: «ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بەدەن شەكلىنىڭ كۆرۈمسىز بولۇشى پۈتۈنلەي يامان ئىش ئەمەس، بەزى ھاللاردا، ئۇ بەلكىم بەدەننىڭ تېخىمۇ ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
پۇت بارمىقى قىسقا بولسا تېز يۈگۈرەر: ئەنگلىيەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ تېز يۈگۈرەيدىغان بولۇش ئۈچۈن پۇت بارمىقى قىسقىراپ كەتكەن. پۇت بارمىقى ئۇزۇن بولسا مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈگۈرەشكە كۆپ كۈچ كېتىدۇ، تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمىمۇ ناچار بولىدۇ.
ساغرا يوغان بولسا يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى ياخشى بولۇر: تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە، ساغرا قىسمى چوڭ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى «ناچار خولېستېرىن» نىڭ سەۋىيەسى تېخىمۇ تۆۋەن، «ياخشى خولېستېرىن» نىڭ سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىنىڭ قېتىشىۋېلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، ساغرىسى يوغان كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.
مەڭلىك كىشىلەر ئاسان قېرىماس: بەدىنىدە مەڭ كۆپ بولسا كۆرۈمسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى 10 ھەسسە ئارتىپ كېتىدۇ. ئەمما تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، مەڭسىز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مېڭى كۆپ كىشىلەر ئادەتتە ئەمەلىي يېشىدىن 6-7 ياش ئاستا قېرىيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك كېسىلى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.
كۆكسى كىچىك كىشىلەر ئاسان دوك بولماس: كۆكسى قانچە چوڭ بولسا ئاسانلا دۈمبە ئاغرىش ۋە ئۇمۇرتقىسى ئىگىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كۆكسى قانچە كىچىك بولسا بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
بۇرنى يوغان كىشىلەر ئاسان زۇكام بولماس: ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشچە، كىشىنىڭ بۇرنى قانچە يوغان بولسا، چاڭ- توزان قاتارلىق بۇلغانما ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىش ئېھتىماللىقى ئازىيىپ بارىدىكەن، ئۇنىڭ زىيانلىق كېسەل باكتىرىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، شۇڭا بۇرنى يوغان كىشىلەر ئاسان زۇكام بولمايدىكەن.
يوتىسى توم بولسا يۈرەك ساغلام بولۇر: دانىيەدە 12 يىل ئېلىپ بېرىلغان، 3000 نەپەر ئەر ئوبيېكت قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، يوتا قىسمىنىڭ ئايلانمىسى 60 سانتىمېتىردىن كەڭرى، پۇت مۇسكۇلى قاۋۇل كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى زور دەرىجىدە كىچىك ئىكەن.
قۇلىقى يوغان كىشىلەر قېرىغاندا ئاسان گاس بولماس: بىئوتىبابەت مۇتەخەسسىسى، دوكتور رالف خولمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەمنىڭ قۇلىقى قانچە يوغان بولسا، قۇلاق يولى ئېرىشكەن ئاۋاز تېخىمۇ ئېنىق بولىدىكەن، شۇڭا قۇلىقى يوغان كىشىلەر قېرىغاندا ئاسانلىقچە ئاڭلاش سەزگۈسىدىن قالمايدىكەن.
تۆگە تاپان كىشىلەر ئاسان زەخمىلەنمەس: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، تۆگە تاپان كىشىلەرنىڭ پۇتى ئاسانلىقچە زەخمىلەنمەيدىكەن، تاپان يايى %20 ئېگىز كىشىلەرنىڭ زەخمىلىنىش نىسبىتى تۆگە تاپان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالتە ھەسسىدىن سەككىز ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن.