ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى كېرەك
ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى كېرەك
بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشى بىلەنلا ئاتا–ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار جىددىيلىك قاينىمىغا چۆكتى، بىرلىرى بالام قايسى سىنىپقا بۆلۈنۈپ قالغاندۇ؟ دەپ ئەنسىرىسە، يەنە بىرلىرى مەن ناچار سىنىپقا كىرىپ قالارمەنمۇ؟ دەپ غەم يىدى. چۈنكى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەردە ئوخشاش بىر يىللىقنى «ئەلاچىلار سىنىپى»، «ئادەتتىكى سىنىپ» دەپ بۆلمەسلىكنى قايتا–قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم مەكتەپلەردە بۇ خىل ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت ئىدى.
بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە بۆلۈپ ئوقۇتۇش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى، ئىقتىدارى، ئەقلىي قابىلىيىتىگە ئاساسەن، ئىلمىي ھالدا تەڭ سەۋىيەلىكلەرنى توپقا ئايرىپ، قاراتمىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئەمەلىي قابىلىيىتىگە ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرى بويىچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ گۇرۇپپىغا ئايرىپ ئوقۇتۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش، ئادەتتىكى ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قارىتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. لېكىن ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردە چوڭقۇر، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي، ئىمتىھان نومۇرى ئارقىلىقلا ئوقۇغۇچىلارنى «ئەلاچىلار سىنىپى»، «ئادەتتىكى سىنىپ» ياكى «تېز سىنىپ»، «ئاستا سىنىپ» دەپ دەرىجىگە بۆلۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال ئاتا–ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان نومۇرى سەۋەبلىكلا پىشانىسىگە «ناچار» دېگەن تامغىنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۈگىنىشى ئادەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن «ئاستا سىنىپ»، «ئادەتتىكى سىنىپ»لارغا بۆلۈنۈپ قېلىش بىر نومۇس ئىش، ئۇلار «ئەلاچى»ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىشتىن، باشقىلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنىشتىن، ساۋاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئادەتتىكى سىنىپتا بولسا ئۈگىنىشنى خالىمايدىغان، كەپسىز بالىلار بىر يەرگە يىغىلغاچقا، تېخىمۇ دەرسكە بېرىلمەي، نەتىجىسى چىكىنىپ كىتىشتىن قۇرقىدۇ. ئەسلىدىنلا دەرسكە يېتىشەلمەي تۇرغاندا «بىراقلا ئاستا مېڭىڭلار» دەپ ئايرىپ قويۇش بالىلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ زەربە. ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر توپ ئەلاچىلار ئارىسىدا تاسادىپىي چىكىنىپ قالسا، ئەسلىدىكى سىنىپىدا ئالدىنقى ئورۇن بېغىشلىغان تولۇق ئىشەنچتىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقۇپ، بېسىم ھېس قىلىدۇ–دە، ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى ئازادە بولالمايدۇ ۋە ياكى مەغرۇر، مەنمەنچى، باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان پىسخىكا يىتىلىپ قالىدۇ.
ئاتا–ئانىلارغا نىسبەتەن بۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. ئۇلار بالىلارنى «ئادەتتىكى» سىنىپلارغا بۆلگەنلىك سەندە ئۈمىد يوق دىگەنلىك، بىز مىڭ تەستە بالىلارغا مەدەت بېرىپ، پارلاق ئىستىقبال، گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلدۈرۈپ ئوقۇتۇۋاتساق، بىر نومۇر بىلەنلا تەقدىرىنى ئايرىپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ ئىشەنچى ۋە غورۇرىغا زەربە بەرگەنلىك، ئۆگىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىمۇ ئاجىز بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنى ئايرىۋېتىش تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىك بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى بىراقلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە تىرىشىپ– تىرمىشىپ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىسىتىكىنى نابۇت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاتا–ئانىلارنىڭ نەزەرىدە ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولماسلىق بۇ بالىنىڭ ناچارلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەلاچىلار بىلەن قوشۇپ تەربىيەلىگەندە، ئۆزئارا ئىلھام ئېلىپ، ياخشى ئۈگىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي كۈچىنى «ئەلاچى» بالىلارغا قارىتىپ، ئادەتتىكى بالىلارنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلسا، يەنە بىر قىسىملىرى بالىسىنىڭ «ناچار» بالا دېگەن ئاتاققا قېلىپ، روھىي دۇنياسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشىدىن غەم قىلىدۇ.
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىپ، ئالاھىدىلىكىگە، ئىقتىدارىغا ئاساسەن قاراتمىلىق ئوقۇتقاندا، يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتى ئاشىدۇ، ھازىر، جەمئىيەت ۋە ئاتا–ئانىلارنىڭ مەكتەپلەرگە باھا بېرىشتىكى ئۆلچىمى دەل يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتى، بىزمۇ ئامالسىز، دەپ قارايدۇ.
قاتلاملىق ئوقۇتۇشنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيەلىگەندە، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارماي، سىنىپلارنى نوقۇل ھالدا بىر ئىمتىھان نومۇرى بىلەنلا ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل ئايرىش ئاتا–ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش ئەمەس، بەلكى ئىمتىھان نومۇرىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئوخشاش تەربىيەلىنىش، ئوقۇتۇش بايلىقلىرى، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار. مەجبۇرىي مائارىپ باراۋەر مائارىپ، ھېچقانداق بىرىنىڭ ھەر قانداق باھانە–سەۋەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى، ئىستىقبالىنى، بىلىم ئېلىش ئۇسۇلىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولمايدۇ. روھىيىتى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن، يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، يوشۇرۇن قابىلىيىتى ھەقىقىي تۈردە نامايان بولمىغان بالىلارغا بالدۇر باھا بېرىپ، ئۇلارنى يۇمران ھالىتىدىلا چوڭلارنىڭ جىددىي، كەسكىن رىقابەت قاينىمىغا سۆرەپ كىرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلىرى، ئۈمىد–ئىستەكلىرىنى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇپ، يېشىغا ماس كەلمىگەن غايەت زور بېسىمنى زىممىسىگە يۈكلەپ قويغان بولىمىز. بۇ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، ياراملىق ئادەم بولىشىغا، قەتئى ئىرادە تىكلەپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە زىيانلىق. بىر سىنىپ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەتنىڭ مۇكەممەل كىچىك شەكلى. ئۇنىڭدا ئەلاچى بار، ناچار بار، ئاڭلىق بار، كەپسىز بار، كەلگۈسىدىكى ئالىم، باشلىق، سودىگەر، لىدىر، دۆلەت مەمۇرى، قانۇن ئىجراچىسى ... بار، ھەر بىر ئوقۇغۇچى مۇشۇنداق رەڭدار مۇھىتتا باراۋەر پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا، كەلگۈسىدىكى ئورنىنى خاتاسىز تېپىپ، توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتقان، مۇرەككەپ جەمئىيەتكە ناھايىتى تېزلا ماسلىشالايدۇ. يېڭى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ تۈپكى مەقسىتىمۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى باراۋەر تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، ھەممىسىنى ئوخشاش ئالغا باستۇرۇش، بالىلارنىڭ خاراكتىرىنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتۇر.
()
«ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى كېرەك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر: ئاتا–ئانىلار يىغىنى شەكىلگە ئايلىنىپ قالمىسۇن
- . ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى
- . ئاتا–ئانىلار يىغىنى شەكىلگە ئايلىنىپ
- . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوقۇغۇ
- . ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەت
- . بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قار
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يې
- . ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ س
- . مەدەنىي ئەدەپلىك بولۇپ ئىنتىزامچان ئۆس
- . تاساددىبى ھادىسلەرگە يولۇققاندا خەتەرد
- . 四年级上册信息技术教案
- . ئەخلاق ئادەم زىننىتى
- . ئوقۇغۇچىلاردىكى تىنىمسىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئ
- . تاپشۇرۇق بىرىپ خۇلاسىلاشتا ساقلىنىۋاتق
- . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە؟
- . سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- . سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى
- . ئاتا–ئانىلار يىغىنى شەكىلگە ئايلىنىپ
- . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوقۇغۇ
- . ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەت
- . بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قار
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يې
- . ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ س
- . مەدەنىي ئەدەپلىك بولۇپ ئىنتىزامچان ئۆس
- . تاساددىبى ھادىسلەرگە يولۇققاندا خەتەرد
- . 四年级上册信息技术教案
- . قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- . قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تا
- . ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىت
- . بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولايلى
- . ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېت
- . ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- . ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان 10 خىل ئو
- . ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە