باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

ئېرىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى بارمۇ؟ بىر ئايالنىڭ جاۋابى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-24 23:54:07

تەرمىلەر ( توردىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر ئايال بولغۇچىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بېقىڭ:

-ئېرىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى بارمۇ؟

-بار، خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەكلا كۆپ!

-ئۇنداقتا ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپمۇ؟

-ئاز،خۇددى ئاسماندىكى قۇياشقا ئوخشاش!

-ئەمىسە نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەيسىز؟

-چۈنكى قۇياش ئاسماندا بىرلا پارلانسا، يۇلتۇزلارنى كۆرۈنمەيدۇ ئەمەسمۇ؟!

بۇ دىئالوگنى ئۇرۇشۇپ، سوقۇششىمۇ يەنىلا بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئەنە ئاشۇ ئەر- خوتۇنلارغا بېغىشلايمەن، قارشى تەرەپنى كۆپرەك چۈشىنەيلى، كۆپرەك ئەپۇ قىلايلى! ھەر قانداق كىشىنىڭ خاتالىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.

/

مەن يەنە مۇنۇ جۈملىلەرنى ياخشى كۆرىمەن:«سەن تۇرىۋاتقان ئاشۇ شەھەردە يامغۇر يېغىپتۇ، كۈنلۈك ئېلىۋالغان ياكى ئېلىۋالمىغانلىقىڭنى تولىمۇ سورىغۇم كەلدى-يۇ، بىراق ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، كۈنلۈك ئېلىۋالمىغان بولۇشىڭدىن ئەنسىرىدىم، چۈنكى ساڭا كۈنلۈك ئاپىرىپ بېرىشكە ئىمكانىيىتىم يوق ئىدى،  بۇ خۇددى سېنى سۆيگىنىم بىلەن سەن ئىنتىزار بولغان شۇ ھەمراھلىقنى ساڭا ئاتا قىلالمىغىنىمغا ئوخشايدۇ.»

 /

«ئادەملەردەسلەپتە تۇنۇشقان چاغلىرىدا، ھەمىشە ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قارشى تەرەپكە نامايەن قىلىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ، بىرگە بولغان ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تۈرلۈك يىتەرسىزلىكلەر ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ، بىر كۈنلەردە سىز قايتا ياسالمىلىق قىلمىغان، ئۇنچىۋالا ھارمىغان، نېمىنى قىلىش كېرەك بولسا شۇ ئىشنى قىلغان چاغلىرىڭىزدا، قارشى تەرەپ سىزنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا سىزدىن ۋاز كەچمىسە، مانا بۇنىڭ ئۆزىلا مۇھەببەت بولىدۇ.»

 /

«ئەرلەر ھەمىشە ئەگەردە مېنىڭ سېنى سۆيىدىغان شۇ پاك قەلبىمدىن باشقا پۇل، ئۆي، ماشىنا ۋە شۇنداقلا ئالماس ئۈزۈكنىڭ ھېچقايسىسى بولمىسا، سەن يەنىلا ماڭا تىگىشنى خالامسەن دەپ سورايدۇ. مېنىڭ شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:ئەگەر مېنىڭ سېنى سۆيىدىغان شۇ پاك قەلبىمدىن باشقا فىگورا، چىراي-تۇرقىم، خىزمەت، بويۇم ۋە پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىمنىڭ ھىچقايسىسى بولمىسا، سەن يەنىلا مېنى ئېلىشنى خالامسەن؟ مۇمكىن ئەمەسقۇ دەيمەن، ئاياللارنى بەكلا ئەمەلىيەتچىل دەۋالماڭلار، ئەرلەرمۇ ئوخشاش! باشقىلارنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ قانچىلىك پۇل تېجىيەلەيدىغان، كۈن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىۋەرمەڭلار. غاز بىلەن ئاققۇنى بېقىشقا كېتىدىغان تەننەرخ ئوخشاش بولمايدىغاندۇ؟»  بىر پەس مۇنازىرە قوزغىغان بۇ تېمىگە سىز قانداق قارايسىز؟

 /

ناھايىتى كۆپ كىشلەر« بىر ئايال كىشى تۇرۇقلۇق، خىزمىتىگە بۇنچىۋالا بېرىلىپ نېمە كەپتۇ؟» دەپ سورىشىدۇ، مەن ئويلايمەن: تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىم دەل مەن سۆيىدىغان ئاشۇ كىشىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ پۇلدار ۋە ياكى گاداي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غۇلىچىمنى كەڭ ئېچىپ بىمالال، ئەركىن ھالەتتە ئۇنى قۇچاقلاش ئۈچۈندۇر. ئۇ باي بولسا ئۆزۈمنى ئىگىز ئوقۇرغا ئېسىلىۋالغاندەك ھېس قىلمايمەن، ئەگەر ئۇ نامرات بولسا،  ھىچ بولمىغاندا موھتاجلىققا چۈشۈپ قالمايمىز. بۇ دەل ئاياللارنىڭ تىرىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى!!! مەلىكىلەردەك ياشاش تەقدىرىمىز پىشانىمىزگە پۈتۈلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بىزدە چوقۇم خانىشلارنىڭكىدەك روھى ھالەت (يۈرەك) بولۇشى كېرەك!

 /

بىر قىزچاق توي قىلىدىغان چېغىدا، ئانىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:« قىز دوستلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن، بارغانسىرى قېرىۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتلىرىڭدا، تۇرمۇشۇڭدا ئۇلارنىڭ بارغانسىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنىنى ھېس قىلىسەن، ئېرىڭنى، كەلگۈسىدىكى بالاڭنى قانچە ياخشى كۆرۈشۈڭدىن قەتئىينەزەر، سەن يەنىلا قىز دوستلىرىڭغا مۇھتاج بولىسەن. ئۇلار بىلەن دائىم سىرتلارغا چىقىپ، بىرگە بىرەر ئىش قىلىش ھەر ۋاقىت ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇلار سېنىڭ دوستۇڭ بولۇپلا قالماي يەنە سېنىڭ ئائىلەڭدىكى مۇھىم بىر ئەزادۇر.»

 /

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2