باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

پەرداز قىلىشمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-06-21 00:22:11

/

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى، :

پەرداز قىلىش ساغلاملىققا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىدىكى مەلۇم گىرىم بويۇملىرى شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، يەنى پەرداز قىلىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشى مۇمكىن ئىكەن. گىرىم قىلغاندىكى ھەرىكەت شۆلگەي ئاجىرتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىكەن، يىمەكلىكلەرنى يۇتۇش ئىقتىدارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن، ئۇنىڭدن باشقا، مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن،ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن. 

تەتقىقاتچىلار 2013-يىلىدىن باشلاپ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ئوتتۇرچە يېشى 85 ياشلىق 27 ئايالنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلار چىش ساغلاملىقى خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مومايلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئىقتىدارىنى باھالاپ چىققان. تەتقىقاتچىلار مومايلارنى ئايدا بىر قېتىم پەردازخانىغا ئاپىرىپ، پەرداز قىلىشنى ئۆگەتكەن ھەمدە ئۇدا ئۈچ ئايغىچە كۈندە بىر قېتىمدىن تېرىسنى ئاسراپ قويغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ شۆلگەي ئاجىرتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، يىمەكلىكلەرنى يۇتۇش سۈرئىتىمۇ ئېشىپ بارغان، ئۇلارنىڭ ئېغىزىمۇ پاكىزلانغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىىچە، پەرداز قىلىشمۇ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئىكەن.  

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2