ئانىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەنت بۇرچى(ھېكايە)
ئانىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەنت بۇرچى(ھېكايە)

بۇ ئىشقا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەك شۇنچە ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. چۈنكى، بۇ ئىش مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئىنتايىن زور تەسىر قىلىپ، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مېھىر-مۇھەببىتى، پەرزەنتنىڭ برچ ۋە مەئۇلىيەت تۇيغۇسىنى چوڭقۇر ھېس قۇلدۇرىدۇ.
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەن دۇكان ئايلىنىۋېتىپ بىر يوپكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، لېكىن يوپكىنىڭ باھاسى 600 يۈەن بولغاچ بەكلا قىممەت كۆرۈپ، كۆزۈم قىيمىغان ھالسا دۇكاندىن ئايرىلدىم. يولدا كېتىۋاتسام بىر خىزمەتدىشىم ئۇچراپ قالغانىدى، ئۇنىڭغا بىر يوپكىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالغانلىقىمنى، ئەمما قىممەت كۆرۈپ ئالمىغانلىقىمنى ئېيتىۋىدىم ئۇ: «نېمە 600 يۈەننى قىممەت كۆرۈۋاتامسىز، نەچچە مىڭ يۈەنلىك كىيىم كىيىۋالغانلارمۇ بىزگە ئوخشايدۇ، ئەر-ئايال ئىككىڭلار مۇئاشلىق تۇرۇپ شۇنىڭغىمۇ چىقىنالمامسىز، مەنمۇ دەل شۇ ماگىزىنغا كېتىۋاتىمەن، 800 يۈەنلىك بىر مايكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالغانىدى، شۇنى سېتىۋالاي دەپ ماڭغان دەڭە» دېگىنىچە كېتىپ قالدى. مەن يولدا كېتىۋاتىمەن، كۆز ئالدىم ۋە خىيالىمغا ھېلىقى يوپكا، قۇلاق تۈۋىمدە بايىقى خىزمەتدىشىمنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى...
مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولغان ئىشلارنى ئېرىمگە سۆزلەپ بېرىۋىدىم، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «سىزگە يارىغان بولسا ئېلىۋەرمەپسىز» دېدى. مەن چۈشلۈك تاماقمۇ يېمەستىن، ھېلىقى يوپكا سېتىلىپ كەتسە ئارماندا قالىدىغاندەك تېز-تېز قەدەملىرىم بىلەن يول بويى ئاشۇ يوپكىنى ئېلىپ كىيگەندىن كېيىنكى خوشاللىقىمنى خيال قىلىپلا ماڭدىم، دۇكانغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا نەۋرە ئاكامنىڭ گۆش دۇككىنى بار بولۇپ، كۆرۈشۈپ ماڭاي دەپ دۇكانغا كىردىم. خوشاللىقىمدىن سورىمىسىمۇ نەۋرە ئاكامغا نەگە ماڭغانلىقىمنى دەپ كېتىپتىمەن. گەپلىرىمنى ئاڭلىغان نەۋرە ئاكام تۇرۇپ كېتىپ، ماڭا: «سىڭلىم ئاۋۇ دېھقان ئايالنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ بالىسى ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى يوق، تېخى ئۆيدە يەنە ئىككى بالىسى بار، ئۇ بۈگۈن قېشىمغا 25 يۈەنلىك گۆش ئالغىلى كەپتۇ، بۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ بىر نەچچە يوتقان-كۆرپىلىرىنى سۆكۈپ يۇيۇپ تاپقان پۇلى ئىكەن، ئۇ شۇ گۆشنى پۇشۇرۇپ ناھىيەدە ئوقۇۋاتقان بالىسىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن، ئۇ مۇشۇ بىر بالامنى نېمىلا بولمىسۇن ئوقۇتىمەن، ئوقۇۋاتقان ئادەمگە قۇۋۋەت يېتىشمىسە بولمايدۇ، بالام ياخشى ئوقۇپ ياخشىراق كۈنگە ئېرىشسە ئىككى ئۇكىسىغىمۇ يار-يۆلەك بولالايدۇ» دېدى.
ئارقامغا ئۆرىلىپ قارىدىم، ئۇ ئايالنىڭ مۈكچەيگەن ھالدا قەھىرتان سوغۇق كۈنلەردىمۇ يېلىڭ كىيىنىۋالغان مىسكىن سىماسى مېنى قاتتىق ئويغا سالدى. يولدا كېتىۋاتىمەن، قەدەملىرىم بارغانسېرى ئاستىلىشىپ كۆز ئالدىمدا دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئانامنىڭ بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى بىر بىرلەپ نامايەن بولۇپ يۈرەكلىرىم بىرخىل پۇشايمان، خىجالەت ئىلكىدە كۈيىۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا ئارماندا قېلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم ، يول بويىدىكى دۇكاندىن خىرۇمدىن تىكىلگەن قېلىن بىر پايپاق سېتىۋالدىم، چۈنكى ئاپام كىچىك بىر دۇكان ئاچقان بولۇپ دۇكان ئىچى قىشتا مۇز ئۆڭكۈرگە ئوخشاپ قالاتتى، ئاندىن بىر كىلوگرام تونۇر كاۋىپى ئالدىم، تېخى سومكامدىكى مىنرال سۇنىڭ قۇتىسىغا ئاشخانىدىن قىزىق چاي ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدىم. ئانام دۇكاندا قوللىرىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە تىقىپ پۇتىغا نىپىز بىر ئەديالنى يۆگىگىنىچە دۈگدىيىپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن ئانامنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ مىنىرال سۇ بوتىلكىسىدىكى چاينى ۋە تونۇر كاۋىپىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم، شۇ ئەسنادا سومكامدىكى پايپاقنى ئېلىپ ئانامنىڭ ئۆزۈڭ كەي دېگىنىگىمۇ ئۇنىماي، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ پايپاقنى كەيگۈزۈپ قويدۇم، گەرچە ئۇنىڭغا دائىم خېلى قىممەت نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرساممۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى رازىمەنلىكىنى قوشنا دۇكاندىكى ئاياللارغا « قىزىم ئېلىپ بەردى، خۇددى مەشتەك ئىسسىقكەن » دەپ خوشال بولۇپ كېتىشلىرىنى زادىلا ئۇنتالمايمەن، بەلكىم ئۇ پايپاق خىرۇمدىن تىكىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس مەن ئېلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ئانامغا ئىسسىق تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ئاشۇ چاغدىكى يۈكىنىپ ئولتۇرغان قىياپىتىمنى خۇددى بەخىت تەختىدە ئولتۇرغاندىنمۇ بەكرەك پەخىرلىك ھېس قىلدىم، ئانامنىڭ ياشقا تولغان كۆزلىرى، قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىشلىرى، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مېنىڭ شادلىقىم، ساقلىقىم ۋە تېخىمۇ بەختىيار كۈنلەرنى كەچۈرىشىمنى تىلەپ قىلغان دۇئالىرى مېنى 600 يۈەنلىك يوپكىغا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشتۈرگەندەك شادلىققا چۆمدۈردى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئانىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەنت بۇرچى(ھېكايە)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
- ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەر
- ئانىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەنت بۇرچى(ھېكا
- بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايلى
- بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلى
- بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تە
- بىلىمخۇمار: كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بې
- بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئو
- بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەرب
- بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەي
- ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىم
- پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى ب
- بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى
- بالىلارغا پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغ
- ياپونىيە: بالىلار پارچە پۇرات پۇللارنى
- بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تە
- بالىلار تۇرمۇشتىن نىمىنى ئۆگىنىدۇ؟
- ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەس
- ئانىنىڭ مۇھەببىتى ۋە پەرزەنت بۇرچى(ھېكايە)
- بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايلى
- بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
- بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيى
- بىلىمخۇمار: كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى
- بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ ب
- بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
- بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەيلى
- ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساغل
- بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايلى
- بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيى
- ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيە
- ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى
- ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرمايدىغان
- بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا ماكان
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگى
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟