ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ.

ۋاقىت : 2013-07-25 18:44 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : دۇلان | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1
بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ.
 ھەر قانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ تۈپەيلى مەسئۇلىيەتچان، پەزىلەتلىك، غورۇرلۇق ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىنىڭ تېنى ساغلام، ئەقلى-ھوشى جايىدا چوڭ بولۇشنىلا ئەمەس، مۇھىمى بەلگىلىك ساپا ھەم ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەم شۇ ئارزۇ- ئىستەك  يولىدا  پەرزەنتى  ئۈچۈن  بەدەل  تۆلەشنى خالايدۇ.
بالىلار تەربىيەسى  ئۇسۇلىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزىلىرىمىز بالىمىزنى يەسلىگە بەرگىچە  ئاساسەن قولدىن چۈشۈرمەيمىز. يەسلى مائارىپىنى تاماملاپ باشلانغۇچ مائارىپىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ بالىلارنى ئۆزىمىز مەكتەپكە ئاپىرىمىز ۋە ياندۇرۇپ كېلىمىز. يېزىلاردا  بولسا  دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بالىلار ئاساسەن يەسلى  ياكى  مەكتەپكە  ئۆزى  بېرىپ  كېلىدۇ، تېخى  ئۆي  ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، چارۋا  بېقىشتەك  مەسئۇلىيەتنى  ئادا  قىلىدۇ.
بەزىلىرىمىزنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا بىر تەرەپلىمىلىك قاراش مەۋجۈت بولۇپ، بالىلىرىمىز مەكتەپتىمۇ، ئۆيدىمۇ تاپشۇرۇقتىن باش كۆتۈرمەي دەرس تەكرارلىسا؛ مۇمكىن بولسا مەكتەپلەر بالىلارنى قىشلىق، يازلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بەرمەي ئوقۇتسا؛ بالىلار قېلىپتا قۇيغاندەك،  قۇلىقى يۇمشاق، گېپى تاتلىق، ئاتا -ئانىسىنىڭ بۇيرىغىنىنى بەجاندىل  ئىجرا  قىلىدىغان، ئاتا -ئانا بىلەن قىلچە تاكاللاشمايدىغان؛ ئاتا- ئانىنىڭ  قىلغان  ئىش -ھەرىكىتى، گەپ -سۆزى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  بالىلار بويۇنتاۋلىق قىلماستىن بويسۇنسا دەيدىغان ئۈمىد ئارزۇدىلا بولىمىز. بالىلىرىمىزنىڭ ئاز- تولا  ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى، ئەركىنلىكى بويىچە قىلىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيمىز. بولۇپمۇ «بالىلارنىڭ  بىخەتەرلىكى»نى  ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېغىر-يېنىك ئىشلارنى قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.
بالىلارنىڭ ئاتا- ئانا ۋە ئاكا -ئۇكا، ئاچا -سىڭىللىرىغا نىسبەتەن مېھرىبانلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۆزىگە  كۆيۈنگەن، ياخشى تەربىيە، نەسىھەت قىلغانلار بىلەن زىتىغا تەگكەن، كۆزگە ئىلمىغان، تولا ئىشقا بۇيرىغان، بالىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالىدىغان ئاتا -ئانا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن مۇئامىلىسى پەرقلىنىدۇ. بۇنداق بالىلاردا زورلاپ، مەجبۇرلاپ مېھرىبانلىقىنى قوزغاش ئەسلا مۇمكىن بولماستىن، بالىلارنى قايىل ھەم مايىل قىلىش ئارقىلىق مېھرىنى قوزغاش، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئائىلىگە بولغان مېھىر -مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئىمكانىيەت ھازىرلاش كېرەك.
بالىلار مەكتەپتە بەزىلىرى تەبىئىي پەنلەرگە، يەنە بەزىلىرى ئىجتىمائىي پەنلەرگە، يەنە بەزىلىرى تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، تىل قاتارلىق پەن ۋە كەسىپلەرگە قىزىقىشى مۇمكىن. ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، بالىلارغا مەدەت بېرىشى ۋە قوللاش كېرەك. بىزدە «بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ» دېگەن گەپ بار. گەرچە بالىلار ئاڭ ۋە تەپەككۇرغا ئىگە بولغاچقا ئۇلارنى زورلاش ، مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىزىقىشىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ياخشى نەتىجە بەرمەيلا قالماي، بەلكى بىزنىڭ كۈتكىنىمىزنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا بالىلار تەربىيەسىدە بالىلارنىڭ تاللىشى، قىزىقىشىغا مۇناسىپ يول قويۇش،  كەلگۈسىگە بولغان قارىشىنى ئىگىلەش ئارقىلىق بالىلار تەربىيەسىدە ئىلمىي بولغان تەربىيە ھەم يېتەكلەش  ئۇسۇلىنى  قوللىنىش كېرەك.
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش  دەۋرىيلىكى بويىچە بالىلار  يېشىغا، جىنسىغا ماس كەلمىگەن  زىيادە  ئېغىر  نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىكى، ئەخلەت   يېمەكلىكنى يېمەسلىكى، مېڭىنى  ئىلمىي ئىشلىتىش، ئۆگىنىش بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشى، ئىمكانىيەت   بولسا   تەبىئەتنىڭ  گۈزەل  مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن سەيلى-ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. بالىلارنىڭ ئاڭلىغىنىدىن  كۆرگىنى  قانچە  كۆپ  بولسا، نەزەر دائىرىسىمۇ، تەپەككۇر  قىلىش  ئىقتىدارىمۇ  شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-01 14:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ