پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارنىڭ چوڭى سودىغا ماھىر بولى

يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-19 16:52 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارنىڭ چوڭى سودىغا ماھىر بولىدىكەن ئامېرىكىدىكى بىر تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يېقىندا 1000 شىركەتنىڭ خوجايىنى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ ب

بالىلارنىڭ چوڭى سودىغا ماھىر بولىدىكەن
 
 
 
  ئامېرىكىدىكى بىر تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يېقىندا 1000 شىركەتنىڭ خوجايىنى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 430 خوجايىننىڭ ئۆيىدە بالىلارنىڭ چوڭى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار ئاخىرقى يەكۈن سۈپىتىدە مۇنداق دېدى: ئۆيىدە بالىلارنىڭ چوڭى مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، ھەممىسى سودا ئىشلىرىغا ماھىر بولغاچقا، كېيىنكى چاغلاردا سودا ساھەسىنىڭ سەر خىللىرىدىن بولۇپ قالىدىكەن.

  تۇغۇلۇش تەرتىپى ھەققىدە خېلى ئۇزاق تەتقىقات ئېلىپ بارغان نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە پېروفېسسورى بېندات بۇ ھادىسىگە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ئائىلىدە بالىلارنىڭ چوڭى ھېسابلىنىدىغان بالىلار ھەقىقەتەن سودا ساھەسىدە مول نەتىجىگە ئىگە بولالايدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ چوڭى كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنى ۋە سىڭىللىرىنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بولغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، پۇل ۋە ھوقۇق تۇتۇشقا بەك ماھىر كېلىدۇ .

  بېندات يەنە مۇنداق دېدى: ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ چوڭىدا كىچىكىدىنلا ئىنى ۋە سىڭىللىرىغا ئۈلگە بولۇش قارىشى كۈچلۈك بولىدۇ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە ئاسانلىقچە تىز پۈكمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار سودا ساھەسىدىكى يىقىلىپ– قوپۇپ ئىلگىرىلەش پرىنسىپىغا ماس كېلىدۇ. خىزمەتتە بولسا ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تىرىشىدۇ، خاتالىققا قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا نىسبەتەن خېيىم–خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ، ئىجادچانلىق روھىغا باي بولىدۇ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەكلىپلەرنى بېرەلەيدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر