ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

ياخشى تەربىيە ۋە ناچار تەربىيە

ۋاقىت : 2013-07-25 18:40 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : دۇلان | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1
ياخشى تەربىيە ۋە ناچار تەربىيە

بالا بەش - ئالتە ياشتىن ئاشقاندا سۆزلەشكە ،كۆزىگە كۆرۈنگەن  ، ئەقلىي يەتكەن نەرسىلەرنى  سوراشقا ۋە ئۇلارنى ئىنچىكە كۈزىتىشكە باشلايدۇ،كىچىك بالىلارنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى كۆزىتىپ ،ئۇنىڭ ئەسلىنى بىلىشكە  ئىنتىلىشلىرى كۆپىنچە  گۈزەل ۋە كېرەكلىك نەرسىلەر ھەققىدە بولىدۇ ، يېقىن قېرىنداشلىرىمىز ، دوسىت-بۇرادەرلىرىمىز  يىراق سەپەردىن كەلگەندە  ھال-ئەھۋالىمىزنى  ناھايتى مىھرىبانلىق بىلەن  سورىغاندەك ،بالىلارنىڭ  ھەرخىل نەرسىلەرنى  سوراشلىرىمۇ  مەنىلىك بولىدۇ،

نەپەسلىنىدىغان ھاۋا ،ئىچىدىغان سۇ نىڭ پايدىسنى، يەيدىغان نان، كىيىدىغان كىيىملىرىمىزنىڭ  قانداق ئىشلار  ئارقىلىق ۋۇجۇدقا  كېلىدىغانلىقىنى ، قار ،مۇز، يامغۇر ،قېرۇ،  شەبنەم ، ئۆسۈملۈكلەر ، چاقماق ۋە ھەسەن-ھۈسەنلەرنىڭ  نېمىلەردىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ،ھايۋانلارنىڭ  پايدىلىق ۋە زىيانلىقلىرىنى ،قەغەزنىڭ  نېمىدى ياسىلىدىغانلىقىنى ، كىتاپنىڭ قانداق بېسىلىپ  دۇنياغا تارقىلىدىغانلىقىنى ،كېچە-كۈندۈزلەرنىڭ ئۇزىراپ-قىسقىرايدىغانلىقىلىرىنى،  كېمە ۋە پويۇزلارنىڭ،باشقا ئالاقە ۋاستىەلىرى  ۋە تېلىگىراپنىڭ  قانداق قىلىپ ئادەملەرگە  يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، شامال   ۋە      بۇلۇتلارنىڭ ھەركىتىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش        ھاللارنى  بالىلارغا   ئويۇن .ارسىدىمۇ   ،ئويۇن ئويناۋاتقاندىمۇ  ئئۆگىتىش مۇمكىن،  ئەگەر بۇنەرسىلەرنى بالىلار ئۆز ئانىلىرىدىن ئۈگەنسە،پۈتۈنلەي ئېسىدە قالىدۇ  ۋە شۇنداق نەرسىلەرنى  بىلىشكە مۇھاببىتى كۈچىيدۇ،

 تەربىيلەشنى بىلدىغان ئانىلار پەزىلەتلەرگە مۇھاببەت بىلەن قاراشنى ،رىزالەتلەردىن  نەپرەتلىنىشنىڭ  ئۇسۇللىرىنى  بالىلارنىڭ زېھنىگە سالىدۇ ،بۇيۇك ئادەملەرنىڭ  كامالەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ،  ئادىل ھاكىملار، ئىمانلىق سودىگەرلەر ،ھۈنەرۋەنلەرنى  سۆيۈملۇك قىلىپ كۆرسىتىدۇ،  خەستىلىك ۋە سالامەتلىكنىڭ  سەۋەبلىرىنى ، مەجلىس ۋە  سۆھبەتلەرنىڭ  ئەدەپلىرىنى سۆزلەيدۇ،

ھايۋانلارنىڭ  تىلدىن سۆزلىنىدىغان ھېكايەتلەر  تەربىيە  ئۇسۇلىنى  بىلىدىغان ئاياللار  ئۈچۈن  پۈتمەس -تۈگىمەس   خەزىندۇر، ئۇلار بۇ ھېكايەتلەرنى  سۆزلەش  ئارقىلىق  شۇ  ھېكايەتلەرنىڭ   ۋاستىسىدە  پەزىلەت ۋە رىزالەتنى  بالىلارنىڭ كۆڭلىگە  پۈتۈنلەي   سىڭدۈرۈپ ، ئالدىنقىسىغا  مۇھەببەت قۇيۇش، كېيىنكىسىدىن  نەپرەتلىنىش  يوللىرىنى  ئوچۇق كۆرسىتىپ  بېرىدۇ،

 بالىسى كۆزىتىپ يۇرگەن نەرسىلەردىن ئۆزى خەۋەرسىز  بولغان ئانا  بالىنىڭ بۇ ئادىتىدىن بىزار بولىدۇ، ئۇنى بۇ  ئىشتىن توختىتىش ئۈچۈن يالغان -ياۋداق جاۋاپلارنى تېپىپ ،توغرا سۆزنىڭ ئورنىغا  بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە سالىدۇ، بۇ يالغان سۆزلەر  كۆڭلىگە ئورنىشىپ قالغان بالىغا  كېيىنچە  تەنبىھ  بەرگۈچىلەر  بولسىمۇ، ئۇزاققىچە ئۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن تا  قېرىپ قالغۇچە  بۇزۇق ۋە خاتا پىكىرلەر بالىنىڭ زېھنىدىن كەتمەيدۇ،بەزى ئانىلار بالىلىرىنى شەيتان، پەرى ، دېۋە ، ئەجدىھا دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن قۇرقۇتىدۇ،  بەزىلىرى بولسا ،موللا كېلىپ سېنى مەكتەپكە  ئېلىپ كېتىدۇ ، ئوقۇمىساڭ قۇلىقىڭنى كىسىدۇ ، دېگەندەك گەپلەر بىلەن  بالىلىرىنىڭ يۈركىنى ئالىدۇ ، ئەقىلگە خىلاپ، بالىنىڭ خۇلقىنى  بۇزۇشقا سەۋەپ بولىدىغان يالغان- ياۋىداق گەپلەر بىلەن  ئۇلارنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرىدۇ ،بۇنداق تەربىيە ناچار تەرنىيە بولۇپ ،تەربىيچىلەرمۇ  ناچار تەربىيچىلەردۇر،  بۇ بالىلارغا ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى  دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىشكە سەۋەپ بولدۇ ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ئورۇنسىز تەربىيە سەۋەبلىك بالىنىڭ قېنى بۇزلىدۇ، ئىنتىلىش ۋە غەيرەت تامامەن يۇقىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك  ۋەھىمىلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ،ئاخىرىدا پايدىسىز بىر چىۋىنگە ئايلىنىدۇ، چىۋىن بولسا،  ئەڭ ناچار بىر جانزاتتۇر ، چىۋىن خەلقى ،ۋەتەنى ، ئائىلىسى ئۈچۈن  خىزمەت قىلالمايدۇ،بالىلارنى چىۋىن بولۇشقا ئۆگۈتۈپ  پۈتۈن ئائىلىنى ، پۈتۈن مىللەتنى  چىۋىنلىك دەرياسىغا  غەرىق قىلىش  بىلەن باراۋەر ،

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-27 09:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ