ بوۋىسىدىن:
- بوۋا، سەن بىر ئەلنىڭ پادىشاھى، نېمە ئۈچۈن بىر قۇلغا ئۇنداق ھۆرمەت قىلىپ كەتتىڭ؟-دەپ سورىغانىكەن، پادىشاھ:
- باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. دەپتۇ.
بىزدە: «سالام بېرىش قەرز، ئىلىك ئېلىش پەرىز» دەيدىغان ھېكىمەت بار. ئەجداتلىرىمىز ئەلمىساقتىن تۇنۇشسۇن-تونۇشمىسۇن، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. شۇڭا، قانچىلىك ئالدىراش بولۇپ كېتەيلى، سالام بېرىش ۋە قىزغىن سالام قايتۇرۇشتىن ئىبارەت گۇزەل ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ