باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

قىزىمنى ياخشى تەربىيەلىيەلمىگىنىمدىن ئۈكىنىمەن

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-14 03:22:41

بىراۋ سوراپتۇ :   
_ دۇنيادا ئۆلۈمدىن يامىنى نىمە ؟  
_ قىزىڭنىڭ ناقابىل بولىشى !
بۇ دەھشەتنى باشتىن كەچۇرگەنلەرنىڭ دىلىدىنمۇ ، تىلىدىنمۇ تېخىمۇ دەھشەتلىك نىدا چىقىپتۇ : « قىز ئاسرىغاندىن كۆرە ، تۈز ئاسرىسام بولماسمىدى ؟ »  
مۇكچەيگەن قامەتلەر ، ئىگىلگەن باشلارغا كىلىدىغان خۇلاسە ئۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك : « قىز كەلتۇرگەن نۇمۇس ئۆلۈمدىن ئېغىر ! »
 بىر ئاتا تىلىدىن

بۇگۈن كېچە سائەت ئون بىرلەردە ئۆيدىكى تىلفۇن جىرىڭلىدى . مەن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ تىلفۇن ئالدىم - دە :  
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! قارشى تەرەپنىڭ جىددىي ھەم ئەنسىز ھالدا :  
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئامۇت تاغا مەن قىزىڭىز گۈلنىگارنىڭ سىنىپ مەسئولى ئايشەم بۇلىمەن . . . دېگەن سۆزلىرىدىن يۈرىكىم تېخىمۇ ئىتتىك سۇقۇشقا باشلىدى . شۇ قىسقىغىنە نەچچە سىكونت ئىچىدە ( توۋا ، قىزىم گۈلنىگارغا نىمە بولغاندۇ ؟ قىشلىق تەتىلدە ئىنگىلىزتىلى ئۇگىنىمەن دەپ ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلمىگەن ، كېسەل بۇلۇپ قالمىغاندۇ ؟ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانمىدۇيە ؟ . . . ئەجىبا . . . . ) مانا مۇشۇنداق باش ئاخىرى يوق خىيالدىن ئىسىمنى يىغىپ سىنىپ مەسئولىدىن سورىدىم : 
_ سىڭلىم ، قىزىم گۈلنىگارغا بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى ، دەرسنىمۇ باشلاپ بولغانسىلە ؟ گۈلنىگارنىڭ سىنىپ مەسئولى ئايشەم ئېغىر ئۇھسىنىپ ،
_ قىزىڭىز گۈلنىگار ، ھازىر دوختۇرخانىدا ئوپراتسىيە قىلماقچى ، جىددىي پۇل سىلىپ بېرىڭ بولمىسا ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ . . . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بىششىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم ھەم مۇئەللىمدىن :  
_ نىمە كىسەلكەن ؟ جىددىي خاراكتىرلىك سۇقۇر ئۆچەي بۇلۇپ قالغان ئۇخشىمامدۇ ؟ ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىمىغاندۇ ؟ 
_ ۋاي ، ياق ئامۇت ئاكا . . . قىزىڭىزنىڭ ھامىلا سىرتىدا بالا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۇن ئوپراتسىيە قىلىندۇ . . . دېدى ئايشەم مۇئەللىم ئىچىنغان ھالدا .  
ئامۇت تاغىنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۇپ كەتتى . . . تىلفۇندا ئايشەم مۇئەللىمگە پۇل سىلىپ بەرمەيمەن دېدىيۇ لىكىن ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالا بولغانلىقى ئۈچۇن ئەتىسى ئەتتىگەن بانكىدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئىشلىتىش ئۈچۇن سىلىپ قويغان 5000 يۈەننى ئېلىپ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى . . . نىھايەت ، دادا دوختۇرخانىغا بارغان ۋاقتىدا بولسا قىزى ئاللىبۇرۇن ئوپراتسىيە قىلىنىپ بولغانىكەن . . . گۈلنىگارنىڭ مەسئول دۇختۇرى ئامۇت تاغىغا ، گۈلنىگارنىڭ بالىياتقۇسىنى ئىلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۇنى ئىلىۋەتمىسە ھاياتىغا خەۋپ يىتىدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۇن بالىياتقۇنى كىسىپ ئىلىۋەتكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭدىن كىيىن « ئانا » بولۇش پۈرسىتىنىڭ يوقلىقى تۇغۇرلۇق تەپسىلىي چۈشەندۇرۇپ قويدى . . . ئامۇت تاغا بولسا دېمى ئىچىگە چۇشۇپ 20 يىل كىسەل ئازابى تارتقان كىشىدەك قېرىپلا كەتتى . ,
توۋا ، ئاشۇ ئامۇت تاغا قىزىغا قانچە ئىشەنگەن ، قانچىلىك ئارزو - ئۈمۈدلەرنى كەتكەندۇ دەيسىلەر ؟ ! « ئاپا » دېگەن بۇ نەقەدەر ئۇلۇغ - ھە ؟! بىز « ئاپا » ىلىرىمىزنى « ئاپا » دەپ چاقىرىپ قويساق ئۇلار بىزنىڭ قانچىلىك سۈيۇنۇپ كىتىدۇ دەيسىلەر . . . بۇ خىل ھېسياتنى ئەمدى گۈلنىگار تەسەۋۋەر قىلىپمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدۇ ، چۈنكى ، ئۇ قىز كىچىككىنە شەھۋانىي ھېسياتنى ئاشۇ ئۇلۇغ نامغا تىگىشىۋەتتى . . .  
ھەي ، ئاتا - ئانىلار ئوغۇل - قىزىڭلارغا ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ياخشى تەربىيە قىلىڭلار ، ئۆزۈڭلار ئاشۇ سەبىي ئاق كۆڭۇل پەرزەنىتڭلارغا ئۈلگە بولغۇدەك ئىش - پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىڭلار !

  مەنبەسى : چىنبۇلاق مۇنبىرى

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2