بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى «كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى» دېگەن ماقالىسىدە 45 يىللىق تارىخقا ئىگە، بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. يەنى ئۇنىڭدا مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسىنى چۈشەندۈردۈم. ئاشۇ تور بەتتە يەنە ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ تەربىيىسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ئۇچۇرلار بار بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدىن باشلاپ شۇلارنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرىمەن. مەزكۇر ماقالىنى مەن ھازىرغىچە تەييارلىغان، قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى، ۋە بۆشۈكنىڭ پايدا-زىيىنى تېمىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ داۋامى، دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ماقالىدا تونۇشتۇرۇلىدىغىنى بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى تەۋسىيىلەردىن ئىبارەت [1].
1. بىر-ئىككى ياشلىق بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
بالىڭىز يېڭىدىن ماڭغاندا نۇرغۇنلىغان «تۇنجى قېتىم» لارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى تۇنجى قەدەمنى ئېلىش بىلەن تۇنجى سۆزنى دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىڭىزنىڭ ئالدىنقى نەچچە ئاي جەريانىدا سۆزلەپ يۈرگەن قالايمىقان سۆز بوغۇملىرى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق سەمىمىي سۆزىگە تەرەققىي قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى ئايىغى چىققان بالا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 دانە يېڭى سۆزنى ئۆگىنىدۇ. بالا بىر يېرىم ياشلارغا كىرگەندە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك سۆزلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر سۆز ئىبارىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئوخشىمىغان بالىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
يېڭى ماڭغان بالىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ شىددەتلىك ھالدا ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بالىڭىزنىڭ ھەر خىل قىياپەتلەرگە كىرىۋېلىشى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەرىكىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىڭىز بىر كىتابنى ۋاراقلاپ، ئۇنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇغان قىلىقنى قىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئۇنىڭ كىچىك يېشىدىلا ساۋات چىقىرىش تەرەپكە قاراپ ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر ياشلىق بالىلار ئۆزىنىڭ كىچىك دۇنياسىدا بىر مۇستەقىل ياشاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار پايپاق بىلەن ئاياغلىرىنى ئۆزلىرى كىيىپ، ئۆزلىرى سېلىۋېتىدۇ. ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرى چىقىپ، ئۆزلىرى چۈشىدۇ. ھەر خىل نەرسىلەرنى ئۆزلىرى ئېچىپ، ئۆزلىرى ياپىدۇ. بۇ يېڭىدىن بايقىغان ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا قىلىش جەريانى كىتاب ئوقۇشقىچە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سىز يېڭى ئايىغى چىققان بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئەگەر ئۇ كىتابنى ئۆزى تۇتماقچى بولسا، ياكى كىتابنىڭ يېڭى ۋارىقىنى ئۆزى ئاچماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران قالماڭ.
2. بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر
(1) كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان قىلىش
بالىڭىز بىر ياشقا كىرىپ، ئايىغى يېڭىدىن چىققان مەزگىلدە، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ۋە ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەشكە ئامراق كېلىدۇ. ئاشۇنداق مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بەرسىڭىز، بالىڭىز يېڭىدىن بايقىغان مۇستەقىللىقلىرىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ. ئوقۇيدىغان كىتاب بىلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ئورۇننى بالىڭىزنىڭ ئۆزى تاللىسۇن. ئەگەر بالىڭىز كىتابنى ئۆزى تۇتۇپ بەرمەكچى، ۋە يېڭى بەتنى ئۆزى ئېچىپ بەرمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز ھەيران قالماڭ.
گەرچە بالىڭىز كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە كۈلۈمسىرەش، كۈلۈش ۋە سۆزلەپ كېتىش ئىشلىرىنى قىلىپ كەتمىسىمۇ، بالىڭىزنىڭ ئوقۇش ماتېرىيالى بىلەن مۇشۇنداق ئۇچرىشىشى بىر ساغلام ئۆگىنىش جەريانى بولۇپ، ئۇ بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشقا قاراپ ئالغان دەسلەپكى قەدەملەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
(2) كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق بالىنىڭ تۆۋەندىكى بىر بالداقتىن يۇقىرىدىكى بىر بالداققا چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش
كىچىك بالىلار بىر ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى كىمنىڭ كۆتۈرۈۋاتقىنىغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما بالا يېشىغا توشۇپ، يېڭىدىن مېڭىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئاپا-دادىسى يېنىدا بولمىسا قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالىڭىزغا دادىسى ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا سالام قىلىدىغان، ئاپىسى ئىشقا ماڭغاندا ئۇنىڭغا «خەير-خوش» دەپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويىدىغان مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، بالىڭىز دادىسى ۋە ئاپىسىدىن مۇشۇنداق ۋاقىتلىق ئايرىلىشنىڭ بىر نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ.
(3) ھەرىكەتتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش: بىرىنچى قەدەم، بىرىنچى كىتاب
ئايىغى ئەمدىلا چىققان بالىلار بىر جايدا يىقىلىپ كەتمەي ئارانلا تۇرالايدىغان، ئۆي جابدۇقلىرىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان، ھەمدە بىر نەرسىنى تۇتماي بىر قانچە قەدەمنى ئاران ئالىدىغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا بالىلار ھەرگىز بىر جايىدا جىم تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بالىڭىز باسقان ھەر بىر قەدەم تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ماھارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بالىڭىز ئويغاق تۇرغان ھەر بىر پەيت بالىڭىزغا يېڭىلىقلارنى ئۆگىتىدىغان پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چوڭلار ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئولتۇرۇپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىش، ئەمما بالىلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. يېڭى ئايىغى چىققان بالىڭىز كىتابنى ئۆرە تۇرۇپ ياكى مېڭىپ يۈرۈپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن بولۇپ، سىز بۇنىڭغا يول قويۇڭ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بالىڭىزنىڭ كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.
(4) بېرىپ ئېلىش: كىتابنى بىللە ئويناپ تۇرۇپ ئوقۇش
بىللە ئويناش يېڭى ئايىغى چىققان بالىنى بېقىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ، بىللە ئويناپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش تېخىمۇ شۇنداق. كىتابتىكى سۆزنى بىر باشتىن ئوقۇپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، بالىڭىزنى كىتابتىكى مەزمۇنغا مەلۇم بىر ئىنكاس قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. كىتاب ئوقۇشنى پات-پات توختىتىپ، بالىڭىزدىن «نېمىشقا ماۋۇ ئىش بۇنداق بولغاندۇ؟» دەپ سوراپ تۇرۇڭ، ھەمدە بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قىسمىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ بېرىڭ. گەرچە بالىڭىز سىزگە سۆز بىلەن ئىنكاس قايتۇرالمىسىمۇ، ئۇ كۈلۈمسىرەش، كۈلۈش، كۆز ئىشارىتى قىلىش، ۋە ئادەتتىكى سۆز بوغۇملىرىنى ئىشلىتىپ سۆزلەش ئارقىلىق سىز ئوقۇپ بەرگەن كىتابقا ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بېرىپ-ئېلىش ئۇسۇلى كىتاب ئوقۇشنى سىز بالىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەت ئەمەس، سىز بىلەن بالىڭىز بىللە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
(5) ئۆزىنىڭ كىتابى: بىر نەرسىگە ئىگە بولۇشنى ئۆگىنىش
يېڭى ئايىغى چىققان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بوشلۇقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نەرسىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بىر ياشلىق بالىڭىز ئۈچۈن بىر كىچىك كۇتۇپخانا ياساپ بېرىش بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بالىڭىزغا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن بىر توپ كىتاب ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق سىز ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇشنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر مۇھىم ۋە ھۇزۇرلىنارلىق قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويالايسىز. بۇنداق قىلىش بالىڭىزغىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىتابنى تاللاش ئەركىنلىكىنى ئاتا قىلىدۇ. يېڭى ئايىغى چىققان بالىڭىزغا بىر كىچىك كۇتۇپخانا قۇرۇپ بېرىش ئۇنچىۋالا تەس ئىش ئەمەس. ئەگەر بىرەر «كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى» غا ئەزا بولۇپ كىرسىڭىز، ھازىر ئەڭ دەۋر سۈرۈۋاتقان كىتابلارنى بايقاش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز. سىز تۇغقانلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزغا، بالىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە بايرام كۈنلىرىدە سوۋغات ئۈچۈن بالىڭىزغا ئويۇنچۇق ئەمەس، كىتاب ئېلىپ بېرىشنى ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىدىكى مەزمۇنلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
3. ئاخىرقى سۆز
مەزكۇر ماقالىدا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلار بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان، ۋە قىلىش خېلى تەس بولغان ئىشلار بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئاق تەنلىك ۋە يەھۇدىي تونۇشلىرىمنىڭ ئۆيىدە، شۇنداقلا بالىلار ئوينايدىغان مەيدانلاردا ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ يېڭى ئايىغى چىققان بالىلىرىغا يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى كۆپ قېتىم كۆردۈم. ئۇ ئاتا-ئانىلار كۆزلىرىنى ئۆز بالىلىرىدىن بىرەر مىنۇتمۇ ئايرىمايدۇ. بالىسىنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بالىسى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسا ئۇنى دەرھاللا تۈزىتىدۇ. بىرەر ئىشنى ياخشى قىلسا بالىسىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماختايدۇ. ئۆز يېنىدىن ھەرگىزمۇ بالىلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان كىتابلارنى ئايرىمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن باشلاپلا قايسى ئىشنى قىلسا بولىدۇ، قايسى ئىشنى قىلسا بولمايدۇ، دېگەننى ئىنتايىن ئېنىق بىلىپ چوڭ بولىدۇ. ھەمدە كىتاب بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەن بولغاچقا، ساۋاتى تېز چىقىدۇ، شۇنداقلا ئالدىنقى ماقالىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئېغىزاكى ۋە يازما ئالاقىلىشىش ئىقتىدارلىرىغا باي چوڭ بولىدۇ. بالىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن چوڭ قىلىش مانا ئاشۇنداق ئەجىرلەرنى تەلەپ قىلىدىكەن. ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىكى كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مانا شۇنداق تەربىيىلەيدىكەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارغا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، بولسا ئۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساپالىق يېڭى ئەۋلادلارنى مانا شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا تەربىيىلەپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
قوشۇمچە: «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى
مەن تېخىچە ئاڭلاپ باقمىغان قېرىنداشلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئالدىنقى ماقالىدىكى «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى بۇ يەرگە ئەينەن كۆچۈرۈپ قويدۇم.
«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنى قۇرغانلار يالغۇز مۇھەررىرلەر بىلەن نەشرىياتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن [2]، ئۇلار كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار كىتابلىرى نەشرىياتى ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاساسىي نىشانى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ناھايىتىمۇ ھۇزۇرلىنارلىق كىتاب ئوقۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.
«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنىڭ باش شىركىتى 1965-يىلى بىر ياش ئاخباراتچى تەرىپىدىن نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى باشلىشىغا ئۆزىنىڭ بىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىدىن ئەڭ ياخشى دەرىجىدە خەۋەر ئېلىش ئىستىكى تۈرتكە بولغان. ئۇ بىر گۇرۇپپا بالا تەربىيىسى (child development) مۇتەخەسسىسلىرىنى يىغىپ، ياش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن «بوۋاق كىتابى» (The Baby Book) دەپ ئاتالغان بىر قوللانمىنى نەشر قىلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىلار ئارقىلىق تۇنجى قېتىم پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلارغا تارقاتقان. ھازىر بۇ كىتابنىڭ 42-نەشرى بېسىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 1965-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ياۋروپادا نەشر قىلىنىپ كەلگەن. 45 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلىغان.
45 يىلدىن بۇيان «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلاردىن «دوكتور سيۇس» (Dr. Seuss)، «دىسنېي» (Disney) ۋە «بوۋاق ئېينىشتېين» (Baby Einstein) قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن.
«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بالىلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىمىز. بىز ئۇلارنى ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ باغرىمىزغا بېسىپ، ئۇلارغا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىمىز. ئۇلار ئويناش مەيدانىدا كۆرسەتكەن سېركچىلىك ئويۇنلىرىغا چاۋاك چېلىپ، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىمىز. ئۇلار بىلەن بىر دولقۇنلۇق كۆلدە سۇ ئۈزۈپ، بىز ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلارغا بولغان ھەۋىسىنى قوزغايمىز. ئەمما، شۇنداق بىر سوۋغات باركى، ئۇ بالىلىرىمىزغا يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايدۇ. ئۇ بولسىمۇ بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش سوۋغىتىدىن ئىبارەت. ھەر كۈنى بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش، بالىڭىزغا ئۇنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋە ئۇنى جەلپ قىلىدىغان كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىش، ھەمدە ئۆزىڭىز بىر كىتاب ئوقۇش ئۈلگىسى بولۇپ بېرىش ئارقىلىق، سىز بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ساۋاتىنى چىقىرالايسىز. بالىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيسىز. «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتى سىزنى بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز سىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىزنىڭ سىزگە ۋە ئۆمۈر-بويى كىتاب ئوقۇغۇچى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بالىڭىزغا قانداق ياردەمدە بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.»
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Literacy Skills: Ages 1-2
https://www.earlymoments.com/Pro ... d-Development-Tips/
[2] Early Moments – Our Story
https://www.earlymoments.com/Our-Story/
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
- بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلى
- بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تە
- بىلىمخۇمار: كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بې
- بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئو
- بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەرب
- بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەي
- ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىم
- پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى ب
- بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى
- بالىلارغا پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغ
- ياپونىيە: بالىلار پارچە پۇرات پۇللارنى
- بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تە
- بالىلار تۇرمۇشتىن نىمىنى ئۆگىنىدۇ؟
- ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تە
- ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى
- ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس
- بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
- بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيى
- بىلىمخۇمار: كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى
- بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ ب
- بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
- بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرەيلى
- ماددىي مۇكاپات بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساغل
- پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭ
- بالىلارغا پۇل بېرىشتە يەنىلا تەربىيەنى ئالدى
- بالىلارغا پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىق
- بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيى
- ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيە
- ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى
- ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرمايدىغان
- بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا ماكان
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگى
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟