ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساغلام ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ

ۋاقىت : 2014-07-17 16:58 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساغلام ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ

 ئەنۋەرجان ئەكرەم

ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساغلام ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ

 ھازىر پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىش – بالىلار تەربىيەسىدە ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. بالىلار ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا بولسۇن ياكى مەكتەپلەردىكى بىرەر مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەندە بولسۇن، ئاتا – ئانىلار ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق ئۇلارنى تەقدىرلەيدۇ. ئىشقىلىپ ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش كويىدا مۇشۇنداق ئاماللارنى ئويلاپ تاپىدۇ.

    بالا تەربىيەسىدە، پەرزەنتلىرىمىزنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش ئەلۋەتتە زۆرۈر، بىراق، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى توغرا ۋە ئىلمىي بولۇشى تېخىمۇ زۆرۈر. مەشھۇر بالىلار تەربىيەچىسى، پىسخولوگ دېكىس بۇ ھەقتە مۇنداق بىر مەسەلنى سۆزلىگەن: ‹‹ بىر توپ بالا بىر بوۋاينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئويناپ، مەھەللىنى بېشىغا كېيىپتۇ، تاقىتى تاق بولغان بوۋاي ئاخىرى ئۆيىدىن چىقىپ بالىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۈچ دوللاردىن بېرىپ: <سىلەرنىڭ خۇشال – خۇرام چۇرقىرىشىپ يۈرگىنىڭلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم ! بۇ مېنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم> دەپتۇ. بالىلار خۇشال ھالدا قايتىشىپتۇ، ئەتىسىدىن باشلاپ بالىلار يەنە كېلىپ چۇرقىرىشىپ ئويناپتۇ. بوۋاي يەنە ئۆيىدىن چىقىپ ھەر بىرىگە ئىككى دوللاردىن بېرىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋېرىپتۇ، بۇ قېتىم بوۋاي ھەر بىرىگە بىر دوللاردىن بېرىپتۇ، بالىلار نارازى بولۇپ: <ئاران بىر دوللارما؟ سىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىدىغىنىمىزنى بىلەمسىز؟> دەپلا پېشىنى قېقىپ ماڭماقچى بوپتۇ ۋە بوۋايغا ئەمدى ھەرگىز بۇ يەردە ئوينىماسلىققا ۋەدە بېرىپتۇ. بۇ مەسەلدىكى بوۋاينىڭ تاپقان چارىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ‹‹ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئويناش›› تىن ئىبارەت ئىچكى مۇددىئاسىنى ‹‹پۇل ئۈچۈن ئويناش››تىن ئىبارەت تاشقى مۇددىئاغا ئۆزگەرتكەن. دېمەك، ماددىي مۇكاپات پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشتىكى پەقەت تاشقى ئامىلدىنلا ئىبارەت.

    ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا ئۇلاردا بىر تال كەمپۈت، بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ياكى بىر نەچچە يۈەن ئۈچۈنلا ئۆگىنىدىغان ناچار ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ.

    ماددىي مۇكاپاتتىن مەنىۋى جەھەتتىكى ئىلھاملاندۇرۇش مۇھىم دەپ قارايدىغانلارنىڭ نەزەرىدە، مېھىر – مۇھەببەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ. كىشىگە نىسبەتەن ماددىي مەئىشەتكە ئىنتىلىشتىن باشقا يەنە، سۆيۈش سۆيۈلۈش، ھۆرمەتلىنىش، چۈشىنىش، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت مەنىۋى تەشنالىقلارمۇ بار. ماددىي ياكى مەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇشلار شەكىل، خالاس! لېكىن، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار ماددىي مۇكاپاتقا زورۇقۇپ كېتىپ، بالىلارنى تاماخور قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماددىي مۇكاپات بېرىش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

    پەرزەنتىمىزنى تەربىيەلەشكە نىسبەتەن مۇكاپاتلاشلا تۈپ مەقسەت ئەمەس. مەقسەت ئۇلارنى خۇشال – خۇرام، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈشدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، پەرزەنتىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ، ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئاماللارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتقاندىلا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىپ، ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشىغا ئاساس سالغان بولىمىز.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ