بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەيلى
ئابدۇقەييۇم ئېلى

ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلىق پىسخولوگ تورانىس ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق يىغىنچاقلىغان:
1. دائىم باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، شەيئىلەرنى كۆزىتىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ.
2. گەپ قىلغاندا ۋە ماقالە يازغاندا تۈرلەرنى سېلىشتۇرىدۇ ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىدۇ.
3. كىتاب ئوقۇش، يېزىش ۋە تەسۋىرلەش ماھارىتىنى ياخشى ئىگىلەيدۇ.
4. نوپۇزلۇقلارغا رىقابەت ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
5. ئىشلارنىڭ تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، شەيئىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلايدۇ.
6. شەيئىلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
7. ئۆزى بايقىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
8. شاۋقۇنلۇق، قالايمىقان مۇھىتتىمۇ زېھنىنى يىغىپ ئىش قىلالايدۇ.
9. بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقالايدۇ.
10. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
11. ئىشلارغا قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ.
12. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەسىلىلەرنى بايقاش ئۇسۇلى بولىدۇ.
13. نەتىجىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم بۇ مۆلچەرنىڭ توغرىلىقىنى تىرىشىپ ئىسپاتلىيالايدۇ .
14. دىققىتى چېچىلىپ كېتىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ.
15. ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سوئال سوراش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزى بىلگەن شەيىئىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئادەت قىلغان.
16. ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ.
17. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكىنى كۆپ تەرەپتىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن.
‹‹بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم›› دېگەندەك مول ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاشكارا ھازىرلىغان ياكى يوشۇرۇن ھازىرلىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ۋە ئۇستازلار پەرزەنتلىرىنى يېتەكلەشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، مول ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. چۈنكى ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنى تەربىيەلەش بۈگۈنكى مائارىپىمىزنىڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە تەقەززاسى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەيلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
- بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلى
- بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تە
- بىلىمخۇمار: كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بې
- بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئو
- بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەرب
- بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەي
- ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىم
- پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى ب
- بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى
- بالىلارغا پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغ
- ياپونىيە: بالىلار پارچە پۇرات پۇللارنى
- بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تە
- بالىلار تۇرمۇشتىن نىمىنى ئۆگىنىدۇ؟
- ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تە
- ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى
- ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس
- بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
- بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيى
- بىلىمخۇمار: كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى
- بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ ب
- بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
- بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەيلى
- ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساغل
- پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭ
- بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى ئالدى
- بالىلارغا پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىق
- بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيى
- ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيە
- ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى
- ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرمايدىغان
- بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا ماكان
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگى
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟