ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى ئالدىغا قويۇش كېرەك

ۋاقىت : 2014-07-13 19:26 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى ئالدىغا قويۇش كېرەك

بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى ئالدىغا قويۇش كېرەك

بالىلارغا پۇل بىرىشتە يەنىلا تەربىيەنى ئالدىغا قويۇش كىرەك، يەنى بەرگەن پۇلىڭىزدىن بالىڭىز بىرەر نەرسىنى ھىس قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق پۇل ھەققىدە توغرا ئۇقۇم ھاسىل قىلىشى كىرەك، ئەپسۇس، ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارغا قالايمىغان پۇل بىرىشمۇ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىكى ۋاستىسى بولۇپ قالدى، كىچىككىنە بالىلارنىڭ قولىدا ئايفون، ئايپەتلەرنى تۇرغانلىقى مانا مۇشۇنىڭ مىسالىدىن، ئويلاپ باقايلى، سىزنىڭ بالىڭىزغا ئامراقلىقىڭىز كىلىپ ئۇلارغا قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئىلىپ بەرگىنىڭىزدە ياكى قولىدا يۈز يۈەنلەپ پۇلنى تۇتقۇزغىنىڭىزدا بالىڭىزدا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ؟ يەنە كىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئائىلە شارائىتى ناچارراق ساۋاقدىشىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ بويۇن قىسىپ قىلىشىنى تىخىمۇ ئويلىمايسىز، گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بۇرۇن كۆرگەن مۇنداق بىر خەۋەر يادىمغا كەلدى، نيۇيوركنىڭ قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق، قار ياققان كۈنلىرى نۇرغۇن شىركەتلەر خىزمەت توختىتىدۇ، مەكتەپلەرمۇ بالىلارنى قويۇپ بىرىدۇ، ئەمما نىيويوركتىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە قاتتىق قار ياققان كۈنلىرىمۇ ئوقۇش توختىمايدۇ، قار تۈپەيلىدىن ئىشىك دىرىزىلەر قاپسىلىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ، سىرىق رەڭلىك مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ قاردا بالىلارنى مەكتەپكە ئالغىلى كەلگىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىستاستىستىكا قىلىنىشچە، ئون يىلدىن بىرى نىيويوركتىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قار ئاپىتى سەۋەبىدىن يەتتە قىتىملا دەرس توختاتقان، باشقا ۋاقىتتا ئىزچىل دەرس ئوقۇتىۋەرگەن، ئۇنداقتا مۇشۇنداق قاتتىق قاردىمۇ بۇ مەكتەپلەر نىمە ئۈچۈن دەرس توختاتمايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارمۇ بۇنىڭدىن ھەيران قالغان، ھەتتا مەكتەپكە تىلىفۇن قىلىپ ئىتىراز بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلار مەكتەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۈن-تىنسىز تىلىفونى قويىۋەتكەن، بۇنىڭ سەۋەبى، گەرچە نىيۇيوركتا نەچچە مىليۇندىن ئارتۇق دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر ئىنتايىن نامرات ھالەتتە ياشىماقتا، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ نۇرغۇن نامرات بالىلار ئوقويدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇشۇنداق قاتتىق قار ياغقان كۈنلىرى، مەكتەپتىن راھەت باشقا يەر يوق، مەكتەپنىڭ ئىسسىق پارلىرى شۇنداقلا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردە ئېرىشىدىغان ئەڭ مۇھىم ياردىمى، يەنە كىلىپ بۇنداق ياردەمگە ئۇلار غورۇرلۇق ئېرىشەلەيدۇ، چۈنكى مەكتەپ ئوقۇشنى توختاتمىغان بولغاچقا ھەممە بالىلار چوقۇم مەكتەپكە كىلىشى كىرەك، بۇ چاغدا بۇ بالىلار ئىسسنىش ياكى تاماق ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىلىدۇ، گەرچە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار قاتتىق قار ياققاندا، قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى مەكتەپكە يىغىپ پاناھلاندۇرۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ، لىكىن مەكتەپ بۇنى رەت قىلغان، چۈنكى خەيرى ساخاۋەتنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانى ياردەمگە ئېرىشتۈرگۈچىنىڭ غورۇرىنى ساقلاش...

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ