| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

تەبىئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى يۇقىرىمۇ ياك

ۋاقىت : 2012-12-10 00:38 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

تەبىئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى يۇقىرىمۇ ياكى

ئىجتىمائىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ؟

 

تەبىئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى يۇقىرىمۇ ياكى ئىجتىمائىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ؟

ئامېرىكىنىڭ بىر دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە تەبئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى ئىجتىمائىي پەنلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ ئۆمرىدە ئىجتىمائىي پەننى پۈتتۈرگەنلەردىن 1مىليون 600مىڭ يۈەن ئارتۇق پۇل تاپىدىكەن.

يەنى ئوخشاشلا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، خىزمەت ۋاقتى 40يىل دەپ ھېسابلىغاندا قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەردىن بىر مىليون 600مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇ تاپىدىكەن. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ-يوق؟ پەنلەر ئايرىمىسى راستىنلا كىرىمگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ قېنى تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەھلىللەرگە قاراپ باقايلى:

«تەبىئىي پەننى ياخشى ئۆگەنسە، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە جىنىنى باققىلى بولىدۇ» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئەلۋەتتە بۇ بىر جۈملە سۆز ئامېرىكىلىقلارغىمۇ ماس كېلىدۇ، ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئوخشاشلا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى 40 يىل دەپ ھېسابلىغاندا قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەردىن 1مىليون 600 مىڭ يۈەن ئارتۇق تاپىدىكەن. بۇ خۇددى: «ئەر كىشى كەسىپنى خاتا تاللاپ قېلىشتىن، ئايال كىشى بىرسىگە خاتا ياتلىق بولىشتىن قورقىدۇ»دېگەندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالغان.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا نوپۇسنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2011-يىللىق مەھەللىلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەريىللىق كىرىمى 64396 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلار، يەنە بىر قىسمى بولسا ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ھەمدە ئۆز ساھاسىدە بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغانلار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ، مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 91611 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، كومپىيوتېر ۋە ئالگېبىرا كەسىپلىرى ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، بىر يىللىق مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80180 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق كەسىپلەرنىڭمۇ مائاشى ياخشى بولۇپ، 80037 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئاكتيورلۇق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، بىر يىلدا ئاران 50484 ئامېرىكا دوللىرىلا كىرىم قىلىدىكەن. مائارىپ كەسپىدىكىلەر 50902 ئامېرىكا دوللىرى، پىسىخولوگىيە كەسپىدىكىلەرنىڭ بولسا 55509 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، قۇرۇلۇش كەسپى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلار ھەريىلى ئاكتيورلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلاردىن 40مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل تاپىدىكەن، بىر ئادەمنى ئۆمرىدە 40 يىل خىزمەت قىلىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدىكى پەرق 1مىليون 600مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنچىۋالا چوڭ پەرقتىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەيران قىلىشى تۇرغانلا گەپ.
خىزمەتچى ياللاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇنىڭغا ئوخشاش تەبىئىي پەن ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەت تاپالىشى ئىجتىمائىي پەننى ئوقۇغانلارنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ، كومپىيوتېر ۋە ئالگېبىرا كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتكە ئىگە بولۇش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 3\2 قىسمىنى ئىگەللەيدىكەن. قۇرۇلۇش كەسپى %65، سودا كەسپىدىكىلەر %64 بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بۇ كەسىپدىكىلەرنىڭ ئاسانلا ياخشى خىزمەت تاپالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئەمما مائارىپ كەسپى بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلار ئىچىدە پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچىلەرنىڭ ئاران %41 ئىگەنلەيدۇ، تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىكىلەر بولسا %46 ، ئاكتيورلۇق كەسپىنىڭ بولسا ئاران %48 ئىگەللەيدۇ، بۇنىڭدىن بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت تېپىشىنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوخشاش كەسىپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىرىمدىمۇ روشەن پەرق بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مەسىلەن ئىنسانلار مەدەنىيىتى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئەگەر كومپىيوتېر ساھەسىدە خىزمەت قىلسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2مىليون 900مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىكەن، ئەگەر ئادەتتىكى شىركەتلەردە كاتىپ بولۇپ ئىشلىسە پۈتۈن ئۆمرىدە ئاران 1مىليون 600مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىكەن، مانا بۇ ھازىر كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان ئەڭ نامرات ئاق ياقىلىقلار بولسا كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدا تەبىئىي پەن ئوقۇغانلارنىڭ ئىجتىمائىي پەننى ئوقۇغانلاردىن خىزمەتنى ئاسان تاپالىشى كۆز يۇمغۇلى بولمايدىغان ھەقىقەت. لېكىن تەبىئىي پەننى ئۇقۇش جاپالىق ھەم پۇختا بولغان ئاساسنى تەلەپ قىلىدۇ، ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالگېبىرا ئاساسى بىردەك ئاجىز بولۇپ، شۇڭا تەبىئىي پەن ئۇلارنىڭ ئالدىن تاللىشى ئەمەس. شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساسلىقلار بازىرىدا يىلدا تەربىيىلىنىپ چىقىدىغان ئېنژېنېرلارنىڭ ئازلىقىغا شۇنداقلا ئېنژېنېرلارغا بولغان ئىھتىياجنى قامدىغىلى بولمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىش كەيپىياتى مەۋجۈت. بۇمۇ دەل پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ تەبىئىي پەندە ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار مەيلى ئۆزى بولسۇن ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولسۇن ئۇلار ئۆزلىكىدىن كومپىيوتېر، قۇرۇلۇش، مېدىتسىنا، ئىقتساد، پۇل مۇئامىلىسى، قانۇن قاتارلىق كېلەچەكتە خىزمەت تېپىش ئاساس ۋە مائاش تەمىناتى ياخشى بولغان كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ.

قېنى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش بازىرىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىلىق كەسىپلەرگە قاراپ باقايلى، بۇ كەسىپلەر ئۇچۇر تېخنىكىسى، داۋالاش ۋە ساغلاملىق كەسپىي خادىملىرى ۋە ئارقا سەپنى قوللىغۇچى خادىملار، ئېنژېنېر، بولۇپمۇ ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئېنژېنېرى، تېخنىك خادىملار، مەسىلەن: توكچى، ياغاچچى، كەپشەرچى، يەنە ھاياتلىق ئىلمى ۋە بىئوتېخنىكا قاتارلىق كەسىپلەر.

يۇقارقىلار پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش بازىرىدىكى بىر كۆرىنىش، كەسىپ تاللاش ۋە كىيىنكى كىرىم مەسىلىسىگە كەلسەك، كىشىلەرنىڭ تاللىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر كەلگۈسىدە ئاسان خىزمەت تاپقىلى شۇنداقلا يۇقىرى كىرىملىق كەسىپلەرنى تاللىشى مۇمكىن، لىكىن قىزىقىشىنى چىقىش قىلىپ،پۈتۈن بىر ئۆمرىنى سۆيگەن كەسپىگە تەقدىم قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەم ئۆزى قىزىقىدىغان شۇنداقلا كىرىمىمۇ يۇقىرى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ھەقىقەتەن كىشىنى خوشال قىلىدۇ، ئەمما بۇنداق پۇرسەتلەر يەنىلا ئاز. مەيلى سىزنىڭ تاللىشىڭىز قانداق بولسۇن، مىنىڭچە تۇرمۇشتىكى خوشاللىق ۋە مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى پەقەت شۇ كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.

 

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>