باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

زادى مۇھەببەت مۇھىممۇ؟ ئىپپەتمۇ؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-14 03:21:47

مەن ئاخشام زەينەپنىڭ ماڭا پۇرىتىپ تۇرۇپ دېگەن سۆزلىرىدىن ،مەن ئۆزۈمنىڭ سۆيگۈ دېڭىزىدا قىرغاقنى تاپالماي يۈرىدىغانلىقىمنى ئازراق بولسىمۇ سەزگەندەك بولدۇم.بۇ كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۇش مەن ئۈچۈن تەسكە توختايدىغاندەك قىلاتتى،كاللامغا ھەرخىل ئويلار كېلىپ زەينەپنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ ھېچ ئارام بەرمەيتتى.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ساپساق 4 يىل،ئۇنىڭ كەينىدە چېپىپ يۈرۈپ قانچىلىك ئازاپلىق تۈنلەرنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلدىم؟ ئەمدىلىكتە سۆيگۈ گۈلىنى ئۈزىدىغان چاغدا ،ساڭا مەندىن ئارتۇق قىزلار ئۇچرايدۇ،سەن قىزلارنىڭ دەردىنى بىلمەيسەن،مەنمۇ سېنى سۆيىمەن ،بىراق..... دەپ تىلىنى چايناپ،ئاخىرىدا ئايرىلىپ كېتەيلى دېگىنى نېمىسى؟ گەپنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەسلىكىنىڭ نمەسەۋەبى باردۇ؟
مۇشۇنداق ئاخىرى تۈگىمەس خىياللار مېڭەمنى قوچۇپ ھېچ ئارام بەرمەيتتى،ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ مەنمۇ نېمە قىلىشنى بىلەلمىدىم ،لېكىن ئىچىمدىن بىرنەرسە مېنى ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سوراشقا ئۈندەيتتى ھەم قىستىماقتا ئىدى.
شۇنداق ئاخىرى چىقماس خىياللار ئارىسىدىن ،ئاخىرى ئەتە زەينەپ بىلەن كۆرۈشۈپ ھەقىقىي ئەھۋالنى سوراش قارارىغا كەلاىم.
بۈگۈن يەكشەنبە،ئەتىگەندىلا ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋېتىپ زەينەپكە تېفۇن قىلدىم .ھەم ئۇنىڭغا بۈگۈن چوقۇم كۆرۈشۈش نىيىتىم بارلىقىنى ئېيتتىم.
ئۇ مەن دېگەن ۋاقىتتا دەريا بويىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن.
_ئوبدان تۇرۇپسەنمۇ زەينەپ؟
_قەدىر ئەھۋال ئۆزەڭچۇ؟
ئۇنىڭ چېھرىدىن بىرخىل غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.
_خۇداغا شۈكرى ھاياتكەنمەن ،كۆرۈشەلىدۇق،ئەگەر كېچە....دېيشىمگىلا ئۇ ئاغزىمنى قولى بىلەن توسىۋالدى.
_شۇم ئېغىز ،بىر ئوبدان تۇرۇپسەنغۇ مانا،ئاغزىڭنى ئۇشىتمە،ھە-، دېگىنە نېمە گەپتى شۇنچە مۇھىم،مەن ئەمدى كۆرۈشمەيلى دېگەن،بىراق سەن ئاخىرقى قېتىم دېگەچكىلا قوشۇلدۇم،چاققان دېگىن ئىشىم بار.
_ نېمانچە ئالدىرايسان؟ مېنى تىرىك كۆرگىنىڭ يامان بولىۋاتامدۇ؟ ماڭا نېمانچە قىلىسەن ؟ ماڭا سەندىن ئارتۇق قىز چىقمايدۇ.ھەم باشقىسىنى خالىمايمەن.ماڭا پەقەت سەنلا كېرەك.نېمە ئۈچۈن مەندىن كەچكىنىڭنىڭ سەۋەبىنى سورىغىلى كەلدىم.بۇنى دەپ بەرمىسەڭ مەڭگۈ كۆڭلۈمدىكى قارا تۇمان تارىمايدۇ، ماڭا ئېيتقىن جېنىم زەينەپ ! قانداقلا گەپ بولسا مەن سەۋىر قىلىمەن،قوبۇل قىلالايمەن،ماڭا بۈگۈن چوقۇم ئېيتىشىڭ كېرەك.
ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ماڭا ئىختىيارسىز تىكىلىپ قالدىيۇ مەندىن كۆزىنى تېزلا قاچۇردى.
_ ساڭا دېيەلمەيمەن ،ھەم دېگۈم يوق،سېنى بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئالدىمىسام مۇشۇ ئازاپمۇ ساڭا بولماس ئىدى،بىراق مەنمۇ سېنى سۆيىمەن.ئىككىمىز يۈرگەن 3 ئايدىن بۇيان ماڭا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدۈڭ،ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىدىڭ.مەن سەندىن ئىلگىرى نەچچىسى بىلەن يۈردۈم لېكىن سەن ئۆتمۈشۈمنى سۈرۈشتۈرمىدىڭ.شۇڭا مەن بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ساڭا گۈل ئورنىدا سۇندۇم.مېنى كەچۈر،رېئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن .
_ نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ ماڭا ھەقىقىي سەۋەب كېرەك،بۇ دېگەنلىرىڭ سەۋەب بولالمايدۇ.
_ سەن مېنى ھەقىقىي سۆيگەن تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلالمايسەن، قوبۇل قىلالايدىغان يىگىتكەر 100 نىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ چىقماسلىقى مۇمكىن.مەن بەرىبىر گۇناھكار .مەندىن يىراقلاشقىن،مەن مۇشۇنچىلىكلا دېيەلەيمەن .ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلىشمايلى،خەير ئاللاھقا ئامانەت،كەلگۈسى كۈنلىرىڭ بەخت ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
ئۇ شۇنداق دەپلا كېتىشكە تەمشەلدى،مەن ئۇنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدىم.
_مېنى قويىۋەتكىن ،مېنىڭ ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ياشىغىم يوق.
_ گەپلىرىڭ باشقىچە تۇرىدۇ،ماڭا بۈگۈن سەۋەبىنى ئېيتىشىڭ كېرەك .
_ ساڭا دېسەممۇ بەرىبىر،مېنى كەچۈرمەيسەن،سەن بىر ناپاك قىز بىلەن ئۆتۈشنى خالىساڭ مۇشۇنداق ئېسىلىپ يۈرىۋەر.
_ نېمە؟
_ئەمدى بولدى قىل.
_ سەن ...سەن...نا....................
_ شۇڭا بولدى قىل.
_ ئاھ ،رەھىمسىز تەقدىر.مەن نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم؟؟؟؟؟؟؟؟
بېشىم ۋىڭىلداپ كەتتى،كۆزلىرىمدىن ياش ئەمەس قان قۇيۇلدى،مەن ئەس ھوشۇمنى تاپقاندا زەينەپ كېتىپ بولغان ئىدى.
كەچقۇرۇن ئېغىر ئازاب ئىچىدە زەينەپكە يەنە تېلفۇن قىلدىم.
_مەن رېھىم،ماڭا راستىنى ئېيت ،سەن راستلا....نا....، ئاخىرىنى دېيشكە تىلىم بارمىدى ،ئۈنۈم پۈتۈپ قالدى.ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئېسەدەپ تىغلاپ كەتتىم.
_ مەن چىداپ شۇنچىلىك دەپ بېرەلىدىم.ئەمدى ئۆزۈڭنى قىينىما،ئەمدى سەن ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىسەن ،مەندەك قىزدىن ۋاز كېچىپ بەختىڭنى تاپقىن.
_ ياق...،سەن پاك،ماڭا سەندىن باشقىسى بىكار...
_ مۇھەببەت ئۈچۈن ئىپپەتتىن كەچسەڭ كېيىنكى تۇرمۇشۇڭ ياخشى ئۆتمەيدۇ. بولدى قىل رېھىم،مېنى ئەمدى قوبۇل قىلالمايسەن.قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ،كېيىنكى كۈندە مېنىڭ ۋىجدان ئازابىدا ياشىغىم يوق.
_زادى مۇھەببەت مۇھىممۇ؟ ئىپپەتمۇ؟ بىز ئىپپەت ئۈچۈنلا ياشامدۇق ياكى مۇھەببەتمۇ بارمۇ؟
مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2