ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايلى

ۋاقىت : 2014-09-09 22:52 | مەنبەسى : خەلق تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايلى

بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايلى
 يېقىندا بىر دوستۇم خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆيىمىزگە مېھماندارچىلىققا كەلدى. بىز ساۋاقداش، يېقىن دوست ئىدۇق، كۆرۈشمىگىلى 17 يىل بولغاچقا ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتۇق. مايلىق گۆش يېسە كۆڭلىگە تېگىپ قالمىسۇن، دەپ ئويلاپ ئېمىۋاتقان ئوغلاقتىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ كۈتۈۋالدىم، چۆچۈرىنىڭ كەينىدىن شورپا ئەكىرىلىپ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان گۆش يېيىلىشكە باشلىغاندا قىزىقارلىق ئىش بولدى، دوستۇمنىڭ ئوماق قىزى بىر تال بۆرەكنى قولىغا ئېلىپ ئەمدىلا يەي دەپ ئېغىزىغا ئېلىپ بېرىشىغا يېنىدا ئولتۇرغان ئانىسى:«بۆرەك دېگەننى ئوغول بالا يەيدۇ، ئۇكاڭ يىسۇن!» دەپ تولىمۇ قىزغىن ئولتۇرغان قىزىنىڭ قولىدىكى بۆرەكنى تارتىۋېلىپ، قۇچىقىدا ئەركىلەپ ئولتۇرغان 5 ياشلىق ئوغلىغا تۇتقۇزدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز ئانىسىنىڭ گېپىنى رەت قىلماي جىم ئولتۇردى، چىرايى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئاچچىق يۇتقاندەك بولۇپ چاندۇرماي سىرتقا چىقىپ كەتتىم ...

   ئەلمىساقتىن تارتىپ قىز-ئوغول ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى، بەختى بولۇپ كەلدى. «قىز تۇغۇلدى» دەپ كۆڭلى يېرىم بولۇش، قىزلارنى ئوغۇللاردىن تۆۋەن كۆرۈش، ئوغلى يوق ئائىلە يۆلەنچۈكى يوقتەك بىر ئۆمۈر ئازابتا ئۆتۈش ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان قىسمەن ھادىسە بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، قىز چوڭ بولۇپ تۇرمۇشلۇق بولۇپ چىقىپ كەتسە ئوغلى يوق ئائىلىنى غېرىبلىق باسىدۇ، ئانا يوق، دادا ئاغرىپ يېتىپ قالسا قىز بالىنىڭ ئاياغ تەرەتكە قاچا تۇتمىقى تەس بولىدۇ، ئەڭ يامىنى، جان بار يەردە قازا بولۇپ، دادا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغاندا مىيىتنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغانغا ئوغول بولمىسا بولمايدۇ، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. بىر نۇقتا ئايانكى، ئوغول بالا مېھرىبان بولسا ئائىلىدە گۈللىنىش، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. كۆيۈمى يوق بالا ئائىلە، ئاتا-ئانا ئۈچۈن يۈك بولىدۇ. ئىككىلا قىزى بار دادا ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ داس سۆڭەك ئوپېراتسىيەسى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا قىزلار شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا دادىسىنىڭ ئايىغىغا قول، قاچا سېلىپ تەرەت قىلدۇرغانلىقىنى، 50 كۈن ئەتراپىدا ھەم خىزمەت، ھەم دادىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن دادىسىنى ساقايتىپ دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققانلىقىنى دائىم ئۇچرىتىمىز ھەم مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆپ كۆردۈم. ئاتا-ئانا ئۈچۈن مۇھىمى بالىلارنىڭ جىنسى ئەمەس بەلكى ۋاپادارلىقى. بالىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇش ئائىلىنىڭ روناق تېپىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساستۇر. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، روھىيىتىڭىزدە باراۋەرلىك ئاجىز بولىدىكەن، ياخشى ئاتا-ئانا بولالمايسىز، سىزدىكى ئۇدۇم ئاخىرىدا بالىلارغا مىراس بولۇپ قالىدۇ، ئاقىۋەت، ئۆمۈرلىك سىرتماقتىن قۇتۇلالماي ئۆتىسىز. بۇنى ھېس قىلالامسىز؟!...

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ