بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمايلى
بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمايلى
نۇرىمان مامۇت
بالىلار تەربىيەسى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر قايسى پەن دەرسلىرىدە ياخشى نومۇر ئېلىشىنىلا خالايدۇ – يۇ، بالىنىڭ ئەخلاق قارىشى، كوللىكتىۋىزملىق ئېڭى قانداق؟ ئائىلىگە، ئاتا – ئانىغا بولغان مېھرىبانلىقى ھەم باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى قايسى دەرىجىدە؟ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نەگىچە؟ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ رايىغا زىيادە بېرىلىپ، بالىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى بىجانىدىل ئورۇنلاپ بەرگەچكە، بالا ئاتا – ئانىنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئالمايدۇ، ئەمما سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھەر قانداق تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇق ئورۇنلايدۇ. مانا بۇ مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ماسلاشمىغانلىقىدۇر، ئەلۋەتتە. پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھەم كەلگۈسى بەختىنى ئويلىمايدىغان، شۇنداقلا پەرزەنتىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىشنى خالىمايدىغان ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار بالا تەربىيەسىدە مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىنىلا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەخلاقىي پەزىلىتىگە سەل قاراشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بالىلار ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرەلىسە راستچىل، سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل بولۇش بىلەن بىللە، تىرىشچان، كۆيۈمچان، ۋاپادار بولىدۇ – دە، تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ ھەم ياخشى پەزىلىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئائىلىدە ياخشى بالا بولالايدۇ. ئەكسىچە، ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرەلمىسە يالغانچى، بەتخەج، مەسئۇلىيەتسىز، ھورۇن، كۆيۈمسىز بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، بالىلار تەربىيەسىدە ئۆگىنىشكىلا ئەمەس، مۇھىمى ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئېتىبار بېرىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. بەزى سىنىپلاردا يىتىم، نامرات، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇلار گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالمىسىمۇ، ئۇلاردا بەزى پەزىلەتسىز ساۋاقداشلىرىنىڭ كەمسىتىشى، كۆزگە ئىلماسلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىر سىنىپتا ئەخلاق – پەزىلەتلىك بالىلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئەخلاقسىز، ھۇرۇن، مەسئۇلىيەتسىز يالغانچى بالىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە سىنىپ مۇدىرى ئۇلارغا تەربىيە قىلسىمۇ، ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئورتاق بولمىغاچقا، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەخلاقسىزلىق يۇشۇرۇش ھالەتتىن ئاشكارىلىققا ئۆتىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە ئالدى بىلەن پەزىلەت تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم.
()
« بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمايلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر: ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتنى يېتىلدۈر
- . ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەت
- . بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قار
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يې
- . ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ س
- . مەدەنىي ئەدەپلىك بولۇپ ئىنتىزامچان ئۆس
- . تاساددىبى ھادىسلەرگە يولۇققاندا خەتەرد
- . 四年级上册信息技术教案
- . ئەخلاق ئادەم زىننىتى
- . ئوقۇغۇچىلاردىكى تىنىمسىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئ
- . تاپشۇرۇق بىرىپ خۇلاسىلاشتا ساقلىنىۋاتق
- . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە؟
- . سىنىپ يىغىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تىگ
- . سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- . باشلانغۇچ مەكتەپ ماقالا مەشىقى بىلەن ئو
- . قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش
- . يۇرتمېھرى- ساۋاقداشلار ئەسلىمىسى (2)
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەت
- . بالىلاردا پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە سەل قار
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يې
- . ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ س
- . مەدەنىي ئەدەپلىك بولۇپ ئىنتىزامچان ئۆس
- . تاساددىبى ھادىسلەرگە يولۇققاندا خەتەرد
- . 四年级上册信息技术教案
- . ئەخلاق ئادەم زىننىتى
- . ئوقۇغۇچىلاردىكى تىنىمسىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئ
- . تاپشۇرۇق بىرىپ خۇلاسىلاشتا ساقلىنىۋاتق
- . قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- . قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تا
- . ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىت
- . بالىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولايلى
- . ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېت
- . ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- . ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان 10 خىل ئو
- . ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە