باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

[بىلگەجان] - سېمىزلىك دېگەن نېمە؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-24 23:59:26

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە 

    ھازىر دۇنيادا سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ ئومۇملاشقان، نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ۋە داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللەرنىڭ بېرى بولۇپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 2 ھەسسە ئاشقان. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ھەتتا سېمىزلىكتىن كىلىپ چىققان ئىككى تىپلىق دېئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ئامرىكىدا كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ئىچىدە ئالتىنچى چوڭ سەۋەپكە ئايلانغان. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە سېمىزلىك ئادەتتە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنرەك، بىر قەدەر ئاز تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر توپىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققى تاپقان ئەللەردە نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇش – تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىدىمۇ تىزدىن ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن سېمىزلىك كىسىلىنى دۇنيا مىقياسىدا كونتىرول قىلىش چاقرىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ ئاجرىتىلدى. تۆۋەندە سېمىزلىكنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان ئېنىقلىمىسى، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

 

 

بۇ قىسقا يازمىدا سىلەرگە سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىىمىنى قىسقا قىلىپ قايتىدىن تونۇشتۇرىمەن. قېنى قاراپ بېقىڭ، سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز نورمالمۇ، ئېشىپ كەتكەنمۇ ياكى بەكلا تۆۋەنمۇ؟

ئاۋۋال سېمىزلىكنىڭ زادى قانداق ئۆلچىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىمى «بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى، BMI» ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى بىر فورمۇلا ئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلوگرام سانى ئېگىزلىك مىتىر سانىنىڭ كۋادراتىغا بۆلۈنىدۇ. مەسلەن: بىر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، بۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ BMI سى، يەنى بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 22.2 بولىدۇ. ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 18.5 تىن 25 كىچە بولسا نورمال ھېساپلىنىدۇ؛ 25 تىن 30 غىچە بولسا «ئېغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن» ھېساپلىنىدۇ؛ 30 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر 18.5 تىن تۆۋەن بولسا «ئېغىرلىقى تۆۋەن» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

 

BMI=kg/m*m

 

بۇ يەردە قىسقىچە توختالماقچى بولغىنىم ئېشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بولۇپ،كۆزدە تۇتىدىغىنىم BMI سى (بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى) 25 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىدۇر؛ ئەلۋەتتە BMI (بى ئەم ئاي) سى 30 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن سېمىزلىكنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى بايان قىلىمەن. سېمىز كىشىلەردە قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى نورمال كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن ياغ مىقدارى بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولۇپ، سېمىزلىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 40 ياشتا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى نۇرمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەردىن ئاز دىگەندە يەتتە يىل تۆۋەن بولغان. سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ۋاستىلىك تەسىرلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قاندىكى ئېشىپ كەتكەن گلۇكوزا مىقدارى ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ كۆپلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىنى زۆرۆرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىننىڭ گلۇكوزىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىي مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ. شۇمۇ مەلۇمكى، يۇقىرى قان بىسىمى بىمارلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى سېمىز كىشىلەردۇر. سېمىزلىك كېسىلى يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرى، راك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، جېگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى ۋە تۇغماسلىق كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشى بار، دەپ قارالماقتا.

نۆۋەتتە دۇنيادا كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاشنىڭ تېخى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تىپىلغىنى يوق. شۇڭا، ھازىرچە ئورۇقلاشنىڭ بىخەتەر لىكىن ئۈنۈمى سەل تۆۋەنرەك چارىسى يەنىلا ئېنىرگىيەنى كېمەيتىش، يەنى تاماقتىن كىلىدىغان ئېنىرگىيەنى ئازايتىپ، ھەرىكەت ئارقىلىق ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر سىمىزلىك كېسىلى تەتقىقاتى ئىنتايىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىنغان تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەلكىم كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئۈمىد بار.

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 19-كۈنى

پايدىلىنىغان ماتېرىياللار:

Catalano, P. M., and S. Hauguel-De Mouzon. 2011. Is it time to revisit the Pedersen hypothesis in the face of the obesity epidemic? Am J Obstet Gynecol 204: 479-487.Centers for Disease Control and Prevention. 2005. Preventing obesity and chronic diseases through good nutrition and physical activity.http://www.cdc.gov/nccdphp/publications/factsheets/preventio. Accessed on November 23, 2012.

 

Haslam, D. W., and W. P. James. 2005. Obesity. Lancet 366: 1197-1209.

Department of health. 2012. England Health Survey.http://www.dh.gov.uk/health/2012/04/obesity facts. Accessed on November 22, 2012.

Ezzati, M. et al. 2003. Estimates of global and regional potential health gains from reducing multiple major risk factors. Lancet 362: 271-280.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

 

يازما ئاپتورى: بىلگەجان

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (تور نامى بىلگەجان) 1985-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتى مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان. 2013-يىلى 5-ئايدا 28 يېشىدا دوكتورلۇقنى تاماملاپ، ئامېرىكا تەبئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش ئۇيغۇر دوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى گېنىتىكا فاكۇلتىتىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسلىقى گېنىتىكا، ھامىلە يېتىلىش بىئولوگىيىسى، مېتابولىزىملىق كېسەللىكلەر ۋە مېڭە ئىلىمى قاتارلىق ساھەلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىئو-مېدىستسىنا تەتقىقاتىغا مەركەزلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://bilge.eldawa.com/?p=509

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2