ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى، شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەممەيلەنگە ئايان. ھەسەل يالغۇز ئەرلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ھەممىسىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كىلىدىغان ئېسىل ئوزۇقلۇقتۇر. لىكىن ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان چېچەك-گۈللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ ھەسەلنىڭ تەمى، پۇرىقى، ئوزۇق، خۇسۇسىيەتلىرىدە مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. ھەم ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ئەھۋاللاردا بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھەسەل سۈيى ئىچىشنى ئادەت قىلسا ھەر خىل قان تومۇر كېسەللىكلىرى، جېگەر، ئاشقازان، مېڭە ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشى قىلىدۇ. توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئەھۋاللاردىن قەۋزىيەت، گېمىروي، قان قويۇقلۇق، چىرايىغا داغ چۈشكەن ئەھۋالدا ئاچ قورساق ناشتىدا ھەسەل سۈيى ئىچىپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخىشى بولىدۇ. بۇنىڭغا دورا ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئېلىنغان ھەسەل، يانتاق ھەسىلى، زاراڭزا چېچەك ھەسەللىرى قاتارلىقلار ئوبدان ماس كىلىدۇ.
مەنبە: شىنخۇا تورى