| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا–ئانىلار يىغىنى شەكىلگە ئايلىنىپ قالمىسۇن

ۋاقىت : 2012-12-18 23:35 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئاتا–ئانىلار يىغىنى شەكىلگە ئايلىنىپ قالمىسۇن

   غالىب مۇھەممەد قارلۇق

    ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردە سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئاتا–ئانىلار يىغىنى ئېچىش قارىشىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئاتا–ئانىلار يىغىنى شەكىلگىلا ئېچىلىدىغان، مەسىلە ھەل قىلىنمايدىغان، بۇنىڭ بىلەن ئاتا – ئانىلار نارازى بولۇپ يىغىنغا قاتناشمايدىغان ياكى كۆڭۈلشىمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەنمەكتە. مېنىڭچە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنى مەكتەپتىن، بولۇپمۇ سىنىپ مەسئۇلىدىن ئىزدىگۈلۈك. شۇ سەۋەبلىك سىنىپ مەسئۇللىرى ئاتا–ئانىلار يىغىنىنى قانداق ئېچىش ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئويلىنىشى، ئاتا– ئانىلار يىغىنى ئېچىشتىن بۇرۇن يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپى بويىچە سۆھبەت مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئالدىن ئويلىشى، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشى ئۈچۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلىشى، يىغىن ئېچىشتىكى مەقسەت، يەتمەكچى بولغان نىشان، ئاتا–ئانىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد، تەلەپ قاتارلىق ھەر بىر نۇقتىنى تولۇق، ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم. ئەگەر يىغىندىن بۇرۇنقى تەييارلىق ياخشى بولمىسا، سىنىپ مەسئۇلى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ–دە، ئاتا– ئانىلار يىغىنىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. سىنىپ مەسئۇلى ئاتا–ئانىلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ھەققىدە قىلمىش–ئەتمىشلىرىنى تېخىمۇ كونكرېتنى كۆرسىتىپ، ئاتا–ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىشى، مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىپ، ئاتا–ئانىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ۋاقىتنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇشى ۋە يىغىننىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    باشقىلارنىڭ مەيلى قانداق ئورۇندا خىزمەت قىلىشى، بىلىم سەۋىيەسىنىڭ يوقىرى–تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچى ئادەم تەربىيەلىگۈچى، ئۇ ئۆزىنىڭ گەپ–سۆزى، ئىش–ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەم ئۇلارنى تەربىيەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەلىم–تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق، ياخشى ئادا قىلالايدۇ.


()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
ئالدىنقى ئەسەر:ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى كېرەك
كىيىنكى ئەسەر:يوق
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>